قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: turan1001

ئىسلامنىڭ ھۆججىتى-ئىمام غەززالى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32740
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 15:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش1 ئەپەندىم باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۇچرۇپسىز سەۋەبى نىمە؟ ئىنكاستا قانۇنغا خېلاپ گەپلەر بارمىكەن؟ jiwle بۇ ئادەمنىڭ نىمە دەپ سۇئال سورغان دىگەننى كۆرۇپ ئاندىن ئۇچۇرلىشى كىرەكقۇ دەيمەن.  مۇنبەر مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىن كىيىن مۇنازىرلىشىدىغان گەپ.jiwle تىيمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازمىغاندىن كىيىن باشقىلارمۇ شۇنداق ئىنكاس يازدىغان گەپ. بۇندىن كىيىن ئىنكاسنى ئۇچۇرمەكچى بولسىڭىز سەۋەبىنمى بىلىپ ئاندىن ئۇچۇرگەيلا!

0

تېما

0

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 04:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan32 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 05:19  
kaltis يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 15:02
باغداش1 ئەپەندىم باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۇچرۇپسىز سەۋە ...


سىزنى بىر كىم شاۋدۇيجاڭ سايلاپ قويدىما؟بەك چىدىماي قاپسىز ھە؟بەك چىدىيالماي قالغان بولسىڭىز ۋاتىكاندىكى پاپىڭىزنىڭ قېشىغا بېرىپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ  بىر دەرد ئۇقۇۋىلىپ كىلىڭە،پاپىڭىزنىڭ رەھمى كىلىپ ئوباماغا بۇيرۇق قىلىپ ئامرىكا باشچىلىغىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە بۇيرۇق قىلىپ باغداشنى ئاتۇم تاشلاپ تۈپ-تۈزلىۋىتىپ بىرىپ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىشى مۇمكىن……سىزگە دىسەم باغداش مۇنبىرى بىز ھەممە نۇرمال ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك مۇنبىرى،بىز بۇ مۇنبەردىن پەخىرلىنىمىز.ئۈچۈرىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز  ئەمدى بىلىۋىلىڭ؛  ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ تېرىماقچى بولسا ئاشۇنداق ئۈچۈرىدۇ،(چۈنكى سىز ۋە سىزگە ئوخشىغانلار قوزغىماقچى بولغان بۇ خىل ئىختىلاپ،پىتنە-پاساتلارنى دۆلىتىمىزمۇ،جۈملىدىن مىللىتىمىزمۇ ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايدۇ! )سىزگە باغداشنىڭ مۇشۇ خىل ئەخلاقى يارىمىغان بولسا باغداشقا كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ياكى ئايرىم مۇنبەر قۇرۇپ شەيتانلىرىڭىز بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىپ  ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بىز ھەرگىز سىزگە،ۋەسىلەرگە ھەسەد،ۋە ھەۋەس قىلمايمىز،
--------------------------------
بۇندىن كىيىن ئىنكاسنى ئۇچۇرمەكچى بولسىڭىز سەۋەبىنمى بىلىپ ئاندىن ئۇچۇرگەيلا!
------بۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت غا ئەرز قىلىڭ!

ئەسكەرتىش؛ئىنكاسىم ئۈچۈن مىنى تىللىماقچى بولسىڭىز،ئۇنداقتا مىنىڭ جاۋابىم( نادانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان) سۈكۈتتۇر!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى ئىككى پارچە ماقالىسىدە 45 يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» [1] گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. مەزكۇر ماقالە ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، مەن بۇ قېتىم ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەرنى تونۇشتۇرىمەن.

       1. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
        ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلار ئەستە قالدۇرغان سۆزلۈكلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ماڭىدۇ. گەرچە بالىڭىز ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە ئۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشلىتىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا 400 گىچە بولغان سۆزلۈكنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىدا ناھايىتى زور پەرقلەر بار بولىدۇ. يەنى نۇرغۇن بالىلار بىر قېتىمدا چوڭلارغا بىر-ئىككى تال سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان بولسىمۇ، بەزى بالىلار قىسقا جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇشقا، ھەمدە بىرلىك ۋە كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى، بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى، ۋە ئالماشلارنى توغرا ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.
        بۇ مەزگىلدە بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ھېكايىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە كىرىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ، ھەمدە كىتابتىكى رەسىملەرنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قاپىيىداش سۆز ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى يادلىۋالىدىغان بولىدۇ. بالىڭىز 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭىلىقلارنى بايقاش جەريانىدىن ۋاقىتلىق ئارام ئېلىپ، سىز بىلەن بىللە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ھەمدە بالىڭىزغا بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئىشى بىر خىل ھۇزۇرلىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ، بۇ ئىش سىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

       2. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر
       بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ ئېلىپبە ھەرپلىرى ھەققىدىكى بىلىملىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ياشلىق بالىڭىزنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەرپلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنتتىن ئىبارەتتۇر.

       (1) ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلاش
        بالىڭىز رەسىم ۋە ھەرپلەرگە خېلىلا قىزىقىدىغان بولغاندا، سىز بالىڭىزنى بۇ ئىشلاردىن توسماي، ئۇنىڭ بىر ھېكايە ئېيتقۇچى بولۇشىغا يول قويۇڭ. شۇنداقلا سىز بالىڭىزنىڭ بىر ئاكتىپ ئاڭلىغۇچىسى بولۇپ بېرىڭ. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىلەن بىللە توختىماي ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ، قىزىقارلىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرگە ھەر خىل قىلىقلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ ھېكايە ئېيتقۇچى ۋە سىزنىڭ ھېكايە ئاڭلىغۇچى بولۇشىڭىز، ھەمدە بالىڭىزنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىڭىز بىلەن، بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئاخىرىدا ئۇ سىز دېمىسىڭىزمۇ ئۆزلۈكىدىن كىتاب ئوقۇشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار قاتارىدا قىلىدىغان بولىدۇ.

