parangqi يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 00:24 
شائىرلىرىمىز يېڭىلىققا قىزىقىۋاتىدۇ : نېمە ئۇ ھېلىق ...
« ئۇمۇن » بەگنىڭ يازمىسىى تولۇق ۋە چۈشۈنۈشلۈك ھالدا ئوقۇسىڭىز مېنىڭ رەددىيەرىمدىكى مەزمۇننىمۇ چۈشۈنۈپ كېتىشىڭىزگە ئىشىنىمەن. تۆۋەندىكى نەقىل ئۇنىڭ « يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار » دېگەن يازمىسىدىن ئېلىندى:
« تارىخ ۋە تەرىققىيات بىزگە يىڭى تاللاشنىتۇتقۇزۇپ قويدى.يا ماسلىشىش ياكى يوقۇلۇش.
ئىنتايىن ئاچچىق رىئاللىق شۇكى ئۆركەشئىسىملىك بىر توردىشىمىز ئىنكاسىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىدەك بۈگۈنكى ياشلىرىمىز بىزگە ئۇلتۇماتۇم تاپشۇردى.
ئۇلار مىللەتكە چىرىك قاراشلىرىڭنى تازلاپ زامانىۋىيمىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلىسەن ئۇيغۇرلىقىمىزنى ساقلايمىز ياكى داۋاملىق قارشىتۇرسەن ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن باشقا مەدەنىيەتلەرگە قىتىلىپ كىتىمىز دەپ باياناتئىلان قىلىۋاتىدۇ. ياشلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ جەلىپكارلىقىغاتاتقۇزۇپ قويۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭلا سەۋەنلىكى ئەمەس. يىڭى مەدەنىيەتلەرگە،ئوخشىمىغان قاراشلارغا،پەرىقلىق سىسياسىيئىدولوگىيەلەرگە ۋە باشقا دىنى، جىنسى خائىشتىكى مىللىي ئەزالارغا بولغانرادىكاللىقىمىز بۈگۈنكى زامانىۋىي مىللەتلەردىكى يىڭىچە ئەخلاق سىستىمىسىتەرىپىدىن شاللىنىپ تاشلىنىدۇ. كۆكۈرۈپ كەتكەن قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى قۇچاقلاپ يوقۇلۇپكىتىشىمىزنى تاللامدۇق ياكى زامانىۋىي ئىدولوگىيەلەر بىلەن قۇراللىنىپمەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلامدۇق بۇ تارىخنىڭ قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسە»
|