- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
  11.73%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 11:21
akim888 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:14 
ئەركىن مۇئەللىم،بۇ ژورنالنىڭ چۇشەندۇرۇشىچە ،ئەنگىلى ...
تۆۋەندىكى تور بېتىدە ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ژورناللارنىڭ ماقالە ھەققى چۈشەندۈرۈلگەن. دېمەك، بەزى ژورناللارغا ماقالە ھەققى ئېلىنىدۇ، بەزىلىرىگە ئېلىنمايدۇ، يەنە بەزىلىرى 10 بەتتىن ئاز ماقالىگە پۇل ئالماي، 10 بەتتىن ئېشىپ كەتكەن ماقالىگە پۇل ئالىدۇ.
ماڭا ئارىلاپ-ئارىلاپ بەزى ژورناللارنىڭ «ئالاھىدە سانى» (Special Issue) غا ماقالە ئىۋەرتىش ھەققىدە، ۋە بەزى ژورناللارغا مۇھەررىر (editor) بولۇپ بېرىش توغرىسىدا ئېلخەت ئارقىلىق تەكلىپنامە كېلىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بەرمىسەم، ئۇلار مەندىن بۇ ئىشنى سۈيلەپ قايتا ئېلخەت ماڭدۇرمايدۇ. ئەگەر بىرەر ژورنال سىزدىن ماقالە تەلەپ قىلىپ سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىۋالغان بولسا، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزغا كۈزى چۈشكەنلىك ئېھتىمالىققى يۇقىرى بولىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە خەلقئارادىكى داڭلىق ژورناللارنىڭ ھېچ قايسىسى ماقالە ئىۋەرتىش توغرىسىدا بىر ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋالمايدۇ. پەقەت سىزدىن پۇل تاپماقچى بولغانلارلا شۇنداق قىلىدۇ.
مېنىڭ سىزگە بەرىدىغان تەكلىپىم، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى ئەڭ ياخشىسى بۇنچىۋالا كۆپ يازمىسىڭىز. بولمىسا تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويىسىز. |
|