- تىزىملاتقان
- 2013-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3071
- نادىر
- 0
- يازما
- 311
ئۆسۈش
35.7%
|
niyaz1 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 22:48
ئۇكام ئۆيۈڭ ئاستانىگە يېقىن بولسا، مەھمۇت مۇھىتى بىل ...
ۋاي نىمە كارامەت مەن ئاپىرىدە بولۇپ 41يىلدىن كېيىن بىر ئاكامنىڭ پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلىماپتىكەنمەن .... ھە بولدى بۇ مۇناسىۋەتلەرنى مەن ئاتام ئاپامدىن سوراپ باقاي كونىلارنىڭ گېپى بۇيىچە «ئاڭ تەپەككۇر ئىنسانغىلا خاس»دىگەن نەزەرىيىسى بۇيچە تاشلىۋەتكەن بالىسى بارمۇ يوق بۇنى سوراپ باقاي ، مەنغۇ ئەزەلدىن ئاتا ئانامنىڭ بۇنچىلىك تاش يۈرەكلىك قىلىپ باققىنى بىلمەيمەن ، ھەتتا خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدىم ....
ئەسلى تەپەككۇرسىز ئىنسان بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى ، ئەمما ئۇكام دىگنىڭگە قارغاندا كىتاپ ماتىريالنى تولو كۆرۈپ ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىش گىردابىغا بېرىپ يىتىپسەن ، يازماڭنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، كۆڭلۈم يۇمشاق ئادەممەن بىر قانچە ھەقىيقەتنى ساڭا يورۇتۇپ بېرەي كاللاڭ بولسا ئويلاپ كۆر بولمىسا ماڭا خەت يېزىپ نېرۋامنى غىدىقلىما ....
تارىخى ماتېريالنى شاھىدلار يازىدۇ ، ئۇنى تەھرىرلەشكە تەھرىراتلار قاتنىشىدۇ ، خۇددى سۇپاخۇن سوۋۇرورنىڭ (مەن كەچكەن كېچىكلەر) دىگەن كىتابىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بەزى جايلىرىنى ئېلۋىتىش قوشۇپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ ، خۇددى ياسىنجان سادىق چوغلان نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرغان شاھانە كىتابلارنىڭ يورۇق نۇقتىسىنى بايقاپ قىلىپ يەنە يېڭى تارىخى ئەسەر (جاللات خېنىمنى ) روياتقا چىقارغىنىدەك ، قازاقلار يېڭى تارىخنى قايتا يېزىپ چىققاندەك ، مەرھۇم زوھۇردىن سابىر (ئانا يۇرت)رومانىدا نۇرغۇنلىغان قىستۇرما پېرسۇناژلار ئارقىلىق بىزگە يەنە نۇرغۇن قىسسەلەرنى بىلدۈرگىنىدەك ، تارىختا يوق پىرسوناژلار ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ ئۈمۈدلىرىنى ئىپادىلىگىنىدەك.... ، مەھمۇد مۇھىدىنىڭ ئۆز ئەجلى بىلەن ياكى كىسەل بىلەن كەتكەنلىكىگە ئۆز ئىنىسى گۇمانى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۋاتسا سېنىڭ مەھمۇد مۇھىدىنىڭ تېۋىپى يازغان دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ تۈكرۈك چاچرىتىشىڭ بىمەنىلىكمۇ قانداق ؟ توغرا كىتاپنى كۆپ ئوقۇش ياخشى ھەزىم قىلىش باشقا گەپ ، كىتاپ بىلىم بولىقى ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر كىتاپنى ئۈلۈك ئوقۇش ، ياتلاش مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولسىدى كىتاب بىلىم بۇلىقى بولماستىن كىتاب بلىم كۆلچىكى دىسەكمۇ خاتا بولماستى ، كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق يېڭىچە ئۇقۇم ، يېڭىچە تەپەككۇر ، يېڭىچە نەزەرىيەلەر ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرغاچقا كىتاپنى توختاۋسىز بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان مەڭگۈ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بۇلاققا ئوخشاتتى ئەمەسمۇ دانا ئەجدادلىرىمىز .
ئەگەر ئۆزۈڭگە ھۆرمەت سۆزى سۈپىتىدە «ئۇكام» سۆزىنى قوللىنىشنى لايىق كۆرگەن بولساڭ ، بولۇدۇ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ، كىشىگە مەنپەت يەتكۈزگندەك يىڭىچە قاراش يېڭىچە نەزەرىيە ، يېڭىلىق ئارقىلىق كۆزۈمنى ئېچىپ قوي ، مەيلى قانچە ياشتا بول «ئاكا»دېيىش مېنىڭ مەسئولىيىتىم ۋىجدانى بۇرچۇم ، ئەمما تۈك باسماس گەپلەرنى قىلىپ قۇيۇپ «ئۇكام»دېگۈچى بولما ..... |
|