- تىزىملاتقان
- 2013-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1486
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
  48.6%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ئۇچۇرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ بىلوگ ئۇقۇمى بىزدىمۇ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ دەلىلى بولغان بلوگلاردىن ئالىم ئەھەت بىلوگى، تورخۇمار بىلوگى، ئەي بالام بىلوگى قاتارلىقلار بار.
نەق گەپكە كەلسەك بۇ يىلنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بولۇشى ھەممىمىزنى چەكسىز سۆيۈندۈرىدۇ. سۇبات شىركىتىمىز IT ئۇچۇر -تېخنىكا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىتاب ئوقۇش يىلىغا يېڭىچە مەنا قوشۇشنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بۇرچى دەپ بىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابخۇمار دوستلارغا ھەقسىز بىلوگ ئېچىپ بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز!
بىز بىلوگچىلىققا قىزىقىدىغان شۇنداقلا كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى دوستلار بىلەن بەھرىلىنىشنى خالايدىغان ئون شەخسنى تاللاپ، ئۇلارغا تېخنىكا، مۇلازىمەت ۋە تور بوشلۇقنى شىركىتىمىزدىن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەپ بىلوگ ئېچىپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە مۇلازىمىتېرنىڭ سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى. (ئەسكەرتىش: تور نامىنى ئەزىزلەر ئۆزلىرى تەييارلىسىمۇ بولىدۇ مەسىلەن bahadir.com ۋە ياكى palani.subat.cn شەكىلدە بولسىمۇ بولىدۇ )
پائالىيەت قىسقىچە جەريانى:
بىلوگ قۇرماقچى بولغانلار بىز قالدۇرغان ئېلخەتكە ئۆزىنىڭ بىلوگ قۇرۇش پىلانىنى يوللىسا، بىرىنچى تۈركۈمدە بىز ئالدىنقى 20 شەخسنى تاللايمىز ھەمدە بىلوگ قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن 10 شەخسكە ھەقسىز بىلوگ قۇرۇپ بېرىمىز.
ئلخەت: 2015@subat.cn
مۇلازىمەت ئۈندىدار: tashjan.
|
|