- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 381
- نادىر
- 0
- يازما
- 18
ئۆسۈش
40.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AriFe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 12:35
2-ئايلىق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىركىتابخۇمار قېرىنداشلار،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن،كەمىنە كىتابخۇمار چېچىلاڭغۇدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!!!
شۇنداق قىلىپ يەنە كېچىكىپ قېلىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،دەرھال كومپىيوتىرىمغا چىڭ ئېسىلىپ،گۈرجەك تۇتۇپ قاپىرىپ قالغان بىچارە قوللىرىمنى كونا كونۇپكا تاختىسىدا ئاستا ھەرىكەتلەندۈرۈپ،ئەركىن خياللىرىمنى قاناتلاندۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەقسەت پەقەت 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى نىشانىم بويىچە ئوقۇغان كىتابلىرىمنى ۋە شۇ كىتابلاردىن ئالغان قىسقىچە تەسىراتىمنى دوستلار ھوزۇرىغا سۇنۇش ئارقىلىق ئۆزۈم ۋە ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش خالاس. چېچىلاڭغۇ پىكىرلىرىم دوستلارنى بىئارام قىلىپ قويغۇدەك بولسا،كونا قائىدەم بويىچە يەنە ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن،يەنە دىسەم يەنە شۇ،يازغۇچىلىق ماقامىغا يەتمىگەچكە خاتالىقتىن مۇستەستا ئەمەسمەن،مانا مۇشۇ سورۇندا ئورتاقلىشىش ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىم ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتتۇرغۇم بار،كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تەنقىد-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئەمىسە 2-ئايلىق دوكلاتىمنى باشلاي،نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.
مەن2-ئاينىڭ3-كۈنىدىن2-ئاينىڭ10-كۈنىگىچە يەنە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپ چىقتىم.قىسقىغىچە ۋاقىت ئىچىدە بۇبىر پارچە كىتابنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بەرگەن رەببىمگە كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن...
(ئادەتتە بىرئىشلارغا خېلى ئەستايىدىل پوزىتسىيە مۇئامىلە قىلىش ئادىتىم بولغاچ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇكىتابنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدىم دەپ ئويلايمەن،كىتاب مېنى ئەمەس،مەن كىتابنى ئوقۇپ پۈتتۈرگىنىمگە ئىشىنىمەن،ئەلھەمدۇلىللاھ!)
كىتاب
كىتاب ئىسمى: «پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى-牧羊少年的奇幻之旅»
كىتاب ئاپتورى: پاۋلو كوئېلو(Paulo Coelho)
كىتاب تىلى: 80دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان (ئوقۇغىنىم ئۇيغۇرچە)
نەشر قىلىنغان ئورۇن:) قولۇمدىكى خەنزۇتىلى نەشىرى (نەنخەي باسما زاۋۇتى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئورۇن:مىسرانىم تورى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن(ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش«ئاسىيا كىندىكى»گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە)؛
تەكلىپلىك مۇھەررىر: ئەلى مۆمىن(بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتى)
نەشرى ۋە بېسىلىشى: 2009-يىلى3-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى
كىتاب نومۇرى:ISBN:9787544244190
كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە: تەرجماننىڭ تەمىنلىشىچە،«پادىچى بالىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى»ناملىق بۇكىتاب ھازىرغىچە 80 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە 165 مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان بولۇپ،پۈتۈن يەرشارىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەنگە ئېرىشكەن كىتابلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىكەن،ئەسەرنىڭ ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ مۇقاۋىسىغا«قولىڭىزدىكىسى ئادەمنىڭ ھاياتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ياكى ئون يىلدا ئاران بىرەرسى چىقىدىغان كىتاب»دەپ يېزىلغان ئىكەن،ئامېرىكا كۇتۇبخانا بىرلەشمىسى ئەسەرگە«ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇشلىقى»دەپ باھا بەرگەن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بىرىكەن.
ھىكايە ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجى بولسا،سانتىياگو ئىسىملىك ئىسپانىيەلىك پادىچى بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئىككى قېتىم كۆرگەن ئوخشاش بىر چۈشىنىنىڭ تەبىرىنى ئېلىش ئۈچۈن،بىرپالچى موماينىڭ ئالدىغا بارغانلىقىدىن باشلانغان. (شۇنى ئويلاپ قالدىم، قارىغاندا«پالغائىشەنمە،پالسىز يۈرمە»دىگەن قاراش چەتئەللىكلەردىمۇ بار ئوخشىمامدۇ؟ھې ھې ھې)
ئەسەردە سېگان پالچى موماينىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىگە ئاساسەن، سانتىياگو چۈشىدىكى ئەلئېھرام ئارىسىغا يوشۇرۇنغان غايىۋى بايلىقنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ شۇنداقلا مۇشۇ سەپەر جەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. كىتابنى ئوقۇۋېتىپ«سەپەر جەريانىدا ئۇ يولۇققان قىيىنچىلىقلاغا مەن يولۇقۇپ قالسام قانداق قىلار بولغىيدىم؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.مەن كۆپ ھاللاردا كىچىككىنە بىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسام«بۇنچىلىك ئىشلارغا زېھنىمنى سەرپ قىلمايچۇ،كىيىنچە بوش ۋاقتىم چىققاندا ئالدىرىماي قىلىۋالامەن»دىگەندەك يالغان تەسەللىلىيلەر بىلەن شۇ ئىشنى قىلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن،نەتىجىدە مەن قىلماقچى بولغان كۆپ ئىشلار ئاغزىمدىلا بىرتەرەپ قىلىنىپ،ئوي-خىياللىرىمدا نەتىجىسى چىقىپ بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا نۇرغۇن-نۇرغۇن باھانىلەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ.مۇشۇ كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق سانتىياگونىڭ روھىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئارزۇلىرىمنىڭ قانچە يىراقتا بولىشىدىن قەتئەينەزەر،نىشانلىرىمغا يېتىش سەپىرىمدە قانچىلىغان قىيىنچىلىق ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىمدىن قەتئىينەزەر پەقەت شۇنداق بىر غايىۋى روھنى ئۆزۈمدە تىكلەپ تىرىشساملا ھامان بىر نەتىجىنى كۆرەلەيدىكەنمەن.
