- تىزىملاتقان
- 2013-9-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4759
- نادىر
- 0
- يازما
- 384
ئۆسۈش
91.97%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن مۇئەللىم{ ئەكبەر شېرىپ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يازغۇچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى ئاكىمىزنىڭ ئوغلى} دىگەن بۇ سوز قانداق بولۇپ قالدى?ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم فامىلە قايدىسى بويىچە بولغاندا، سىزنىڭ سوزىڭئىزگە ئاساسلانساق ئەكبەر شېرىپ ئىسلامجان ئاكىمىزنىڭ ئىنىسى بولۇپ قالمامدۇ؟،نەچچە يىل بۇرۇن بىر پارچە ماقالىنى{شىنجاڭ ئىجتىمايى پەنلەر مۇنبىرى}نىڭ ژورنىلىغا بېرىش ئىششى بىلەن ماقالىنى ئىسلامجان ئاكىمىز ئىشلەۋاتقان ژورنالغا بەرگەن، تەھرىرلەر ماقالىنى كورگەندىن كېيىن { ماقالە بولىدىكەن،يېڭىلىق كوپ ئىكەن،باسايلى،لېكىن بىزنىڭ ئادەم كۇچى سەل چەكلىك،بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كوپ تۇرلەرگە چېتىلىدىغان ماقالىنى ماشىنىدا ئۇرۇپ،دېسكىغا قاچىلاپ بەرگەن بولسىڭئىز بوپتىكەن} دىگەن،بۇ ۋاقىتتا مەن تېخى كومپۇيوتوردا بۇنداق خەت ئۇرالمايتتىم .ئىسلامكام بۇنى بىلىپ، ماڭا ئېتىۋار قىلىپ،ماقالىنى ئۈزى قول بىلەن تۇزەتتى،نەچچە كۇندىن كېيىن ئىسلامجان ئاكىمىز ماڭا تېلىفون قىلىپ،ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتا بىر تۇزۇتۇپ -سېلىشتۇرۇشنى ئېيتقان ئىدى،بىز ئىسلامجان ئاكىمىزنىڭ ئۈيىدە ماقالىنىڭ قۇرۇلما ۋە باشقا مەزمونلىرىنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ تۇگەتتۇق،ئەتىسى ماقالىنى باش تەھرىرگە بېرىپ بولۇپ،ئامىرىكىغا كەتكەن،بۇ ئىسلامجان شېرىپ ئاكىمىزنىڭ دىيىشىچە،ئوغلۇم ئامىرىكىدا قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ،ھاكىمجان ماقالىڭئىز بەك قول تۇتۇپ كەتتى، مۇشۇ ماقالە تۇگسىلا ئامىرىكىغا ماڭىمەن }دىگەن، نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇقسام ،ئىسلامجان ئاكىمىز بۇ ماقالىنى باش تەھرىرگە بېرىپ بولۇپ،بىر كۇن تەييارلىق قىلىپلا ئامىرىكىغا كېتىپتۇ،قېرىشقاندەك ماقالە بۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنمىدى،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كومپۇيوتۇردا خەت ئۇرۇشنى ئۇگەنمىسەم بولمىغىدەك دىگەن ئىرادىگە كەلگەن،مانا ھازىر بۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى،ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام،بۇ ۋاقىتلاردا ئەركىن مۇئەللىممۇ ماقالىلەرنى يېڭى يېزىقتا يازاتتى، ئەركىن مۇئەلىم تورغا يوللۇغان ماقالىلىرىنى چۇشۇنۇش سەل تەس ئىدى،مانا ھازىر ماقالىلارنى ئۈز يېزىغىمىزدا يوللۇغاندىن كېيىن چۇشۇنۇش ئاسانلاشتى، ئالاقە قىلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ ئۇنۇملۇك بولدى،بۇ تىما بەكلا ياخشى بوپتۇ،كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ،قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسىنى ئاشۇرۇدىكەن،نىمە ئىشكىن،مەنمۇ {ماقالاڭنى ئەۋەتكىن }دەپ ھەر كۇنى كېلىۋاتقان شۇنچە نۇرغۇن خەتلەرنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ،ئەركىن مۇئەللىم يوللۇغان ماتىرياللارنى بىر كۇر كۇرۇۋېتىمەن،چۇنكى ماقالىلاردا دائىم يېڭىلىق بار،چۇشەنمەك تەس بولغان سۇزلارمۇ ئۇچۇراپ قالىدۇ،مەسىلەن{ئەكبەر شېرىپ}دىگەندەك،بۇ سوز بىلەن نۇرغۇن ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى،سوزىم قوپال بولۇپ قالمىغاندۇ ھە،
|
|