- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1475
- نادىر
- 0
- يازما
- 126
ئۆسۈش
  47.5%
|
lopnurkizi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 17:07 
مائاش ئالمايدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلمىدى دەيدا بىرسى، تۆۋ ...
خاپا بولماڭ قىزچاق، ئۆزەمنىڭ ئەشەددى خاتا گەپ قىلىپ سالغانلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن قاتتىق توۋا قىلىپ، ئۆزەمنى كاچاتلىغان پىتى بەش- ئون بەت تەكشۈرۈشنامە يىزىۋىتىش نىيىتىگە كەلدىم، ئىنكاسىمنىڭ ئاۋانگارتلارنىڭ كۆڭلىگە كىلىشىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن. ھەر كۈنى ھاۋادىن، كۈن نۇرىدىن تولۇق بەھىرلىنىپ تۇرۇغلۇق، كۆزۈمنىڭ كورلىغىدىن خاتا كاپشىپ ساپتىمەن. شۇنداقلىغىنى بىلگەن بولسام:
تۇرمۇشىمىز باياشات،
مەئىشەتتە كۈنىمىز.
كۈندە شامال يىسەكمۇ،
خۇشال-خورام ئۆتىمىز.
مۇئەللىمنى دادام دەيمەن،
خانىمنى ئانام دەيمەن.
پارتىيەنىڭ ۋاختىدا،
يۇمشاق-يۇمشاق نان يەيمەن.
دەپ يازاركەنمەن.
تۆۋەن كاپالەت پۇلىنىڭ گىپىنى قىپقاپسىز، پىقر بۇ چاققىچە ئاشۇ پۇلنى ئىلىشنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىمەن. ئۆزەمنىڭ ئىگىلىگى بولغاچقا تۇرمۇشۇم گۈلدەك ئۆتىۋاتىدۇ. ھاياتىمدا ھۆكۈمەتكە ئىشلىگەن 18 يىللىق ھاياتىمغا قاتتىق ئىچىنىمەن. شۇ چاغلاردا خەخنىڭ كۆزىگە تەلمۇرمەي ، بالدۇرلا ئىش باشلىغان بولسام ھازىرقى ئىگىلىگىمنى نەچچە قاتلىغان بولاتتىم. ھەم سىزگە ئوخشاش قاخشاپ، زارلاپمۇ يۈرمەيتتىم.
‹‹ئىشلىسە چىشلەيدىغان›› دىگەن ئىدىيۇمنى ئالاھىيدە ئەسكەرتكىنىڭىزگە قارىغاندا جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدە پەقەت سىزلا جاپالىق ئىشلەيدىغان ئوخشىمامسىز؟ كاپالەت پۇلى ئىلىۋاتقان (قەرت بازىرىدا كورت، بورت بازىرىدا بورت ئويناۋاتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا، ھۆكۈمەت بۇنى ئىنىق ئايرىمىغان) لارنىڭ تۇرمۇشىنى سىز چۈشۈنەمسىز؟ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى سىز دىگەندەك ‹‹ياخشى›› بولغان بولسا ئاشۇ ئازغىنا پۇلغا مۇھتاج بولارمىدى؟ ھەر كۈنى ئۇلارنى مەھەللە كوممۇتىتىغا ئۆگىنىشكە، ‹‹كىچىك ئالما ئۇسۇلى›› ئويناشقا، تازىلىق قىلىشقا يىغىۋالغىنىمۇ سىزنىڭچە ئازلىق قىپتۇ-دە؟سىزچە بولغاندا ئاشۇ بىچارىلەرنى ئۆستەڭ-چىقىل ھاشارلارغا ئاپىرىپ مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان بولساق توغرا بولامتى؟ ھىلىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنساۋى بار ئىكەن.
تۆۋىنامە يازىمەن دەپ يەنە ئىزىپ قالدىميا مەن؟ |
|