- تىزىملاتقان
- 2014-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 645
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  29%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 10:51
دولقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى بىزنى مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپتۇ. بۇنىڭغا كۆپ رەھمەت. ئەندى بۇ ماقالە يازىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ يىتەرسىزلىكى، يالقۇن روزىنى سۆرەپ كىرگەنلىكى دەپ قارادىم. شۇنچىۋالا كۆپ مەنبەلەرگە ئىگە تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن، يالقۇن روزى ئەپەندىدىن بۇرۇن مۇنبەرگە يوللانمىدى. كىيىن يوللانغان بولسامۇ، يالقۇن روزى ئەپەندىنى سۆرەپ يۈرۈپ يازماسلىقى كېرەك ئىدى. يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ماقالەسىنى مەن كۆرمەدىم. ئەمما، پەرەزىمچە، يالقۇن ئەپەندى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىدىكى تارىخقا بىر زامان بېكىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇيەردە تەخمىنى بىر زامان مەۋجۇد. بۇ، رايونىمىزنىڭ مائارىپ تارىخىدا يازىلادىغان مەزمۇنلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ۋېبسىتتا تالاش قىلادىغان پىرىنسىپلىق مۇھىم مەسەلە ئەمەس. ھەركىمنى يازغالى قويايلى. رايونىمىزدىكى 80 نەچچە ناھىيەنىڭ ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخى يازىلسۇن، دىمەك، 80 نەچچە پارچە مائارىپ تارىخى يازىلغاندىن كىيىن بىز ئىزدىگەن مەسەسلىلەر ئايدىڭلاشىدۇ. دولقۇن ئەپەندىنىڭ بىر ئوبدان يازىلغان ماقالەسى، يالقۇن ئەپەندىنى سۆرەپ چىقمىسىمۇ مەقسەدىنى بىلدىرەر ئىكەن. ئەسەرگە يالقۇننى باشلاپ كەلگەنى، كىشىگە «مۆڭنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن» دىگەندەك تەسىر بېرىپ قويىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ، سەن بىلمەيسەن مانا مەن بىلىمەن دىگەندەك تەسىر بېرىدىكەن. يالقۇن ئەپەندىنى ماقالەگە سۆرەپ كىرمىگەن بولسا، دولقۇن ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى، دولقۇن ئەپەندىنىڭ ئىلى رايونىدىكى يىڭى مائارىپ تارىخىنىڭ ھەمىدى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ؟ |
|