چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭخەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خادىم قوبۇل قىلىشمەسلىھەتچىلىك شىركىتى Morgan McKinley تۈنۈگۈن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو چوڭقۇرۇقلۇقىنىڭ 2015-يىللىق مائاش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا دېيىلىشىچە،بۇ يىل %80 تىن ئارتۇق خادىمنىڭ مائاشى ئۆسىدىكەن، زور كۆپ قىسىم كەسىپلەردىكىمائاش ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن %6 تىن %8 گىچە بولىدىكەن، لېكىن بۇ خادىملارنىڭيۆتكىلىش ياكى دەرىجە ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكىخەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دوكلات بانكا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى، مالىيەبوغالتىرلىقى، ئۇچۇر تېخنىكا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ماركىتىڭ ۋە بازار، يۈرگۈزۈش ۋەتەمىنلەش، داۋالاش ۋە ھاياتلىق پەنلىرى قاتارلىق يەتتە چوڭ كەسىپنى ئۆز ئىچىگەئالغان. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى يېڭى ئىشقائورۇنلىشىش پۇرسىتى بۇلتۇرقىدىن ئاز بولۇپ، ITئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىكەن، ئىستېمال بۇيۇملىرىكەسپىدىكى ماركىتىڭ ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەن
|