- تىزىملاتقان
- 2015-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 25
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  8.33%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم زۇلپقار مۇئەللىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟2015-يىلى يىڭى يىل كۈنى بورتالا 5-دىۋىزىيە مىللي ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇغۇچىلارغا «قانداق قىلغاندا ئىنگىلستلىنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ» تېمىسدا سۆزلىگەن نۇتىقىڭىز مەكتىپىزدىكى بارلىق ئوغۇچىلارنىڭ ئىنگىلستىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. شۇ قېتىملىق نۇتۇقىڭىز كىيىن، ئوقۇغۇچىلار ئېنگىلستىلىنى ياخشى ئۆگىنش، جۈمىلىدىن تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ ئېلىم ئېلىش كىرەكلىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتتى دەپ ئويلايمەن. بۇلۇپمۇ سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېنگىلستىلىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارغا بەرگەن يۇقىرى باھايڭىز ئۇلارنى قەۋەتتلا خۇشال قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار شۇ قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيتىدىن كىيىن ئىنگىلستىلى ئۆگىنشىكە تېخمۇ چىڭ ئىرادە باغلىدى. سىزنىڭ ئۇرۈمىچىگە قايتىپ بارغاندىن كىينمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ تېخمۇ تېرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۇلارنى ئېلھاملاندۇرۇش مەقىسىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ۋە كەسپىدىشىم ئىككىمىزگىمۇ ئالاھىدە ئىمزايىڭىز قۇيۇلغان كىتابىڭىزنى سوۋغات سۈپتىدە ئەۋەتپسىز. مەن ئوقۇغۇچىلرىم ۋە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا- ئانىلار نامىدىن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. ئىشىنمەنكى، ئوقۇغۇچىلار چۇقۇم بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆگىنىش مۇساپىسدە سىزنىڭ لىكىسيە پائالىيتىدە قىلغان ھەر بىر سۆزىڭىزنى، چەتئەلدىكى مول ھوسۇللۇق ئوقۇش تەجىرىبىلرىڭىزنى ئۆزىگە مەڭگۈ ئۈلگە قىلىپ داۋامىلىق ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن تېىخمۇ چىڭ ئىرادە باغلايدۇ.
ياخشى ئىش قىلغانلار يامان كۆزدىن يىراق بولسۇن. سىزنىڭ بۇنىڭىدىن كىينىكى ئىشلىرىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. بۇنىڭىدىن كىيىن ئوقۇتۇش مۇساپەمدە سىزدىن كۆپ تەلىملەرنى ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن تېخمۇ تىرىشىمەن. ئامان بولۇڭ.
مىھىرىگۈل ئۆمەر
|
|