- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1453
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
  45.3%
|
كەچۈرۈڭلار ، بۇ تېمىنىڭ ئاستىنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىۋەردىم .
كۈندە بىر يۇلتۇز ( 5-سان )
2015-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچە
يۇپىتېر : 木星,Jupiter
该时刻位置在巨蟹座( Cancer )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 2.5 - ) .
كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتى : كەچ 6:03 ، يوپىتېرنىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 13 گرادۇس ، ئورنى 79 گرادۇس ( دەل شەرقتىن شىمالغا 11 گرادۇس ) .
چىڭقى چۈش ۋاقتى : كەچ 11:48 ، ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 65 گرادۇس .
پېتىش ۋاقتى : ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن 6:48 ، ئۇپۇققا پېتىش ئورنى 262 گرادۇس ( دەل غەربتىن جەنۇبقا 8 گرادۇس ) .
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
دەل ماس كېلىدىغان ئورۇن : شايار ناھيىسى .
كەچتە شەرقتىن كۆتۈرۈلىدىغان ئەڭ يورۇق يۇلتۇز دەل يۇپىتېر . يۇپىتېرنىڭ ئېنىق يۈزى يوق ، ئاتموسفېراسى يۇپىتېرغا يېقىنلاشقانچە قويۇقلىشىپ ، ئاخىرىدا يۇپىتېر يەر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ . يۇپىتېرنىڭ تەركىبىدە ھىدروگېن ۋە گېلىي كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ ، شۇڭا ئەمەلىيەتتە بۇ بىر يۇلتۇزغا ئايلىنالماي قالغان جىسىم . يۇپىتېرنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان 63 تەبئىي ھەمرىيى بار ، ئەڭ چوڭ تۆتىنى 1610-يىلى گالىلېي بايقىغان ، شۇڭا بۇ تۆتى گالىلېي ھەمراھلىرى دېيىلىدۇ . يۇپىتېرنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرى 11.86 يىل ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ 12 بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ يەردە . ھازىرقى بىز بىلەن بولغان ئارلىقى 654 مىليون 400 مىڭ كىلومېتىر .
خاتالىق يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن . |
|