- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14291
- نادىر
- 0
- يازما
- 512
ئۆسۈش
  10.73%
|
ياخشى گەپلەرنى قىپسىز. ياشلار ۋە جەمىيەتتىكى گاڭگىرىغان كىشىلەر توپىنىىڭ ئەلى قۇرباندەك نورمالسىز پىسخىكىدىكى «پىسخولوگلار»غا بۇنچە ھاجەتمەن بوپ كېتىشى نورمال بىر ھادىسە ئەمەس. چۈنكى جەمىيەت نۇرغۇنلىغان سەرخىل كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ھاياتى كۈچكە ئېرىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەلى قۇربان تاقا-تۇقىلىرىنىڭ بۇنچە قىزغىن خېرىدارىغا ئايلىنىپ قېلىشى جەمىيەتتىكى ئېنتايىن بىر ئۆمۈدسىز كەيپىياتنى ئاشكارلاپ جەمىيەت سەرخىللىرىمىزغا بىر كۈچلۈك سېگنال بولدى. دېمەك جەمىيەت سەرخىللىرىنىڭ تىرىشچانلىغى ئەسلا يېتەرلىك ئەمەس.
ئەسلىدە جەمىيەتكە بىلىم ۋە تەجىربە تارقىتىشنىڭ مەدەنى، ئۈنۈملۈك ۋە تېجەشلىك ئۇسۇلى كىتاب ئېدى، كىتابلار ئوقۇلىدىغان، ئۈگۈتىلىدىغان مەكتەبلەر ئېدى. بىلىم ۋە تەجىربە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقى مەنا بېرىدىغان رېئال ھەركەتكە، تەشكىلى قۇرۇلمىغا ئېگە بولۇشى كېرەك ئېدى. دېمەك ساغلام غايە ۋە تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى بولغان ئاتلاندەك مەكتەپلەر، ئەرقالدەك شىركەتلەر تېخى بەكلا ئاز. زىۋىدە مۇئەللىم، ئابىدە مۇئەللىمدەك ھەقىقى مۇئەللىملەرنىڭ ھەركىتى ئاز ،جەمىيەتكە بولغان تەسىرى بەك ئاز. جەمىيەت سەرخىللىرى غايە ۋە ئۆمۈدىنى يۈتتۈرسە بۇ جەمىيەت دەل مۇشۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بىرسى چىقىپ ئۆزىنىڭ نورمال ئېنسانلاردىن 300 ياش چوڭ ئېكەنلىگىگە، پەۋقۇلاددە تالانت ۋە خارەكتىر بىلەن پەۋقۇلاددە يارىتىلغانلىغىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنسا ۋە ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىدە ۋە روھىغا سېموۋۇل قىلىنغان شەخىسلەردىنمۇ موھىملىغىنى پەش قىلىپ ئىنسان ھاياتىنى ھەقىقى مەنىگە ئەگە قېلىدىغان ئېجدىماھى ۋە روھى قىممەتلەرگە رىقابەت ئېلان قىلىشى بۇ ھېچ بىر خەيىرلىك ئاقىۋەت ئەكىلىدىغان ھادىسە ئەمەس. بۇ خىل ئېدىلوگىيە قانداقتۇر ئەلى قۇربان غەرىب دۇنياسىدىن يېڭى ئەكىرگەن بىر پارلاق يېڭىلىق بولماستىن ئەسىرلەر بۇرۇن ئۇيغۇر جەمىيىتى بىلەن تەڭ چىرىپ ياشاپ كەلگەن كونا ئېدىيە خالاس. |
|