قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1027|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

1-ئايلىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

254

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33928
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 19:01:54 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AriFe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 10:54  

   ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىر تور ئەھلى،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!!! كېچىكىپ قالغان بولساممۇ، «دوستلارغا چوقۇم يىتىشىۋالىمەن!» دىگەن زور ئىشەنچ بىلەن بۇ مۇنبەرگەئەزا بولدۇم، شۇنداقلا كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ قىسقىغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ تۆۋەندىكى دوكلاتىمغا كۆزيۈگۈرتۈپ قويسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە،كونۇپكا تاختىسىدىن ئۇزۇن مۇددەت يۈز ئۆرىگەن بۇ بارماقلىرىمنى مانا ھازىر شۇ كونۇپكا تاختىللىرىدا يىنىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن
    .2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بىكىتىلگەندىن بۇيان شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۆزۈملا ئەمەس ھەتتا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچىلىك ئەۋج ئالدى،شەخسەن ئۆزۈم رايونىمىزدىكى دوستلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن بىرقانچە قېتىم «كىتابىم» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقانمۇ بولدۇم،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بىكىتىپ،ئۇخلىمىغان بولسىمۇ مۈگدەۋاتقان ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈزىگە مۇزدەك بۇلاق سۈيى چېچىپ سەگەكلەشتۈرگەن قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە(توپىسى ئېغىر ئانا يۇرتۇم)3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى روزى مۇھەممەد ئارتۇرچ مۇئەللىمگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى «ئىلىم چاي»لىرىنىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى زوركۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن كىتابخۇمار دوستلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،ئىشلىرىڭلار تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىغۇسى،رەھمەت سىلەرگە!!
    مەن1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇپ چىقتىم. يازغۇچىلىقتىن تازا بەك خەۋىرىم يوق ، يەنە كېلىپ پىكرىم سەل چېچىلاڭغۇ بىر كىتاب خالتىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى يازمامدا مەسىلە كۆرۈلۈ پ قالسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن شۇنداقلا ئەرزىمەس دوكلاتىمدىن تور كېزەر دوستلارغىمۇ ئانچە مۇنچەپايدىسى تىگىپ ،ياخشى بىر كىتاب ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمۈدتە مەن. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلىپ، دوكلاتىمنى باشلاي ئەمىسە.

