بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 13:21
يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا تېنىڭىزلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت، كەسپىڭلاردا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
مەكتىپىمىزنىڭ يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشىدا تارتىلغان. سولدىن 2-سى مەن ۋە 3-سى ئايالىم.
بۇ يىل مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ مەنىلىك، ئەڭ خۇشاللىنارلىق پەيتلەرنىڭ بىرى بولسا، ۋەتەنگە بېرىپ ئانا يۇرتۇمنىڭ ئامان-ئېسەن تۇرغان قىياپىتىنى ۋە كۆرۈشمىگىنى ئۇزاق بولغان دوستلار ۋە قان قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگىنىم بولدى. مەن بۇ قېتىمقى ئانا دىيار سەپىرىمدىن شۇنى يەنە بىر قېتىم بىلدىمكى، خەلقىم ئىشچان، خەلقىم مېھمان دوست ۋە خەلقىم ئاق كۆڭۈل! مەن كەلمەكچى بولغان يېڭى يىلدا ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” نىڭ داۋامىنى يېزىپ پۈتتۈرىمەن.
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى
|