ئازاتلىق جەڭچىسى رىزۋانگۇلنى خاتىرىلەيمەن!
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)
ماۋزېدوڭ ‹‹ 3ۋىلايەت ئىنقىلابى جوڭگو دېموكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى›› دېگەن ئىدى. بۇ باھا 3ۋىلايەت ئىنقىلابىغا بېرىلگەن مەڭگۈلۈك باھادۇر.
بىز ھەر يىلى تىئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل-چەمبىرەك قويۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان مىللىي قەھرىمانلارنى ياد ئېتىمىز.بۇ بىزنىڭ مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشتىكى ياخشى خاتىرىلەش پائالىيىتىدۇر.رىزۋانگۈلنىمۇ ئاشۇنداق يادلىنىشقا تېگىشلىك قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى دېسەك قىلچە ئوشۇق كەتمەيدۇ.
باياتىن تورنى ئېچىپلا قارىسام بۇگۈن رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ70 يىللىقى دېگەن تېما كۆزۈمگە چېلىقتى. بۈگۈن رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن.شۇڭا ۋاقىتنى ئۆتكۇزۈۋەتمەي دەرھال بىرنىمە يېزىشنى قارار قىلدىم.چۈنكى بۇنداق خاتىرىلەش ئەڭ ياخشىسى كۈنىدىن ئۆتۈپ كەتمەي بولغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن.
رىزۋانگۈل تىلغا ئېلىنسا كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى 3 ۋىلايەت ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدۇر .چۈنكى رىزۋانگۈل ئاشۇ جەڭدە ئۆزىنىڭ 19ياشلىق ھاياتىنى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىدى.
رىزۋانگۈل بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزدا ‹‹ئازاتلىق جەڭچىسى رىزۋانگۈل››،‹‹شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل›› دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى، شۇندىن كېيىنكى بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسىدۇر.ئۇ ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يارىدار بولغان جەڭچىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى پىدا قىلغان.رىزۋانگۈلنىڭ قۇربان بولغان چاغدىكى ھالىتى تەسۋىرلەنكەن ماتېرىيالدا ئۇنىڭ ھەرەمباغ ئۇرۇشى بولۇۋاتقاندا ئۇ ئوق تېگىپ يارىلانغان بىر جەڭچىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،دۈشمەننىڭ ئوق يامغۇرىغا قارىماي، ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقاندا ئوق تېگىپ قۇربان بولغانلىقى ، قۇربان بولغان چاغدا ئۇنىڭ بۇلاقتەك ئىككى كۆزىنىڭ ئوچۇق پېتى قېتىپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇلارنى ئوقۇغان شۇ چاغدا بۇ قۇرلار مېنىڭ قەلبىمنى قاتتقى ھاياجانغا سالغان ئىدى.19 ياش ، تېخى كىچىك بىر قىز دېگەن سۆز، نىمە دېگەن باتۇرلۇق ھە!
مەن بىر مىللەت كىشىلىرى ئىچىدىكى ئۇلۇغلارنى قاتارغا تىزىشقا توغرا كەلسە ئەڭ ئالدىغا مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ،بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ،قان كېچىپ جەڭ قىلغان قەھرىمانلارنى تىزىمەن،چۈنكى ئۇلار جاننى ئالقانغا ئالغان،بىرلا پاي ئوق تېگىش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ يولغا ماڭىدۇ.رىزۋانگۈل دەل شۇنداق قىلالىغان قىزدۇر. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق روھى ،ئىش -ئىلىرى بىزنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدىغان روھىي تۈۋرۈكتۇر.
