- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2073
- نادىر
- 0
- يازما
- 216
ئۆسۈش
  2.43%
|
سوراپ باقاي ، ئۈچ كۈن قاراڭغۇ بولۇش نېمە گەپ ؟ بۇ يەردىكى كۈن ئۇقۇمى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ بۇنداق سورىشىمدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكىچە : كۈن ئۇقۇمى مۇتلەق بولمايدۇ ، چۈنكى فىزىكىلىق قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا يەر شارىدا بىر كۈننىڭ ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىراۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ، ئالەمدىكى كۆپ جىسىملىق سېستىمىلاردا ھەر بىر يەككە جىسىمنىڭ ئۆزىنى ئايلىنىشى بىلەن سېستىما مەركىزىنى ئايلىنىشقا كەتكەن بۇ ئىككى ۋاقىت تەڭلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ، بۇ بويىچە بولغاندا يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ ، بۇ بىر ئىسپاتلانغان ئەمەلىيەت . گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، قانچە ئىلگىركى يەر قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئېرىشىلگەن بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى شۇنچە قىسقا بولغان ، قۇياش سېستىمىسىدىكى پلانېت ، ھەمراھلارنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىمۇ بۇنى ئىسپاتلىغان . دېمەك يەرشارىنىڭ بىر كۈنىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىرىشىغا فىزىكا نەزىرىيىسى ، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە ھېسابلاش ، گېئولوگىيىلىك ئانالىز ۋە تەكشۈرۈشلەر ئىسپات بولۇپ بولغان . شۇڭا مەن قارايمەن كۈن دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ۋاقىت بويىچە ئەمەس بەلكى ۋەقە بويىچە ئېلىش كېرەك ، ئۇنداقتا چۈشەندۈرۈڭ ، ئۈچ كۈن كېچە بولىدۇ دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك ، مەن پەقەت مۇنداق چۈشىنەلەيمەن ، يەنى بۇ ئۈچ قېتىمدا قۇياش قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن چىقىپ ئولتۇرىدۇ ، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز قۇياشنى كۆرەلمەيمىز . |
|