- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11027
- نادىر
- 1
- يازما
- 529
ئۆسۈش
  2.57%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تاشپولات ئەپەندى:
تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن.
يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بىر ئادىتى بولسىمۇ، ئەپسۇس، ئادىتىم بويىچە يېڭى يىلىڭىزنى تەبرىكلىيەلمەيمەن. سىزدەك ئالىمىمىز ئۈچۈن ۋاقىتنى ئارقىغا ياندۇرۇش مۈمكىن بولسا، ۋاقىتنىڭ ئارقىغا يېنىشىنى تىلەيمەن. ياكى ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشىنى، بىر كۈنىڭىزنىڭ بىر يىلغا تەڭ بولىشىنى تىلەيمەن.
مەن بىراۋنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىمەيمەن. پەقەت ئوغلۇم تۇغۇلغاندا ئۆمىلىسە، ماڭسا، تىلى چىقسا دەپ يىللارنىڭ تىزراق ئۆتۈشىنى تىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يېڭى يىلنىڭ كېلىشى بىلەن شادلانمىغان. مەن يېڭى بىر يىل يېتىپ كەلسە، ئادەمنىڭ قاچان ئۆلۈشىنى بىر اللە بىلسىمۇ، ئۆلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلىشىمەن دەپ قاراپ، شادلىنىپ كەتمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ مەنتىقىسى بويىچە سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزنى تەبرىكلىمىدىم.
ۋاقىتنى ياندۇرۇش، توختۇتۇش مۈمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقتىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن. سىز ئۈچۈن يېڭى يىلنىڭ مەڭگۈ يېتىپ كەلمەسلىكىنى تىلەيمەن.
توغراق يېشىدا ياشاڭ. ئاغا. |
|