- تىزىملاتقان
- 2013-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 640
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
  28%
|
ئۈمىد پاراڭلىرىنىڭ 2-قىسمىنى ھازىر كۆرۈپ چىقتىم ، ئۈمىد غەنى ياخشى مەخسەتتە سۆزلىگەن بولسىمۇ ، ئىپادىلەش ۋە ئىددىيىسىنى يەتكۈزۈشتە ئازراق خاتالىقلار سادىر بوپتۇ .
1. ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسللىكىنى تەكىتلىمەكچى بوپتۇيۇ، لېكىن زوردۇن سابىر، تۇردى سامساق قاتارلىق يازغۇچىللىرىمىزنى مىسالغا ئالغاندىكى چىراي ئىپادىسى ، يازغۇچىللىرىمىزنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، مەسخىرە قىلغاندەك ھالەت شەكىللەندۈرۈپ قويۇپتۇ ،
2. كىشىلەرنى كىتاپ ئوقۇشتا پۈچەك، قىممىتى يوق كىتاپلارنى ئەمەس، تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن، مەلۇم ئىددىيە، كۆز-قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئادەمدە قىممەت قارىشى يېتۈلدۈرىدىغان داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما كۆز قارىشىنى خاتا ئىپادىلەپ ، ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇماسلىق كېرەك دەپ، بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئەخلەتكە چىقىرىپتۇ . ئەمەلىيەتتە ئۈمىد غەنى ماختاۋاتقان دۇنياغا مەشھۇر كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار .
3. كىشىلەرنى ئۆتمۈشكە بەك ئېسلىۋالماي، ھازىرقى زامانىۋىي بىلىملەرنى، زامانىۋىي ئىددىيەلەرنى ئۆگۈنۈشكە، چۈشۈنۈشكە دەۋەت قىلماقچى بولۇپ ، كىشىلەرنى مىللەت دىگەن ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەندەك تەسىر بېرىپ قويۇپتۇ . |
|