- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14716
- نادىر
- 19
- يازما
- 601
ئۆسۈش
  11.79%
|
Bugle يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 13:59 
ھۆرمەتلىك بىلىم خۇمار@bilimhumar ئەپەندى ،سىزگە سالامەتلىك ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام بۇرغا ئەپەندى،
ئالدى بىلەن ياخشى تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت!
مەن بىزنىڭ ئىدارىدە بىر قېتىم «ئۇخلاش» ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلاتنى ئاڭلىغان ئىدىم. سۆزلىگۈچى مۇشۇ ساھەدىكى بىر تونۇلغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ سۆزلىگەن مۇھىم نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق 2 مەزمۇن بار:
1.ئادەم ئۇخلىمىغانغا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ. يەنى، ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماسلىق ۋاستىسىگە تايىنىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدىكەن، ئۇ مۇمكىن ئەمەس.
2. بىر كۈن ئىچىدىكى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى ھەر بىر ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئادەملەر كۆپرەك ئۇخلايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ئازراق ئۇخلايدۇ.
مېنىڭ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردىكى بىر كۈن ئىچىدە بېشىمنى ياستۇققا قويۇپ، كۆزۇمنى يومۇپ ياتىدىغان ۋاقتىم 6 سائەت: مەن ھەر كۈنى ئاخھىمى كەچ سائەت 11:30 دە كۆزۈمنى يۇمۇپ، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 5:25 دە ئورنۇمدىن تۇرىمەن.
ئىدارىدە چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، ياكى بىرەر مۇھىم ماقالىگە تۇتۇش قىلىپ قالغان ۋاقتىمدا، بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئانچە ياخشى ئۇخلىمايدىغان ۋاقتىم بار. ئەمما بۇنداق ۋاقىتلاردا كېيىنكى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ھېلىقى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ، كۆپرەك ئۇخلاپ، «ئۆزۈمنى تەڭشەيمەن». شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئارقا ھويلامدا ئۆزۇمنى ئاپتاپقا قاقلاپ، يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۇخلىۋالىدىغان ۋاقتىم كۆپ.
كۈندۈزى 3 چەشكە قەھۋەنى 6 گە بۆلۈپ ئىچىپ، ئەتىگەندىن تا كەچكىچە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشلىيەلەيمەن. ئۈگىدەپ قېلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ۋاقتىم ئاساسەن يوق.
يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە بىر ئاز ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|