- تىزىملاتقان
- 2013-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1308
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
  30.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sumurgh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-11 17:26
«يىپەك يولى ساداسى» دېگەن بۇ پروگرامما خەنزۇلارنىڭ سەنئەت پروگراممىسىدىن ئۆز ئەينى بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، مۇكاپات سوممىسىمۇ دىيارىمىزدا خېلى يۇقىرى. مەنچە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپات سوممىسى بىلەن «پەن -تېخنىكا ساداسى» ئېلىپ بېرىلسا قاتنىشىدىغان ئادەم تايىنلىق. چۈنكى، كۆپلىگەن قىز - يىگىتلىرىمىز ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىيالىغان بىلەن بىرەر كەشپىيات يارىتالمايدۇ - دە! بۇ ئىشلارغا نېمە دەيمىز، يا بۇ بىر ياكى بىر قانچە شىركەتنىڭلا قوللىشى بىلەن بولىۋاتقان ئىشلار بولمىسا؛ ئۇنىڭ كەينىدە يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تارقىتىش ئاپپاراتى، مەدەنىيەت نازارىتىگە ئوخشاش نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورۇن، پارتكوم تەشۋىقات ئورۇنلىرىغا ئوخشاش تەستىق سالىدىغان ئورۇنلار بار تۇرسا... ئۇلار قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ، تەستىقلاپ قىلغاندىكىن ھېچ چەكلىمىسىز داۋاملىشالايدۇ - دە. ئەگەر شۇ ئورۇنلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەن - تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پروگراممىلارنى ئۇيۇشتۇرغان بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئازراق بولسىمۇ ئۆزگىرىش بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا شىركەتلەرنىڭ مۇكاپات سوممىسى بىراقلا ئون ياكى يىگىرمە ھەسسە ئازلاپ كېتىشى مۇمكىن ... |
|