- تىزىملاتقان
- 2013-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 772
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
  54.4%
|
قومۇل خەلق توي ناخشىلىرىدا مۇنداق بىر كۇبلېت بار:
ئاي پاتقىچە، تاڭ ئاتقىچە،
يولداش ئىدىم، يار سەنەم.
ئەمدى يولداش كىم بولۇر،
ئانا سىزگە، يارسەنەم.
(ياتلىق بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقان قىزنىڭ تىلىدىن ئانىسىغا قارىتىپ ئېيتىلىۋاتىدۇ)
بۇ يەردىكى «يولداش» سۆزى «ھەمراھ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرمۇ قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا «يولداش بولۇش» دېگەن سۆز «ھەمراھ بولۇش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
قومۇللۇقلارنىڭ «يولداش» سۆزىنى «ھەمراھ» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىشىنىڭ تارىخى بەك ئۇزاق بولمىسىمۇ، مېنىڭچە، ھەر ھالدا ئۇيغۇرلار كوممۇنىزم ۋە كوممۇنىستلار بىلەن تونۇشقان تارىختىن ئۇزاقراق.
(باشقا يۇرتلاردا مۇشۇنداق ئىشلىتىدىغان- ئىشلەتمەيدىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، شۇڭا، قومۇلنىلا مىسالغا ئالدىم). |
|