- تىزىملاتقان
- 2015-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 286
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  95.33%
|
ئېسىل ماقالىكەن. دولقۇنكامغا تەشەككۈرلەر.
مەن غۇلجىلىق ئەمەس، لېكىن زوردۇن سابىر ۋە زوردۇن سابىردىن ئىلگىرىكى ياشاپ ئۆتكەن غۇلجىلىقلارنى، گۈزەل غۇلجا زېمىنىگە ئالاھىدە قارايمەن. سەرخىل تەرەققىپەرۋەر ئادەملەر كۆپ چىققان ئېسىل يۇرت. دېمىسىمۇ غۇلجىلىقلار يېقىنغىچە دىيارىمىز مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان، ئالىملار، داڭدار ئەدىپلەر، سەنئەت پېشىۋالىرى كۆپ چىققان. مۇساپىرلارنىڭ بېشىنىمۇ كۆپ سىلىغان. ئۇ خىل ئەھۋالنى قانچە مەدھىيىلىسەك ئەرزىيدۇ.
غۇلجىغا نىسبەتەن ئاتۇش كىچىك بىر يۇرت، لېكىن كىچىكلىكىگە قارىماي ئاتۇشتىنمۇ مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ چىققان. ئاتۇشلۇقلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك روھى، تاشتىن شەربەت چىقىرالايدىغان تىرىشچان روھى، ھارام زىنا، ھارام كەيپ-ساپا، خىروئىنكەشلىكتىن يىراق تۇرۇش، ئىلىم-مەرىپەتكە بېرىلىش روھىنى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
.....
ئەسلى يېڭى مائارىپنىڭ قەيەردە باشلانغانلىقىنى تالىشىپ جېدەل قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. تورداشلار ئىككى قاشقا بۆلىنىپ تىللاشمىسىمۇ بولىدۇ. دولقۇن روزىنىڭ مۇنۇ تەتقىقاتىنىمۇ بىلىپ قويساقلا بولغىنى. يالقۇن روزىمۇ ئىلگىرىكىن بىر جېدەلخور نېمە. ئوبزور يازسا ئالدى بىلەن بىرمۇنچە ئادەمگە بىر قۇر پوپۇزا قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىش ئۈچۈن ئۆكتەملىك قىلىدىغان نېمە. ئىلىم سورىنىدا ئۇنداق ئۆكتەملىك ئېقىۋەرمەيدۇ. غەيرەتجان ئوسمانغا قىلغان ئۆكتەملىكىنىمۇ ھەممە ئادەم كۆرگەن بولغىيتتى. لېكىن غەيرەتجان ئوسمان شۇنداقتىمۇ ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسىگە خاس سالاپەتتە سىلىق يولغا سېلىپ قويغان يالقۇن روزىنى. يالقۇن روزىنىمۇ مۇشۇنداق ئۇچۇغداپ قويىدىغان ئادەم چىقمىسىمۇ بولمايدۇ. ئەمما لېكىن يالقۇن روزى ھازىر بەك تەمكىن بولۇپ بارغانسېرى ئېسىللىك يولىغا مېڭىۋاتىدۇ. كۆز تەگمىسۇن. |
|