- تىزىملاتقان
- 2011-5-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13398
- نادىر
- 1
- يازما
- 503
ئۆسۈش
  8.5%
|
رىزۋانگۈل
(سىنفونىيە)
شېئىرى: قادىرھەسەنوف
سىمفونىيىسى:قۇددۇس غۇجامياروف
خەۋەركەلدىگويابىر،
سۇلدى دېگەنقىزىلگۈل،
ۋەتەن ئۈچۈنجان پىدا،
ئەمەسمىدىرىزۋانگۈل.
ئەل داڭقىنىياد ئىتىپ،
دۈشمەنلەرنىئېتىپ كۈل،
بەلباغلىغان جەڭلەردە،
ئۇيغۇر قىزىرىزۋانگۈل.
ئۇنتۇلسۇنمۇھېچقاچان،
ئۇنتۇلمايدۇرىزۋانگۈل،
ئۇبىرتۇزماي ئېچىلىپ،
تۇرغانئەسلى قىلزىلگۈل.
ياشاش كېرەكسىز كەبى
(رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
مۇھەممەتجان راشىدىن
يۇرتىڭزنىڭ گۈلزارلىقى راسىت،
ئىسىمىڭىزداگۈل بارلىقى راسىت،
دىدارىڭىزبىزگە رىزۋانگۈل،
قىيامەتلىك دىدارلىقى راسىت!
لېكىن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس قىز سىز،
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەزىزدىن ئەزىز،
ياشىغانلار سىزدەك رىزۋانگۈل،
كەتمەيدىكەن دۇنيادىن ئىزسىز.
پات-پات بۇلۇپ تۇرار گېپىڭىز،
يۈرەكلەردىن ئۆچمەس ئېتىڭىز،
ئۇنتۇلمدىئاتمىش يىل ئاۋۋال،
قارغايازغان قانلىق خېتىڭىز.
ئۇنتۇمىدۇقسىز تۆككەن قاننى،
ئۇنتۇمىدۇق سىز بەرگەن جاننى.
تاغدەكياشاش ئارزۇ ھەۋەستۇر،
تاغدەك بولماق ھەركىمگە تەس تۇر،
تاشلارقانچە ئېگىز بولسسىمۇ،
لېكىنسىزدەك يۈكسەك ئەمەستۇر.
ۋاراقلىساق تارىخىمىزنى،
ياد ئىتىمىزئەڭ ئاۋۋال سىزنى،
ئىزىڭىزغاشۇڭا رىزۋانگۈل،
سېلىپ قويدۇق ئەۋلادىمىزنى.
قەبرىڭىزنى تاپالماي يۇردۇق،
شۇڭا گۈمبەز ياسالماي يۇردۇق،
يامۇناسىپ داستان يازالماي،
ياكى دەپتەر تاپالماي يۇردۇق.
ھايات سىزنى ئىمتاھان قىلدى،
تارىخ سىزنىقەھرىمان قىلدى،
نامىڭىزنىمەڭگۈ ئۇنتۇماس،
ئەلنى سىزگەمېھرىبان قىلدى.
كىتاپيازدۇق سىزگەمۇبارەك،
نامىڭىزنى قىلماققا كۆرەك،
كۈڭۈللەرگەبەردۇق تەسەللى،
رۇھىڭىزغا ئۇقۇپ تابارەك.
ئەلنىڭ قىزى رىزۋانگۈل
(ناخشا)
سۈزى ۋە مۇزىكىسى:تەلئەتناسىرى
گۈللەردەكچىراي ئاچقان،
تاڭلارغاكۈلۈپ باققان،
ئەلگەيۈرىكى ياققان،
ئىلى قىزىرىزۋانگۈل.
جەڭگاھتابۇلۇپ قالقان،
ياشلىقىقەدىر تاپقان،
ئىسىسىققېنى يول ئاچقان،
ئەلنىڭ قىزىرىزۋانگۈل.
يوللاردائىزى قالغان،
تىللارداسۈزى قالغان،
دىللارغائۈزى قالغان،
ئۇيغۇر قىزىرىزۋانگۈل.
رىزۋانگۈل ھايات
(«رىزۋانگۈل ھايات» نامىلىق داستاننىڭ كىرىش قىسىمى)
رەخىم قاسىم
رىزۋانگۈلسىزنى ئەسكە ئالسام شۇئان،
كۆزيېشىمدەرياسىدا ئاقتى قىيان،
سورىدىمكۆكتە ئۈزگەن ئاي يۇلتۇزدىن:
«ئېيتقىنا،شۇباتۇرقىز كەتتى قايان؟»
ئاي يۇلتۇزھازىدار مۇڭغا پاتتى،
بىرھازاقالدى جىمجىت سۈرمەي زۇۋان.
ۋە ئاخىرئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ،
دەرت تولغانئىچ باغرىنى قىلدى بايان:
«رىزۋانگۈلبەك ياش كەتتى،بەك ياش كەتتى،
ئەمدىلائونتوققۇزغا كىرگەن ئاران.
ئېچىلمايئونگۈلىنىڭ بىرى تېخى،
پانىيدىنباقىيغا ئۇ بولدى راۋان،
رىزۋانگۈلنەدە دەمسەن،ئۇ بار ھايات،
جەننەتنىئۈزى ئۈچۈن قىلدى ماكان.
چۈنكى ئۇۋەتەننى، خەلىقنى دەپ،
دەھشەتلىكقانلىق جەڭدە بولدى قۇربان،
جەننەتنىڭئىىشىكلىرى رىزۋانگۈلدەك،
جان پىدائۇغۇل قىزغا ئۇچۇق ھامان!»
ئاي يۇلتۇزجاۋابىدىن بولدۇم مەمنۇن،
يالقۇنلىقھىسياتلىرىم ئاتتى ۋولقان.
رىزۋانگۈلكەتتى بىراق شانلىق نامى،
دىللاردا قالدى بۇلۇپ مەڭگۈ داستان.
|
|