- تىزىملاتقان
- 2013-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1151
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
  15.1%
|
izdangqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 21:39 
سىز دەۋاتقىنىڭىز نەق شۇ خىرىستىئانلارنىڭ نەزىرىدىكى ق ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئىزدەنگۈچى ناملىق تورداش . سەۋرىڭىزگە بارىكاللاھ .بەزىلەرگە بەرگەن جاۋابلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقىپ ئۆزۈمنىڭمۇ ئىدىيىسىدىكى بەزىبىر مۈجمەل نۇقتىلارغا جاۋاب تېپىۋالدىم . ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز سىزدىن سورايدىغان بىر قانچە سوئالىم بار ئىدى .
1.ئەڭ ئاۋۋال نازىل بولغان ئايەت سۈرە ئىخلاس دەپ ئاڭلىدىم .ئۇنداقتا 2-3-4-.....بولۇپ نازىل بولغان ئايەتلەر قايسىلار ؟(ياكى قايسى ماتېرىيال ياكى مەنبەدىن ئىزدىسەم بۇ توغرىسىدىكى بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمەن ؟)
3.ئەينى دەۋىردە خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەڭ ئىشەنچىلىك قۇرئان يادقا ئالغۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ قۇرئان كەرىمنى رەتلەپ چىققان دەپ ئوقۇغانىدىم .ئۇنداقتا ئەينى دەۋىردە ئۇ قۇرئان يادقا ئالغۇچىلار نازىل بولۇش رەت تەرتىپى بويىچە يادلامتى ياكى قۇرئاننىڭ ھازىرقى رەت -تەرتىپى بويىچە يادلامتى ؟ (ياكى قايسى ماتېرىيال ياكى مەنبەدىن ئىزدىسەم بۇ توغرىسىدىكى بىلىملەرگە ئېرىشەلەيمەن ؟)
3.قۇرئان سۈرىلىرىگە ھازىرقى ئىسىملار رەسۇلۇللاھ مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە قويۇلغانمۇ ياكى كېيىنكى يادقا ئالغۇچىلار ئەستە تۇتۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن دەپ شۇنداق ناملارنى قويغانمۇ ؟
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .بۇ سوئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرسىڭىز ياكى جاۋابىنى تېپىشنىڭ باشقا قولايلىق ئاماللىرىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز .ئاللاھ خالىسا ،مېنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىچە مەخسىدىم يوق .پەقەتكى مەخسىدىم دىنىمنى تېخىمۇ ياخشىراق ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئىسلام تارىخىنىمۇ چۈشىنىش .ئېسىمدە قېلىشىچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئۆزىنىڭ بىر تېمىسىنىڭ داۋامىدا مېنىڭ 1-سوئالىمغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سوئالنى سوراپ تورداشلاردىن ياردەم سورىغان .ئەمما مەن ئۇ تېمىنى تاپالمىدىم .شۇئا ياردىمىڭىزنى كۈتۈپ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن . بۇ سوئاللار توغرىسىدا مەلۇماتى بار تورداشلارنىڭمۇ ماڭا ياردەم قىلىپ جاۋاب يېزىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
|
|