- تىزىملاتقان
- 2013-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1601
- نادىر
- 1
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  60.1%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،مۇنبەرداشلىرىم ،مەن يازمامدا كىتاب ئوقۇش يىلىنى بىر بىرىمىزگە ياخشى كىتابلارنى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق كۈتۈۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تېما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ مېنى قوللىغان دەسلەپكى ئىككى مۇنبەردېشىمغا "ئۆزلۈك ۋە كىملىك"ۋە كىملىك" شېرىن بۇلاق ناملىق" ئىككى كىتابنى بىردىن سوۋغا قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم ،نەتىجىدە ئەزا ئىسمى ئويتاغ ۋە ئۇيغۇر ئىزلارى بولغان ئىككى قېرىندىشىمىز بۇ شەرتكە چۈشكەنىدى .ئويتاغ قېرىندىشىم ئۇچۇر يېزىپ ئۆزىنىڭ ھازىر بېيجىڭدا ئىكەنلىكى ،يېقىندا تەتىلگە قايتىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا تاپشۇرۇۋېلىشنى ئېيتتى .ئۇيغۇر ئىزلارى قېرىندىشىممۇ ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى كىتابنى ئوقۇپ بولغانلىقىنى مۇمكىن بولسا تېخى ئوقۇمىغان قەدرىنى بىلىدىغان بىرسىگە ئۆتۈنۈپ بەرگۈسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئاتلانجان نامىدىكى مۇنبەردىشىمىز گە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدۇم .
بۇ گەپلەرنى دېيىشتىن ھەرگىزمۇ باشقىچە نىيىتىم يوق ،پەقەت ياخشى نىيەت بىلەن بولغان ئىشنىڭ ئاشكارا بولغىنى ياخشى ھەمدە ۋەدە قىلغان ئىشىمنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن چىقىشىم كېرەك دەپ ئويلىغىنىم ئۈنۈم بۇ گەپلەرنى دەپ قويغۇم كەلدى ،خەير .يېڭى بىر يىل ياخشى ئىش ياخشى ئەمەللەر بىلەن باشلانغۇسى . |
|