بىرىنچى كىتاب

1.JPG


file:///C:/Users/Rabiye/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image002.jpg
كىتاب ئىسمى: «مەدەنىيەت ۋەمەۋجۈتلىقىمىز»
كىتاب ئاپتورى: ئابدۇرېھىم دۆلەت
كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشىر قىلىنغان ئورۇن:  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشىرى ۋە بېسىلىشى: 2003-يىلى5-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى
كىتاب نۇمۇرى:ISBN7-228-08025-4
كىتاب مەزمونى ھەققىدە:
   ئاپتوركىتابنى«ئەمدى قانداق قىلىمىز» دىگەن تېما بىلەن باشلىغان،دەسلەپ ئوقۇپ مەنمۇ بەك ھەيران قالمىدىم،چۈنكى ئاپتور دىگەندەك بىزنىڭ ئۆيدىمۇ يېزىدا ئوقۇپ،ئىسمىنى يېزىشنى بىلمەي باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن زىيالىي ئاكام بار. شۇڭا كىتابتا سۆزلەنگەندەك ئوقۇغۇچىغا كۆچۈرۈشنى ئۈگەتكەن ئوقۇتقۇچى،ھەتتائىمتىھاندا ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەپ بەرگىنىدەك، يېزىپ بەرگەنلىرىدەك قاراشلارغا ياقا،بارماق چىشلەشكە مەجبۇر بولمىدىم، (ئەلۋەتتە،ھازىر ئۇنداق ئىشلاريوقتۇ دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە)، ھازىرقى قوش تىل مائارىپىمىزدا«ئانا تىل» خىرىسقادۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، شۈكرى ئاللاھ،ھازىر مائارىپىمىز خىلى يۈكسەلدى دەپ قارايمەن .شۇڭا ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيەرىم،بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىنى پەقەت مەكتەپكىلايۈكلەپ قويماي،ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتسە،توي-تۆكۈن،قاتارچاي....دىگەندەك سورۇنلارغا كەتكەن ۋاقىتنى بىراقلا يوق قىلىۋىتەلمىسەكمۇ ئازايتىپ، بالىلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتساقكەن دىگەن ئۈمۈدتەمەن.(گەرچە تىخى توي قىلمىغان بويتاق بولساممۇ بۇيەردە سەل ئاتكاچىلىق قىلغۇم كەلدى،ھى ھى ھى )
    24-يانۋار،رايونىمىزدىكى كىتابخۇمارلاريىغىلىشىغا قاتنىشىىشقا مۇيەسسەر بولدۇم،ئارىمىزدا بىركىتابخۇمار قېرىندىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشتا مۇنداق قائىدىسى باركەن،يەنى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە«ئانا يۇرت»،«ئويغانغان زېمىن»...دىگەندەك كىشىنىڭ قەلبىنى ئېزىدىغان تارىخى رومانلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن ئىكەن،ئۇلارنىڭ قارىشىچە تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاش ھاجەتسىز،يەنە كېلىپ ئۇنداق كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ،ئازاپقا سالىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ قاقشاپ،زارلىنىپ ئۆتكەندىن يەنىلا ئالدىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىگەن مۇھىمكەن، شۇچاغداكىتاب ئىچىدىكى«يۈگەنسىز ئىزتىراپلار»تېمىسىدىكى مۇنۇ جۈملىلەر ئېسىمگە كەپ قالدى«ئۆتمۈشخۇلاسىلىرىمىزنىڭ يوقلىقى بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن مەھرۇم قىلسا،كەلگۈسى ھەققىدىكى بىرەر لايىھىمىزنىڭ يوقلۇقى بىزنى ماڭىدىغان يولدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ».
    مەن ئويلايمەن،ھەقىقەتەن شېرىن خىيالنىڭ قەلەندەرى بولۇپ ياشىغاندىن رىئال تۇرمۇشنىڭ ئىجادچىسى بولغىنىمىز ئەۋزەل،ئەمما ھېچقايسىمىز «دىلنى ئېزىدىكەن،ئۆتكەن تارىخ ئۆتتى»دىگەندەك نەزەر بىلەن تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشتىن باش تارتساق ئەۋلادلارغا كىم شۇ تارىخنى سۆزلەپ بىرىدۇ؟؟ئېغىز ئەدەبىياتى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ باقماي تۇرۇپ،ئاڭلىغىنىمىز بويىچە ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرساق،ساپ تارىخ قالماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.شۇڭا ئاپتوردىگەندەك ئۆتمۈشىمىزدىن خۇلاسەچىقارغان ھالدا،كەلگۈسىمىزگە ئىنتىلسەك دىگەن ئۈمۈدتەمەن.ئاپتوردىگەندەك«سۇنىڭ سۈزۈكلۈكى ھەربىرتامچە سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىگە باغلىق»تۇر.كونىلاردىمۇ«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركۆرگەن ئەلا»دىگەن گەپ بارغۇ،گەرچە تارىخقا قايتىپ كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمىسەكمۇ(نەئۇزىبىللاھ،ئۇتارىخ قايتىلانمىسۇن) يازغۇچى ئەدىبلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان شۇ تارىخ بەتلىرىگە نەزەر سالساق ئاڭلاپ بىلىۋالغاندىن ئۈنۈمى كۆپ دىگەن قاراشتامەن.
   ئەمدى «جاھاندىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ قويايلى» دېگەن تېمىغاكىلەي،تېمىنىڭ ئاخىرقى بىرئابزاستا مۇنداق بىرقانچە جۈملە بار«بىزگە ھەركۈنى ھەرخىل يېڭى ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ،كىتاب-ژورنال،گېزىتلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز.نېرۋىلىرىمىزئۇچۇرلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا ئۆزى ئۇچرىغان نەرسىلەردىن ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ،زىيانلىقلاردىن ساقلىنالايدۇ.شۇلارلا مەڭگۈ ھاياتىي كۈچكە ئىگە». بۇجۈملىلەرنى كىتابنى ئوقۇۋېتىپمۇ خېلى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،مانا ئەمدى ئەمىلىي تۇرمۇشۇمدا قانداق ئىشلىتىشنىمۇ بىلىۋالدىم، مەسىلەن: 2015-يىلىغا  «ئەلى قۇربان مۇئەللىم بىلەن زىۋىدەخانىم مۇسابىقىسى» بىلەن كىرگەندەك قىلغان ئىدىم،ھازىر ئەمدى«ئۈمۈد پاراڭلىرى بىلەن ئارتۇچ پاراڭلىرى» بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈم،بۇيەردە ھىچقاچان بىرىنىڭ مۇتلەق خاتا ياكى توغرا دەپ كېسىپ ئېيتماقچى ۋەياكى بىرىنىڭ قىلغانلىرى توغرا ۋەياكى بىرلىرىنىڭ قىلغانلىرى خاتا دىيىش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ گۈللىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان شۇ ياش ئېستىدات ئىگىلىرىنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن ھەم ئۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق،پەقەت ئوقۇغان مۇشۇ كىتابىمدىكى بىلىملەر ئارقىلىق ھەممەيلەنگە شۇنى يەتكۈزگۈم كىلىدۇ: شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى يىسەك تەن سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىقتۇر.مانا مانا، پىكرىم يەنە قالايمىقانلىشىپ كەتتى،مەقسىدىمنى يىغىپ ئېيتسام يا مەن بەك ھاياجان ئىچىدە بۇكىتابنى ئوقۇپ بېقىشقائەرزىيدۇ دەپ تەۋسىيە قىلغاندىمەن، ياكى راستلا بۇكىتاب ھەقىقەتەن ئوقۇپ بېقىشقائەرزىگۈدەك پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولىشى مۇمكىن،ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ كىتابنىڭ باھاسى ئاران 18.7 يۈەن شۇڭا دوستلاربولسا بىركۆرۈپ باققان بولسا دەيمەن(پىلانىمدا ھەربىر تېما يەنى ھەربىر ماۋزۇئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزمەكچى ئىدىم،چوڭ يەردىن چۈشىۋالغان ئوخشايمەن،يەنىلائۆزۈڭلار ئوقۇپ باھا بەرگەيسىلەر،مەن يىزىپ بولالماي قالدىم).

