- تىزىملاتقان
- 2012-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4189
- نادىر
- 0
- يازما
- 247
ئۆسۈش
  72.97%
|
مەن دەيمەن بىز مۇنازىرە بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىتەرەپ قىلىشنى بىلىۋالساق بولىتتى. مۇنازىرە بولسا كۆز- قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق رېئاللىقىمىز ئوخشاش. شۇڭا مۇنازىرە سەۋەبىدىن رېئاللىقىمىزنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتمىسەككەن... ئۇنداق ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمىسەككەن... چۈنكى كۆز قارىشىمىز ئوخشىمىغان بىلەن ھەممىمىز بىر ئەلنىڭ بالىلىرى، يەنىلا دوست- بۇرادەر، ئاداش-قېرىنداش!
ئۆزىمىزگە بىرەر تال قارشى پىكىر چۈشۈپ قالسا خۇددى يېغىرىمىزنى تاتىلىغاندەك چىچاڭشىپ كېتىدىغان، ياكى باشقىلارنىڭ بىرەر كەمچىلىكىنى كۆرگەندە قوشۇپ شەخسىىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئىللەت (زىۋىدە خانىم ماۋۇ ئىللەت ئىچىگە كىرمەيدۇ-ئالاھىدە ئەسكەرتىش)ئەمدى بىزدىن تۈگىسە بولاتتى! راستلا تۈگىسە بولاتتى قېرىنداشلار!
بىراۋ ئالىم- ئۆلىما بولالىسا نىمىدىگەن ياخشى! بولسا ھەممىمىز ئالىم- ئۆلىمالاردىن بولۇپ كەتسەكمۇ ھاۋا ۋە تۇپراق بىزگە تارلىق قىلمايدۇ بەلكى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇڭا بىراۋ ئالىم بولىمەن دېسە سىزگە نىمە ياردىمىم كېرەك دىيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى يولىغا ماڭغىلى قويساق، ئالىم بولۇشقا ماڭغانلىرىمىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تېخى ئالىم بولۇشقا ماڭغان بىر مېڭىۋاتقۇچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇلمىساقلا بۇنداق ئىختىلاپ چىقماس ئىدى... ئىبرەتلىك بىر سۆز- چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر! ( بۇ دىگىنىمگە ئەلى قۇرباننى چېتىۋالماڭ- ئالاھىدە ئەسكەرتىش). مەنمەنلىك، ياكى نورمالدىن ھەسسە ئارتىپ كەتكەن ئۆزىگە ئىشىنىپ كېتىش ئاقىۋەت ئىنساننى كىبىرنىڭ قولى ئارقىلىق تۈگەشتۈرىدۇ.
خۇلاسە: سۆزلىرىمدە بىلەرمەنلىك تېپىلىپ قالسا ئەپۇ سورايمەن. بىراۋنىڭ شەخسىيىتىگە قارىلىپ قالغان جايلىرى بولسا كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن بىر ئاددى ئادەم. ئۆزۈمنى ھۆرمەتلىگەندەكلا باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەيمەن. ھەممىڭلارنى سۆيىمەن! |
|