- تىزىملاتقان
- 2014-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 505
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
  1%
|
تەڭرىتاغنىڭ بۈركىتى سەن زۇلپىقار
ئاپتورى: ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
ئانا دەريا تارىم قىلار تەنتەنە،
ئوغلى كۆكتە قانات قۇچۇپ ئۇچقاچقا.
تەڭرىتاغمۇ مەمنۇن بۇلۇپ كۈلمەكتە،
ئۆز بۈركىتى شان شەرەپلەر قۇچقاچقا.
بۈركىتى سەن تەڭرىتاغنىڭ زۇلپىقار،
ئەل ئىشقىدا كۆيدۈڭ ھەتتا كۈل بولدۇڭ.
بەھىرلەندى ھەممە سېنىڭ ھىدىڭدىن،
خۇشپۇراقلار چاچىدىغان گۈل بولدۇڭ.
ئۆزگە يۇرۇتتا بىلىم ئالدىڭ تىرىشتىڭ،
ئىلىم كانى ئىچرە گويا غەۋۋاستەك.
ئۇنۇتمىدىڭ ئەل ۋەتەننى ھەرۋاقىت،
گۈل ئىشقىدا مەستانە كېپىنەكتەك.
پەخىرلەندى ھەممە سەندىن زۇلپىقار،
خەلقىمىزگە ئەقىل بەردىڭ، قۇت بەردىڭ.
باسقان ھەر بىر ئىزىڭدىن گۈل ئۈنسۇن،
ئەل ئۈچۈن تىرىشتىڭ، كۆپ ئەجىر قىلدىڭ.
پەخىرلىك ئوغلانسەن ئەي قىران يىگىت،
تەڭرىتاغ ئاسمىنىدا ئۇچقىن شادىمان.
تەشنادۇر خەلقىمىز ئىلىمگە يەنە،
سەن بولغاچ ئەل خەلق بولغۇسى ئامان.
2015-1-1 |
|