- تىزىملاتقان
- 2014-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 618
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
23.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarsayi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-30 20:20
توردىكى مۇنازىرە سۆزلىرىنى ئوقۇۋىتىپ بەزىلەرنىڭ تورداشلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە تىل تەككۈزۈپ،«گەپدانلىق» قىلىۋاتقىنىدىن تولىمۇ نۇمۇس قىلىپ قالدىم. ئۆزىگە « گۇناھ» دەپ لەقەم قويېۋىلىپ، بىگۇنا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگەھاقارەت قىلىپ ، دىلىغا ئازار بېرىشنى گۇناھ ھىساپلىمايدىغان ، مۇنبەرنىڭ مۇنازىرە قائىدىسىگە قىلچە ھۆرمەت قىلماي.ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاپ ،خۇدىنى بىلەلمەي قالغان مۆھتەرەم «ئاغزى بەزەپ » لەرگە شۇنداق دېگۈم كىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمان قانداق بولىدۇ ؟ ،بۇنىڭغا پەيغەمبىرىمىز، يول باشچىمىز، ئۇلۇق رەھبىرىمىز مۇھەممەت سۇەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق ئىنقلىما بەرگەن . « مۇسۇلمان دىگەن ،ئېغىزى ۋە قولىدىن باشقىلارنى ئامان قويغۇچىدۇر ». مۇنداقچە ئىيىتقاندا تىلى ۋە قولى ئارقىلىق باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەسلىكنىڭ ئۆزى مۇسۇلماندارچىلىق بولىدۇ. ( ناماز ئوقىغانغىلا ئەمەس)بىرسى پەيغەمبىرىمىزدىن « ئادەملەرنىڭ ياخشىسى قانداق بولىدۇ ؟ » دەپ سورىسا ، پەيغەمبىرىمىز « ئاچچىغى كەلگەندە يامان سۆز قىلمىغان،ئۈستىدە بىراۋنىڭ ھەققى بولسا ۋاقتىدا قايتۇرغان كىشى ئادەملەرنىڭ ياخشىسىدۇر » دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن .مۆھتەرەم «گۇناھ» ئەپەندىم ! سىزنىڭ باشقىلارنى ئاساسسىزلا ئەيىپلەپ ، ئىززەت غۇرۇرىغا توپا چېچىپ ، ئەنۋەر ئەلسۆيەرگە توردا ئېيىتقان ئىنكاس سۆزىڭىزدىكى تەنتەكلىك ۋە بىشەملىكىلىرىڭىزگە قاراپ ، سىزنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىڭىزدىن بەك ئەپسۇسلاندىم . كۆزقاراشلىرىڭىزنى، تەشەببۇسلىرىڭىزنى، تەۋىسىيە تەلەپلىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئازار بەرمەيمۇ، ھۆرمەت غۇرىرىغا تىل تەككۈزمەيمۇ بايان قىلغىلى بولىدۇغۇ. بۇنى بەلكىم سىز مەندىن ئوبدانراق بىلىسىز .
بىگۇناھلارغا يولسىزلىق قىلىپ،تاپتىن چىققانلارنى ئۇچىرىتىپ قالسام ،ئۆزەمنى تۇتالماي ئىككى ئىغىز «تاتلىق گەپ» قىلىۋالمىسام خۇمارىم بىسىلمايدىغان «تەرسا» مىجەزىم ،يۇقارقىلارنى يېزىشقا مىنى مەجبۇر قىلدى . سۆزلىرىم نازۇك دىلىڭىزغا ئازار بېرىپ قويغان بولسا ،«مىجەزىم» گە ھۆرمەت قىلىپ مىنى ئەپۇ قىلىۋىتەرسىز .باشقىلارنى كەچۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ مۇسۇلماندار چىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر . |
|