- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1213
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
  21.3%
|
ئۇيغۇرچە كىتابنى ئوقۇماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۈمىد غېنىنىڭ قولىغا مەزمۇنى ئېغىرراق پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق ياكى تەبئىي پەنگە ئائىت كىتابتىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ما كىتابنىڭ ماۋۇ بېتىنى ئوقۇپ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆرۈپ بەر دېسەك، چوقۇمكى ئۈمىد غەنى ھىجاراپلا قاراپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىنگىلىز تىلى ياكى باشقا تىلدىكى كىتابنى بەرسەك، بەلكىم كىتابنى دۈم تۇتۇۋېلىپ كۆز يۈگۈرتىپ بېقىشى مۇمكىن.
خەنزۇچىنى ۋە غەربنى چوڭ بىلىدىغان ئۈمىدكە بەش مىنۇت خەنزۇچە لېكسىيە سۆزلە دېسەك، ئىچكىرىدىكى ماتاڭچىدىن سەل ياخشىراق سۆزلىسىمۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغىنىنى پەقەتلا ئۇقتۇرالمايدۇ.
غەرىبنى چوڭ بىلگەن ئۈمىد غېنىنىڭ ئېنگىلىز تىلى ياكى باشقا غەرب تىللىرىدا سۆزلىيەلىشى پەقەت تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندىلا مۇمكىن بولىدۇ.
بۇ ھالدىكى ئۈمىد غېنى يوغان سۆزنى ئاز قىلىشى كېرەك. بولمىسا مۇشۇنداق يوغان سۆزلەپ داڭق چىقىرىمەن دېگەن ئارزۇسى شەرمەندىلەرچە بەربات بولۇپ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ.
ئەگەر ئۈمىد غېنى بۇ گېپىمنى ئاغدۇرماقچى بولىدىكەن، بۇندىن كېيينكى پاراڭلىرىدا بەش مىنۇت خەنزۇچە سۆزلەپ باقسۇن.(ئېنگىلىزچە، نېمىسچە ياكى فرانسۇزچە سۆزلىسۇن دېسەك چېۋىنگە زەمبىرەك ئاتقاندەك بولىدۇ)
قانداق ئۈمىدجووووووووۋ، بىڭسى باما!!! |
|