- تىزىملاتقان
- 2014-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1351
- نادىر
- 0
- يازما
- 115
ئۆسۈش
  35.1%
|
كوپچىلىك كەچۇرۇڭلار؛
مىنىڭ مائاش ئېلشىم ئوزەم ۋە ئا ئىلەم ئۇچۇن، ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۇچۇن ئەمەس،بىز نىمىشقا قۇرۇق شۇئارنى بۇلشىغا توۋلايمىز،نىمىشقا ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا چىرايلىق قىلىپ ئىئانە ،فوندى جەميەت دەپ توۋلايمىز،ئۇ بىر شەكلى ئوزگەرگەن سەدىقە خالاس، كوپرەك كىتاپ كورسەك ،ئوزىمىزنى ئوزگەرتىش ئۇچۇن ئىزدەنسەك بولمىدىمۇ، . ياۋرۇپادىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىئانە توپلامدۇ ،بۇنى بىلمەيمەن.بىراق تىرىشسىلا ئوز تەقدىرىنى ئوزگەرتكىلى بولدىغانلىقنى بىلىمەن. مىنىڭمۇ ئايالىمنىڭ خىزمىتى يوق ،مەن يېزىدا ئوقۇتقۇچى،بىراق مەن ھەرگىز قاقشىمايمەن، بەلكى تىرشىمەن، ئايالىمنى تىرشىشقا تېجەشلىك بۇلۇشقا رىغبەتلەندۇرمەن،مىنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش قىيىنچىلقىم بولغان،بىراق ھىچكىمگە قاقشىمغان،بىر تەرەپتىن يەر تېرىش بىر تەرەپتىن باقمىچىلىق قىلدىم ،2009 -يىلى بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيسى بىلەن مەركىزى شەھەر ئۇرۇمچىدىن يۇز كۇۋادىراتلىق ئويدىن بىرنى ئالدىم ،باكا قەرزى قىلىپ ،بۇ ئوينى بىر تەرەپتىن ئىجارىگە قويسام ،بىر تەرەپتىن ئوزەمنىڭ تىرشىپ تاپقان پۇلى بىلەن قەرىزلىرىمنى تۇگۇتۇپ 20014-يىلى 1-ئايدا سېتىۋەتتىم،بۇ پۇلغا دوستۇمنىڭ تەۋسىيسى بىلەن پايچىكى ئېلىپ قويغان ،مانا ھازىر ئىككى قاتلاندى،ماڭا ئوخشاش مەكتەپتە ئەر-ئايال ئىشلەپ قوش كىشلىك مائاش ئېلىپ قەرىزدىن قۇتۇلالمىغانلار خېلى بار ، بۇنىڭغا نىمە دەيمىز، بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ يىراقتىن كىلدىغانلىرنىڭ 500 مىتىر دائىردىن كىلىدۇ، بىراق يۇزدە سەكسەن پىرسەنت ئوقۇتقۇچىنىڭ ماشىنىسى بار، مىنىڭلا يوق، بەس-بەستە كىيم كىيىش ،ھەشەمەتلىك توي-تۇكۇن ،رەڭلىك ئولتۇرۇش مودا ،بۇ ئىشلار كوپ قىسىم كىشىلەردە مەۋجۇت، ئىقتىسادى ئاڭ يوق، ئىزدىنىش يوق،چولپان بولغاننىڭ نىمە پايدىسى،ھەر بىر ئادەم گۇنانى ،خاتالىقنى ئوزىدىن كۇرۇ پ ،ئوز تەقدىرىنى ئوزگەرتىشكە تىرشىشنى ئۇمۇت قىلمەن. |
|