- تىزىملاتقان
- 2014-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 155
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  51.67%
|
بەھوزۇر دېگەن سۆز بە+ھوزۇر شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، بە قوشۇنچىسى ئىسىم ئالدىغا قوشۇلۇپ، سۈپەتكە ئايلاندۇرىدىغان قوشۇمچىدۇر. بۇ قوشۇمچە ئۆزى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن: بەقۇۋۋەت (كۈچلۈك)، بەدۆلەت (كاتتا دۆلەتمەن)، بەھوزۇر (كاتتا ھوزۇر، چوڭ ھوزۇر)، بەئەينى (دەل ئۆزى) دېگەندەك.
ئەمما بەد قوشۇمچىسى ئىسىم ئالدىغا قوشۇلۇپ سۈپەت ياسىسىمۇ سۆز تومۇرى(ئەسلىدىكى ئىسىم) ئىپادىلىگەن مەنىنىڭ تەتۈر مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن: بەدقىلىق(قىلىقى سەت)، بەدنىيەت (نييىتى دۇرۇس ئەمەس)، بەدخۇي (خۇيى ئوسال)، بەدبۇي (سېسىق ) قاتارلىقلار.
«بە» ۋە «بەد» تىن ئىبارەت بۇ ئىككىلا قوشۇمچە بىزگە پارىسچىدىن كىرگەن بولۇشى مۈمكىن. |
|