- تىزىملاتقان
- 2012-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4775
- نادىر
- 0
- يازما
- 453
ئۆسۈش
  92.5%
|
dawrim2 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 01:08 
كىتاپ ئۇقۇمايدىغان بەڭۋەشراق ئاغىنىلەرگە ،قانداق كىت ...
كىتاپ ئوقۇش بىر ئىلمىي پائالىيەت .كىشلەرنىڭ بولۇپمۇ مۇئەييەن دەرجىدە كىتاپ ئوقۇپ كۆنمىگەن ياكى ۋاقىت ،ئىقتىساد مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا نەغمە-ناۋا ياڭرىتىش بىھاجەتتۇر .
1.ئاۋۋال شۇ دوستىڭىز بىلەن ئوبدان سىردىشىڭ .غەم-غۇسسىلىرىنى .دەت-پىغانىنى ئاڭلاڭ
2.قىزىقىشى ،ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن ئۆزىڭىز شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپتىن بىرنى ئوقۇڭ .ئەڭ ئىسىل ،قىزىقتۇرالىغىدەك يەرلىرىنى سۆزلەپ بىرىڭ !
3.بىرگە بولغاندا كىتاب توغرىسىدا سەل دەبدەبىلىك ،ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ،قىزىقتۇرىدىغان پاراڭلارنى سىلىپ بىرىڭ
4.كىتاب توغرىسىدا مەلۇم بىر ئىشتا دوستىڭىزنى ھەيران قالدۇرۇڭ ،ياكى تەسىرلەندۈرۈڭ !
5.مىللىتىمىز ئەدەبىياتىغا ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمۈدۋار قاراڭ.كۆپ تىل ئىگەللەڭ . ئۈمۈدۋار ھايات قارشىنى يىتىلدۈرۈڭ ۋە كىتاپ ئارقىلىق مەنىۋىيتىڭىزنى تولۇقلاپ تۇرۇڭ
6.ئۆيىڭىزنىڭ كۆزگە كۆرۈگىدەك يىرىگە ئائىلىڭىزنىڭ قىزىقىشى بويىنچە 10 غا يىقىن كىتاپنى قويۇپ قويۇڭ .مەسلەن ساماۋى كىتابلار ،تىبابەت ،ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ، ئەدەپ-ئەخلاق ....
7.كىتاب سىتىۋالغاندا پۇلنى ئوبدان يىغىپ ،چىداپلا 10 كىتاپنى بىراقلا ئىلىۋىتىڭ .بولمىسا بىرەر كىتاپ يارىماسلىق سەۋەپلىك كىيىنكى كىتاپلارغا يانچۇقتىكى پۇلىڭىزنى چىققۇسى كەلمەي قالىدۇ....
8.كىتاب ئوقۇشنى يىتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل :
1)ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاش
2) نىمىگە ئىنتىلدىغانلىقىنى ،قايسى ئىشلارغا مەيلى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
3) يىڭى كىتاپ ئوقۇشنى باشلىغاندا چىداپ تۇرۇپ بىر تىنىقتىلا كىتاپنى ئوقۇۋىتىش
4) ئۆزىنى ناھايىتى خەيىرلىك ئىش قىلۋاتىمەن دەپ ئويلاش....
5) كىتاپنى تەكچىگە ئەپ قويماي ،تاماق ئۈستىلى ،كارۋات بىشى قاتارلىق دائىم،كۆرىدىغان يەرلەرگە قويۇپ قويۇش......
..... |
|