ئىككىنچى كىتاب

2.jpg


file:///C:/Users/Rabiye/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image004.jpg
كىتاب ئىسمى: «ئەسىرگە تەڭ ھايات-كونائەسكەرنىڭ كەچمىشى»
كىتاب ئاپتورى:مۇھەممەد رەھىم
كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە
نەشىر قىلىنغان ئورۇن:  شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
نەشىرى ۋە بېسىلىشى: 2014-يىلى9-ئاي 1-نەشىرى 11-ئاي 1-بېسىلىشى
كىتاب نۇمۇرى:ISBN 978-7-5631-2765-8
كىتاب مەزمونى ھەققىدە:
   ئەسەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا كاتىباتلىق خىزمىتىنى ئۆتەش شۇنداقلائەسكەرلىك ۋەزىپىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىرىمىز مۇھەممەد رەھىم ئاكىمىزنىڭ  ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان، دەسلەپ كىتابنى ئوقۇپ باش قىسمىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىقا ئائىت باشقا ماتىرىياللاردىكىدەك تارىخى ۋەقەلەر بىلەن ئۇخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەيلى شۇ تارىخنى كىم يېزىشىدىن قەتئىينەزەر ئەلۋەتتەراست بولغان كەچمىشلەر بولغاچ شۇڭا تارىخ سەھنىسىدىكى ئوخشاشلىقلار كۆپ بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. كىتابنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدىكى مەزمونلاردىن ئاپتۇرنىڭ  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى مەندە ئاپتورغابولغان تولىمۇ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى (ئىلگىرىمۇ مۇھەممەد رەھىمنىڭ شېئىرلىرىغا بولغان ئىشتىياقىم بىلەن ھۆرمەت قىلاتتىم)ھەسسىلەپ  ئاشۇردى دىسەم ئارتۇق كەتمەس.چۈنكى ئاپتۇر بۇ كىتابنى 88 يېشىدا يېزىپ تاماملىغان ئىكەن.     دەسلەپ كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ بىر دوستۇمغا سۆزلەپ بەردىم، دوستۇم «ئەمىسە بۇ كىتابنى كۆرمىسىمۇبولغۇدەكقۇ» دىگەن  ئىنكاسنى بىلدۈردى،ئويلاپ قالدىم، ماڭا ھازىر  مۇشۇ يېشىڭدا  باشلانغۇچ ۋاقتىڭدىكى ئىشلارنى كىچىككىنەبىر  بايان قىلىپ باققىن دېسە ،بەلكىم  بېشىمنى قاشلاپ ، «ئەستە تۇتۇشقابىلىيىتىم ناچار»دىگەن يوغان باھانە بىلەن ئولتۇرىۋىلىشىم مۇمكىن،ئاپتۇرنىڭ  مۇشۇ  يېشىدا تارىخىي  كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ ، ئەۋلادلارغا   تارىختىن كىچىككىنە  مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە كىتاب تۈزىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. كىتابنىڭ ئاخرىدا شېئىر ۋەزىنلىرى توغرىسىدا ئازراق توختالغان ئىكەن، شېئىر يېزىشقاقىززىققۇچىلارنىڭ  يامان ئەمەس ماتىرىيالى بولۇپ  قالغۇسى  ئىنشائاللاھ.
    ئاخىرىداكىتابتىكى مۇنۇ جۈملىلەرنى دوستلار ھوزۇرىغا سۇناي:شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن قوزغىلاڭلار،ئويغۇنۇش ھەرىكەتلىرى تارىخىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.بۇ ئىنقىلابنىڭ شانلىق تارىخنى يېزىش ۋە ئۇنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا نۇرغۇن ئەدەبىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر يېزىلدى. مېنىڭ بۇ ئەسلىمەم ئاشۇ شانلىق تارىخنىڭ بىرەر ھاجتىگە ياراپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن كۆڭلۈم ئەمىن تېپىۋاتىدۇ.
خۇلاسەمدە:مەن ئويلايمەن ھەربىرىمىزدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسا ھە!!!

