- تىزىملاتقان
- 2014-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 679
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  35.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BURGA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-16 11:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بالىڭىزدىن ئايرىلىپ قالنلىقىڭىزغا ئەپسۇسلىنىمەن،سەۋر قىلىڭ ،يەنە خۇدايىم بىرەر.
دولەتنىڭ سۇغۇرتا سىياسىتىدىن پۈتۈن جەمىيەت باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان سىياسەتنۇ چىقىپ قالار(ھازىرمۇ بار بۇسىياسەت .لېكىن ،ئىشلەۋاتقانلار كۆپرەك بەھرىمەن بولىدۇ ).ئايالىم يېقىندا <<لوقمان دوختۇرخانىسى >>دا ياتاقتا يېتىپ تۇرۇپ كىسەل تەكشۈرتۈش قىلغان ئىدى .ئىش ئورنى بولمىغاچقا، <<3000يۈەن ئىچىدە 70پىرسەنت ئات-چوت قىلىمىز ، ئاشقان قىسمىنى ئۆزەڭلار ئۈستۈڭلارغا ئالىسىلەر >>دىدى . تەكشۇرتۈش داۋامىدا ، <<ساختا رىماتىزىم >> ، <<ئۆتتە 9مىللىدىن چوڭراق، جىق تاش بار ، ۋاختىدا ئالدۇرمىسىنڭىز جىگەرگە چاپلىشىدۇ ، ئۇچاغدا خەتەرلىك>>دىدى .بىز دىئاگنۇز قويۇش ۋە <<ساختا رىماتىزىم >> ئۈچۈن بىر ھەپتىدە 6000يۈەنگە يېقىن پۇل تاپشۇردۇق. ئوپىراتسىيە قىلدۇرساق، ئۈستىمىزگە ئالىدىغىنىمىز تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن . ھەقىيقەتەن ، تۈۋەن كېرىملىك ئائىلىلەر، كېرىمى يوق ئائىلىلەر ئۈچۈن بۇ ئاز پۇل ئەمەس.دۇختۇرخانا چىقىمىنى<< ئات-چوت قىلىپ بېرىش>> سىياسىتى خەلقنىڭ نۇرغۇن يۈكىنى يەڭگىللەتتى، دوختۇرخانىلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ 50 پىرسەنتتىن_ 100پىرسەنت گىچە ئات-چوت قىلىپ بېرىدۇ.نۆۋەتتىكى مەسىلە، داۋالىنىشقا كېتەرلىك ئەشۇ پۇل سوممىسى قانچىلىك ئادەمدە نەخ بار؟ يەنە قانچىلىك ئادەمدە نەخ يوق مەسىلىسىدۇر.نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتنە-يېرىم ، قەرز قىلىپ دوختۇردا ياتىدۇ ، ئات-چوت قىلىپ بەرگەندە قايتۇرىدۇ .ناھايتى قىممەت بولغان تەكشۈرتۈش ھەققىنى ۋ ماتىرىيال ھەققىنى پۈتۈنلەي بىمار ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەلۋەتتە ، دوختۇرخانىلارمۇ بەلگىلىمە بۇيىچە ئىش قىلىدۇ. << بەلگىلىمە >> يېڭى باشتىن ئويلىشىلىمىسا << قەرزدا بىمارلار >> مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ . بىر ژورنالدا كورۈشۈمچە ( ئۇچاغلاردا تېخى دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا مەسىلىسى ، بالىلارنىڭ سۇغۇرتا مەسىلىسى ئويلىشىلمىغان ۋاقىتلار ئىدى ) ، << دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ قانداق كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تېپىشى < ئاددى ئۇسۇلدا تاپامدۇ،ياكى ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمىدە تاپامدۇ >، كەسپى ماھارىتىگە باغلىق بولۇپ ، ئۇ دەل مۇشۇ ماھارات_ ئىنۋانىغا ئاساسەن ، بەلگىلىك ئىش ئورنى،دەرىجە، مائاشقا ئىگە بولىدۇ . ئۇنىڭ بىماردىن يەنە تەكشۈرۈش ھەققى تەلەپ قىلىشى_ نامۇۋاپىق ، ئارتۇقچە ھەق ئېلىشتۇر>>دەپ يېزىلغان ئىكەن.
<<شىجىپىڭنىڭ كىيىنكى 30يىللىق نىشانى >> دىكى ،<<ئوقۇش، داۋالىنىش ھەقسىز بولۇش.>>،<<پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش >> ...قاتارلىق 20نەچچە تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، خەلقنىڭ يۈكى ھەقەقى يەڭگىللىشىپ قالاتتى.
<<ئەرقال تاراتقۇسى>> خەۋىرى:
<<بۇۋاقلار تۇغۇلۇپ كىيىنكى ئايدىن باشلاپلا سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بۇلالايدىكەن>>.تەپسىلى مەزمۇنىنى <<ئەرقال تاراتقۇسى>> دىن كۆرۈڭ! ياكى ئاڭلاڭ! |
|