- تىزىملاتقان
- 2013-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5241
- نادىر
- 1
- يازما
- 346
ئۆسۈش
  4.82%
|
tamagar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 20:32 
گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ ، جاننى اللەنىڭ ئالىدىغىنىنى ئەس ...
ئۇكام ئۆيۈڭ ئاستانىگە يېقىن بولسا، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىللە چىقىپ كەتكەن باي ئەزىزى دەپ بىر يېقىنى بار. شۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ تۇرپاندا بار بەلكىم، شۇلاردىن سوراپ باق. باي ئەزىزى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى. ئۆزى تېۋىپلىق قىلغان. شۇ ئادەم «مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىللە بولغان 12 يىل» دەپ بىر ئەسلىمە يازغان، شۇ ئەسلىمىدە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقىنى، چىڭگىزخان داموللامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاشۇنداق گەپلەر ئۇ. باشقىلارنىڭ يازغان ئەسلىمىلىرىمۇ بار. 1944-يىلى شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن قالغان. تيەنجىنگە ئادەم ئەۋەتىپ مەھمۇت مۇھىتىنى قەستلىگىدەك مادارى يوق. تارىخ دېگەننى ئاۋۋال ماتېرىيال كۆرۈپ، ماتېرىياللارنى تولۇق كۆرۈپ بولدۇم دەپ جەزىم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن تەپەككۇر قىلساڭمۇ بولىدۇ. بىكاردىنلا تەپەككۇر قىلىۋالساڭ پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ سالىسەن.
ياپونىيەدىن پاناھ تىلەيدۇ دەۋاپسەن. ئالدى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ، ئاندىن نەنجىڭگە بېرىپ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە دۇچار بولغاندىن كېيىن ئامال يوق ھالەتتە تۇرۇپ قالغاندا ياپونىيە يېنىغا تارتىدۇ............. |
|