                                                                    2015-يىلى 4-فېۋرال   

0

تېما

0

دوست

455

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:38:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تېما ئېگىسى،ۋە مۇنبەرداشلار ، بارلىق كىتاپ خۇمار دوسلار ،بۇندىن كىين كىتاپ ھەققىدىكى تەسىراتىمىزنى مۇ شۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدەيوللايلى بۇنداق قىلغاندا ياخشى كىتاپلارنى ،ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشقىلى،تەسىراتىمىزدىن تەڭ بەھىرلەنگىلى بۇلىدۇ قېنى ئەمىسە باشلايلى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

236

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33560
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 13:56:44 |ئايرىم كۆرۈش
بەكلا ئەھمىيەتلىك ئىش  بولۇپتۇ .مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىز ئوقۇغان كىتاپلاردىن خاتىرە شەكلىدە پىكىر بايان قىلىپ ماڭساق ياخشى بولىدىكەن. باشقا تورداشلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ ئوقۇغان كىتاپلىرىمدىن ئالغان تەسىراتىمنى ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ يوللايمەن.

7

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 15:46:21 |ئايرىم كۆرۈش
رھمەت قىرىنىدىشىمىز داۋاملىق تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن!

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 16:07:21 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 17:15  

ئەسىرگە تەڭ ھاياتنى باشلىۋالدىم .لىكىن ،بىشى مىنى قىزىقتۇرالمىدى .بىراق،ئوقۇپ تۈگىتىمەن .
رەھمەت ،مۇنبەردىشىم .ئەمىلىي ئىشقىلىپ 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش مەدىنىيىتى يىلىنى قۇرۇق شۇئار قىلىپ قويماپسىز .

0

تېما

5

دوست

763

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 17:13:41 |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 16:07
ئەسىرگە تەڭ ھاياتنى باشلىۋالدىم .لىكىن ،بىشى مىنى قىزى ...

‹‹ئوقۇتۇپ تۈگىتىمەن ›› مۇ ؟ ئوقۇپ تۈگۈتىمەن مۇ؟

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 17:14:57 |ئايرىم كۆرۈش
otikur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 17:13
‹‹ئوقۇتۇپ تۈگىتىمەن ›› مۇ ؟ ئوقۇپ تۈگۈتىمەن مۇ؟

سەت بولدى خەتكە دىققەت قىلماپتىمەن .مەن ھازىرلا تۈزىتەي .ئوقۇپ تۈگىتىمەن ..

1

تېما

0

دوست

254

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33928
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 17:39:25 |ئايرىم كۆرۈش
كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن،ئىنشاللاھ، ھەربىر ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن ئازغىنە كەم بىرنەرسە يېزىپ دوستلار ھوزۇرىغا سۇنسامكەن دىگەن ئارزۇدا تىرىشىۋاتىمەن( بۇندىن بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلىرىمنى يېزىش ئەپسىز بوپ قالدى،ئىنشائاللاھ،ئەمدى ۋاقتى ۋاقتىدا يوللىنىدۇ). دوستلارنىڭمۇ مەندەك بىر قىززىققۇچىنى ئۆز ئويلىغانلىرى بىلەن تەمىنلەپ ،ئورتاق ھەمبەھىرلىسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )