- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7443
- نادىر
- 0
- يازما
- 416
ئۆسۈش
  48.86%
|
شائىرلىرىمىز يېڭىلىققا قىزىقىۋاتىدۇ : نېمە ئۇ ھېلىقى ئارۇز ۋەزىن- دېگەن؟ نېمىتى ھېلىقى فائىلاتۇن، فائىلاتۇن فەئۇلۇن- دەيدىغان بىر نېمىلەر؟ شائىر دېگەن مىللەتنىڭ يوشۇرۇن قەھرىمانلىرىدۇر- دەپتىكەن بىر چەتئەللىك دانا، پەيلاسوپمۇئىشقىلىپ. شائىر دېگەن قەھرىمان بولغانكىن، كۆكۈرۈپ، پاختىلىشىپ كەتكەن ھېلىقى كونا نېمىلەرنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، بىزمۇيېڭى زامانغا لايىق، غەرپتىن ئۈلگە ئېلىپ، پابلو پېكاسسو، ماكىس ئېرنىست، سالۋادورداللى... لارنىڭ سۇررېئالىستىك سەنئەتمېتودىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلساق، رېئالىزىمدىن ھالقىغان، زامانىۋى ئىدىيە،زامانىۋى مەدەنىيەت ياراتساق نېمىشقا بولمىغۇدەك. شۇنداق قىلىپ، فۇزۇلى، نەۋايى، سەككاكى، نەپىسى يۈكنەكى... يەنە نېمىلەرئىدى، ھە . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆكۈرۈپ كەتكەن، پاختىلىشىپ كەتكەن نەرسىلەردۇر.ئۇلار ئۆز زامانىسىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارە قەھرىمانلىرى بولۇپ ئۆتكەنلەر. بىزمۇ زامانىمىزغا مۇناسىپ يېڭىلىق ياتىرىشىمىز لازىم. پۈتۈن بىر مىللەتنى يېڭىلىققا،يېڭىلىنىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك. ئەقلى،كاللىسى پاختىلىشىپ كەتكەن ساختا دىندار، رادىكال، ئوتتۇر ئەسىرگە ئائىت جاھاللەتتە قالغان، كاللىسىنى ھېسسىيات چىرماپ كەتكەن نادانلار نېمە دېسەدەۋەرسۇن. تىللىسىمۇ، ھاقارەت قىلسىمۇمەيلى، چۈنكى بىز دېگەن مىللەتنىڭ يوشۇرۇن قەھرىمانلىرىدۇرمىز!
__________
يازما ئاپتورى قېرىندىشىم :
ئۇمۇننىڭ يازمىلىرىدىن يۇقۇرىدىكى تەسىراتقا كەلگەن بولسىڭىز، مەسىلە سىزنىڭ ئەتراپلىق، ئەستاھىيىدىل مۇلاھىزە قىلىشنى خالىمىغانلىقىڭىزدا بولۇشى مۈمكىن. ئۇمۇننىڭ يازمىلىرىمۇ، سىزنىڭ ئىنكاس يازمىڭىزمۇ كىشىدىن كۆپ تەرەپلىمە بىلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، لىللاھ، سەمىمى پوزىتسىيىدە بولۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
تەسىراتىڭىز سەل گادىرماشتەك قىلىدۇ. |
|