رىزۋانگۈل تىلغا ئېلىنسا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.3 3ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ئويلىغىنىمىزدا 3ۋىلايەتنى ئازاد قىلىش يولىدا قۇربان بولغان جەڭچىلىرىمىز يادىمىزغا كېلىدۇ.شۇ بىر دەۋردە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر يادىمىزغا كېلىدۇ.بۇ ھەقتىكى يازما ماقالا -ئەسەرلەر كۆپ بولغاچقا بۇ ماقالىدا ئۇ ھەقتە توختالمايمەن، پەقەت شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىچىككىنىە بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئۆتكەندە شىخەنزىدە بىر مىللىي قەۋرىىستنلىقنى كۆچۈرۈش جىدىلى كۆرۈلدى. بۇ شىخەنزىدە ياشاۋاتقان مىللىلارنىڭ خېلى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئادەم قويۇپ كېلىۋاتقان قەۋرىستانىلىقى بولۇپ، شۇ چاغدا توردىمۇ بۇ ھەقتە بىر مۇراجەتنامە چىققان ئىدى. مۇراجاتنامىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا شىخەنزە خەلقىنىڭ بۇ قەۋرە كۆچۈرۈش ئىشىغا قاتتىق غەزىپى كەلگەن ئىدى .ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىىسسارى ئابلىز نىياز ئاكىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ ئىش مۇۋاپىق ھەل قىلىنىپ،بۇ قەۋرىستانلىق كۆچۈرۈلمەيدىغان بولدى. شىخەنزىدىكى يولداشلار بۇ قەۋرىنى كۆچۈرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ ،خېلى جىق ئشىلارنى قىلدى.ئەسلىدە كېيىن ئۇقسام بۇ قەۋرىستانلىقتا 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەڭچىلىرىدىن 300 نەپىرىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان ئىكەن، بۇ مېنىڭچە ئاشۇ جەڭچىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىق،ئۇلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەشتۇر.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەھبىرىمىز ئابلىز نىياز ئاكىغا خەلقىىمىز رەخمەت ئېيتىدۇ،شۇ چاغدا بۇ قەۋرىنى كۆچۈرمەسلىك ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يولداشلارغىمۇ رەخمەت ئېيتىدۇ.
رىزۋانگۈلنى خاتىرىلىگەندە زادى قانداق خاتىرىلەش كېرەك دېگەن پىكىر كاللىمىزدا پەيدا بولىدۇ. ھازىرقى دەۋرى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ.ھازىرقى دەۋرىنىڭ بىزدىن كۈتكىنىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخىشىمايدۇ. بىز چوقۇم دەۋر ئالاھىدەلىكى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك.مەن بۇ توغرىدا تۆۋەندكىك پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن :
1.رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى يېزىلغان بىرەر ماتېرىيالدىن بىرنى ئوقۇپ ، بۇ قەھرىمان قىزىمىزنى بىلىپ قويۇڭ،ئىش -ئىزلىرىنى ئىگەللەڭ.بۇ سىزنى ئۆز مىللىتىڭىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ،روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ؛
،2.قولىڭىزدىن كەلسە ئازراق بىر نەرسە يېزىپ، بۇ ئازاتلىق جەڭچىسىگە مەدھىيە ئوقۇڭ.
3. بۇ يىل كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىلدى.بۇ قۇرۇق تەشۋىقات بولۇپ قالسا بولمايدۇ.ئويلاپ باقساق بۇ يىل يەنە 3ۋىلايەت ئىنقىلابىغا 70 يىل بولغان خاتىرە كۇنلەركەن.بىز بۇ ئىككى ئىشنى بىرلەشتۇرۈپ ، بۇ ئىنقىلاپقا بېغىشلانغان ئەسەرلەردىن بىر ئىككى كىتاپ ئوقۇپ قويساق بولىدۇ. مەسىلەن:زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ ‹‹ئانا يۇرت ››رومانى دېگەندەك كىتاپلارنى.بۇنداق قىلغاندا سىز بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولىسىز؛
4.ئەڭ مۇھىمى دەۋرنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ياخشى ئاقلىشىمىز كېرەك.يەنى بىز خىزمەتچى بولساق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كەسپىمىزدە نەتىجە يارىتىش ئۇچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك،كەسپىي خادىم بولساق كەسپىمىزنىڭ ۆددىسىدىن ياخشى چىقىشىمىز كېرەك .ئوقۇچىلار توغرا بولغان قىممەت قارىسشى تىكلەپ ،ياخشى ئۈگىنىشى كېرەك،جەمىيەتتە ھەر بىر كىشىگە قىلىنغان ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، قىممەت ياراتقان ئىكەن ،ھەممىسىلا شەرەپلىك.شۇ ئۆزىمىزگە تەقسىم قلىنغان ئىشنى ياخشى ئىشلەش دەۋرنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىدۇر.بۇ ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر.
ھەي، ۋاقىت ، يېزىۋەرسەم گەپ جىق ، تۈگىمەيدىغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۈلنى خاتىرىلەيمەن!
2015-يىلى 1- ئاينىڭ 14-كۈنى،چۈشتىن بۇرۇن. |