- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 348
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  24%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن ،
ئۈچ ھەپتىنىڭ ئادىدا ئايالىمنىڭ قۇرسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ ناھىيەلىك دوختۇرغانىغا ئاپارغان ئىدىم .[ئايالىمىڭ بويىدا بار ئىدى 8 ئايلىق بولغان]
ياتاق رەسىمىيەتلىرىنى ئۈتەپ بولاپ تۇرۇشۇمغا بىر دوختۇر كىلىپ سىلەر دەرھال ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىڭلار دەپ يولغا سالدى.
ئەھۋالىنىڭ جىددىلىكىنى بىلىپ دەرھال ۋىلايەتلىك دوختۇرغانىغا يوتكىلىپ بىرە سائەتكىچە تەكشۇرەشلەر تۇگەپ ئايىلىمنى ئوپراتسىيە ئۈيىگە ئەكىرىپ كەتتى.
ئالدى بىلەن ياراتقان ئىگەمنىڭ شاپائىتى دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن .ئايالىمنىڭ ھاياتى ساقلىنپ قالدى ،بالام قۇرساق بوشلۇقىدا تۇنجۇقۇپ تۇگەپ كىتىپ قاپتۇ .ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا ئانىسىنىڭمۇ ھاياتى خەۋىپ ئىچدە قالىدىكەن.
دوختۇرخانىدا ياتقاندا كەتكەن ئۇمۇمى چىكىم 15مىڭ300يۇەن بوپتۇ ، بۇنىڭدا ئوپراتسىيە قان سالغان ھەق داۋالاش تەكشۇرۈش دورا ئۇكۇل ياتاق دىگەندەك ھەقلەر ئىكەن ،ئەر خوتۇن ئىككىلىمىز شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىسغا قاتناشقان ، ھەر ئىككلىمىزنىڭ خىزمىتىمىز يوق ، تۈۋەن تۇرمۇش ئوبىكتى ، داۋالاش سوغۇرتىسى ئاتچوت قىلدۇرىدىغان يەرگە ئۇلار دىگەن ماتىرياللارنى تەييارلاپ بارسام
500 يۇەن ئاتچوت قىلىپ بەردى، دوختۇرخانا تۇغۇتنى ئاتچوت قىلمايدىكەن.
ئەمدى تورداشلاردىن سورايدىغان ياردىم مۇشۇنداق ئەھۋال شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىغا كىرەمدۇ كىرسە قانچىلىك ئۆلچەمدە ئاتچوت قىلىپ بىردۇ ،15000يۇەنلىك داۋالىنىپ 500يۇەن ئاتچوت تازا كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ .
|
|