«سەۋر-تاقەت بولسىلا،خالىغان نەرسىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن،» دەپ ئويلىدى سانتىياگو.ئۇ مۇنۇلارنى ئويلاپ قالدى«ھەركىمنىڭ دۇنيانى ئۈگىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار.ئۇنىڭ ماڭا،مېنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەسلىكى تۇرغان گەپ،شۇنداق بولغاچقا ئىنگىلىزنىڭ قاراشلىرىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىم پەزىلەت ئەمەس.» مۇشۇ قۇرلاردىن شۇنى ھېس قىلدىم: مەن گەرچە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىدە بولغان بىر زىيالىي بولغىنىم بىلەن كۆپ ئىشلاردا باشقىلارنى تەلىۋىم بويىچە ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلاپ قويىدىكەنمەن، پەقەت قىسمەن ھاللاردا،ئاندىن ئۆزۈمنى باشقىلارئورنىدا قويۇپ مەسلىنى تەھلىل قىلىدىكەنمەن، ئەسەردىكى سانتىياگو گەرچە بىر پادىچى بالا بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى باشقىلارنى ھۆرمەتلەش،مەسىلەرنى ئەتراپلىق كۈزىتىپ، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن بىرقارارغا كېلىشى ھەقىقەتەن قايىللىقىمنى كەلتۈردى. ئىنسان نەفسىگە شەخسانىيەتچىلىك،ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىكتەك بىرقاتار پارازىتلار يوشۇرۇنغان بولىدىكەن،بۇھەقتە مۇقەددەس كىتابىمىزدا مۇنۇ قۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم «ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ(يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر) سۈرە كەھف 54-ئايەت». ئەمما بىزئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا«ئەگەر مەن قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام ئىدىم..» دىگەن بىرئۇقۇمنى كۆپرەپ ئويلىساق،يەنە كۆپلىگەن دە-تالاش،كۆڭۈل ئازارچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتىكەن دەپ قارايمەن.
تۆگىچىنىڭ سانتىياگوغا دىگەنلىرى:«مەن ئۆتمۈش ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ياكى كەلگۈسى ئارزۇلار بىلەن ياشايمەن،بۈگۈنۈم بىلەن ھاياتىم قىممەتلىك،دېمەك مېنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغىنى ھازىر،خالاس.ئەگەر سەنمۇ بۈگۈنكى كۈننىڭ ئىشتىياقى بىلەن ياشىغىنىڭدا ئىدى،تەڭرىنىڭ ئەڭ بەختلىك بەندىسى بولغان بولاتتىڭ،شۇچاغدا بىزنى ئوراپ تۇرغان جەزىرىنىڭ ئۆلۈك ئەمەسلىكىنى چۈشىنەتتىڭ»
بىزدە «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما»دىگەن ھېكمەت بار، ئاسمانلاردىكى قۇچقاچلارنىڭ رىسقىنى يەردىن بېرىۋاتقان رەببىمىز ھەرئىنساننىڭ كەلگۈسىنىمۇ پارلاق قىلىدىكەن،ئىنشائاللاھ. بۇيەردە ئانچە مۇۋاپىق بولمىسىمۇ بۇ بىرجۈملىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى «يارىتىشنى مەن ياراتتىم،يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن». «ئۈزۈم پىش ئاغزىمغا چۈش»دەپ يانپاشلاپ ياتماي،تىرىشساقلا ھامان نەتىجىسىنى كۆرەركەنمىز،ئەمما شۇ قىلغانلىرىمىز بۈكۈنكى كۈننى قولدىن بەرمەي،ئەتىكى كۈنگە ئۈمۈدلەنگەن ئاساستا بولسا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئاخىرىدا كىتابتىكى ماۋۇ ئىككى جۈملە سۆز بىلەن تەسىراتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم،بولمىسا چېچىلاڭغۇ خىياللىم ئۆكسۈپ،پىكرىمنى تىخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ،بارماقلىرىمنى كونۇپكا تاختىسىدا ئۇدۇل كەلگەن كونۇپكىغا ئۈسسەشكە ئۈندىگۈدەك...
«ئىنسان قەلبى ئالەم روھىدىن يارالغان ۋە بىركۈنى ئۇنىڭغا قايتىدۇ. ئەڭ بەختلىك ئادەم دىلىدا ئاللاھ بىلەن بولغان ئادەم!»
ۋۇي،ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، مۇشۇ ئەسەرنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ،ھەقسىز ھالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن،ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
|
|