بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 14:39
jahangir123 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 22:03 
قاسىمكا:
سىز سورىغان سوئالنىڭ ۋەزنى ئېغىرلا بىر ...
ئاللاھنىڭ شۇنداق پەيتلىرى بولغانكى، ئاسمان-زېمىن يارىتىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ-نىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدىدۇر.
_______
ئېيىتقىنىڭىز توغرا.99بىلەن مۇناسىۋەتلىك.قىسقىچىلا ئېيىتساق،ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،بارلىقنىڭ خۇجىسى بولغان زاتنىڭ ھېچنەرسىسى بولمىغان پەيتى بولمايدۇ.ھاياتلىقنىڭ قىيامىتى بۇ باشقا گەپ.بۇ،ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ياكى مۆلكى ئاللاھقا تەڭ،دىگەنلىك ئەمەس.ھاياتلىق بولمىسىمۇ ،غەيرى ھاياتلىق شەكلىدىكى مەخلۇقلىرى ھامان بولىدۇ.شۇندىلا ئاللاھ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،ھەرقانداق پەيىتتە مۆلكى بولغان زات بولالايدۇ.ئاللاھنىڭ بەرقارار مۆلكى،ئاللاھ ئۆزىگە تەڭ ئەمەس،لىكىن، ئۇزى بىلەن تەڭ مەۋجۈت.بۇنى ئىنكار قىلساق،99سۈپەت ئىچىدىكى ئالاھىزەل 92دەك سۈپەتنى ئىنكار قىلغان بولىمىز.قۇرئاندىمۇ قىيامەتتە ھېچنەرسە قالدۇرمايمەن دىگىنى يوق.ئالەمنى قەغەز يۆگەيدىغاندەك يۆگەيدىغانلىغى،تاغلارنى ژۇڭدەك تىتىۋىتىدىغانلىغى بايان قىلىنغان.بۇ يەردە يۆگەلگەن قەغەزدەك ۋە تىتىلغان ژۇڭدەك نەرسىلەرنىڭ يەنىلا قالدۇرۇلىدىغانلىغىدىن بېشارەت بېرىلگەن.مانا بۇلارمۇ ئاللاھنىڭ مۆلكىدۇر.شۇڭا مەن دەۋرى ئالەم ئىدىيىسى ئىسلامغا زىت ئەمەس,خىرىستىيانغا زىت دەپ قارايمەن.گۇناھ قىلغان بولسام ئاللاھ مەخپىرەت قىلغاي.
سىز يازغان ئاللاھنىڭ ئەرشى،سۇ،دىگەنلەرمۇ ئاللاھنىڭ مۆلكىدۇر.دىمەك،ئاللاھنىڭ مۆلكى بولمىغان پەيتى بولمىغان.ھازىر پەندە سۇ ھېدرۇگىن بىلەن ئوكىسىگىندىن تۆزۈلگەن ،دەپ قارىلىدۇ.
水
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%B0%B4
قاراڭ،ئەشۇ سۇنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ھېدروگىننىڭ مىقدارىلا ئالەمدىكى ماددىنىڭ 75پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.ھېدرۇگىن 1مىليۇندىن ئارتۇق بىرىكمە ماددىنى تۆزۈشكە قاتنىشىدۇ،دېيىلىدۇ.ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ،قالغانلىرىنى قويۇپ تۇرايلى،ئاللاھنىڭ ئەرشى پايە قىلغان سۇ تەركىۋىدىكى ھېدرۇگىننىڭ ۋەزنى قانچىلىككەن؟....
يەنە بىر نۇقتا بار:ئاللاھ بۇ قېتىمقى ئالەمدىن بۇرۇن ئەسلا ئالەم ياراتمىغان ئىدىم،بۇقېتىمقى ئالەمدىن كىيىنمۇ ھەرگىز ياراتمايمەن،دىگەنمۇ؟.
|