- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1089
- نادىر
- 1
- يازما
- 59
ئۆسۈش
  8.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا،
باغداشتىكى دوستلار، قېرىنداشلار، سەبداشلار،
ھەممىڭلارغا ئامانلىقلار يار بولغاي، كونا دوستۇڭلار ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەندىن سالام.
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بۇ يازمىسىدىن تەسىرلىنىپ ئولتۇرۇپ سالامغا تەۋەككۈل قىلغۇم كەلدى.
مەن بۇرۇن يازغان ئۈچ كىتابىمنى يېقىندا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. بىلمىدىم توردا ئېلان قىلىمەنمۇ، نەشرىيات يەنە خېرىدارلىق قىلالامدۇ، يا نەشرىياتلارغا يوللاپ ئېلان قىلدۇرىدىغانلار چىقامدۇ بىلمەيمەن.
«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا»، «قىزىمىنىڭ ئامېرىكىسى»، «ئاتا-ئانىلىق سەپىرىدە» دېگەن ماۋزۇلاردىكى كىتابلىرىم يېقىندا مېنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ۋاستىچىلىكىسە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
مەن ھازىر قەشقەردىكى بىر تىل تەربىيەلەش مەكىتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن. مەندە ئېنگىلىزچە، تۈركچە ئوقۇيدىغانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ئۆز ئېگىلىكىمىزدىكى يەسلى ۋە كۇرۇسلىرىمىز رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ دېگەنلىرى خاتا بولۇپ قاپتۇ. مەن بۇنداق خاتا خەۋەرلەرگە نارازى.
ئەركىن ئاكىمىزنىڭ تېمىسىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. |
|