       (2) ئەمەلىي ئىشلارنى چۈشەندۈرىدىغان رەسىملىك كىتابلار
       ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىڭىز ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. قولىنى ئۆزى يۇيۇش، مۇنچا سۈيىنى ئۆزى ئېچىش، چېچىنى ئۆزى تاراش، كىيىمىنى ئۆزى تاللاش ۋە ئۆزى كىيىش قاتارلىق كىشىلەر ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارغا ئىنتايىن قىزىقىشقا باشلايدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە بالىڭىزغا ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆگىتىدىغان رەسىملىك كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىڭ.

        (3) بىر كىتابنى تەكرارلاپ ئوقۇش
        ئىككى ياشلىق بالا ئوخشاش بىر ئىشنى قايتىلاپ قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ئوخشاش ئىككى-ئۈچ كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ. بالىڭىزنى باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا زورلىماي، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا يول قويۇڭ. گەرچە سىز ئوخشاش كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالىدىغان بولسىڭىزمۇ، بالىڭىز ئۈچۈن ئىش ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. گەرچە بالىڭىز بىر ھېكايىنى بۇرۇن 20 قېتىم ئاڭلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەر قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭدا يەنە يېڭى ۋە ھاياجانلىنارلىق نەرسىلەرنى بايقايدۇ. ھەمدە بالىڭىز ئۇزۇن ئۆتمەي ھېكايىدىكى قاپىيىلىك سۆزلەر ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى ئەستە قالدۇرۇپ، كىتابنى سىز بىلەن بىللە ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭىدىن باشلانغان ساۋات چىقىرىش ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر.

        (4) پاسسىپ ئاڭلىغۇچى
        بەزىدە سىزنىڭ ئىككى ياشلىق بالىڭىز سىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان كىتابقا قۇلاق سالمايۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىتابتىكى مەزمۇننى سىز ئويلىغاندىن جىق ياخشى قوبۇل قىلىۋاتقان بولىدۇ. نۇرغۇن بالىلار ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان كىتابنى باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ياخشىراق قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر بالىڭىز بىر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا كىتابقا زېھنىنى يىغالمىسا، ئۇنىڭغا بىر بوياق بىلەن بىر پارچە قەغەز بېرىپ، سىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا رەسىم بويىتىڭ. شۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ كىتابقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ، كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سوئال سوراۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.

        3. ساۋات چىقىرىشىنى تېزلىتىش
        ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالا بىر بوۋاق ئەمەس، ئۇ ھەر بىر كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىدىيىگە، ھېسسىياتقا ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولغان بىر مۇستەقىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. سىزنىڭ قانداق كىتابلارنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر.

        ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىغا كىتاب تاللاشتا، تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ:
       (1) جۈپلەش ۋە تۈرگە ئايرىش: بالىڭىز ئاساسىي شەكىللەر ۋە رەڭلەر بىلەن تونۇشۇپ بولغان بولسا، ئۇ ئەمدى ئاشۇ قابىلىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئوخشىمىغان شەكىللەرنى جۈپلەشتۈرۈش، تۈرگە ئايرىش ۋە قارىمۇ-قارشىسىنى تېپىش ئىشلىرىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ.
       (2) تېپىشماق كىتابلىرى: تېپىشماق تېپىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلاردا قول-كۆز ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش، شەكىل ۋە رەڭلەرنى تونۇش، ۋە كۈچلۈك دەرىجىدىكى مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى بايقالغان.
       (3) ھەرپ بىلەن سانلار: سىز ئالدىنقى يىلى باشلىغان ھەرپ ۋە سان ھەققىدىكى دەرسلەر ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار ئۈچۈنمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بالا ئۈچ ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇ ھەرپلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئىشلىتىدىغان بولىدۇ. ئۇ ئېلىپبە ھەرپلىرىنى باشتىن ئاخىرغىچە دەپ بېرەلىشى، ھەمدە بىردىن 10 غىچە ساناپ بېرەلىشىمۇ مۇمكىن.
       (4) بەدەننىڭ تۈزۈلۈشى: سىزنىڭ ئىككى ياشلىق بالىڭىز ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك قىزىقىشىنى نامايان قىلىشى، ئۆزىنىڭ بۇرنى، قۇلىقى، كۆزى ۋە ئېغزىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئىنتايىن خۇشال بولۇشى مۇمكىن. بالىڭىزنىڭ مۇشۇنداق بىلىملىرىنى كۈچەيتىدىغان ۋە كېڭەيتىدىغان كىتابلارنى تاللاڭ. بالىلار كىتابى يازغۇچىسى ئەل پېركىنز (Al Perkins) يازغان بىر قىسىم ئاشۇنداق كىتابلار بار.
       (5) تەڭ پايدىلىنىش: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ بىرى باشقا بالىلار بىلەن ياخشى ئويناش ۋە نەرسىلەردىن تەڭ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. بالىغا مۇشۇنداق چۈشەنچىلەرنى مەزمۇن قىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىز باشقا بالىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقاندا قائىدە-يوسۇنلۇق بولىدىغان بولىدۇ.
       (6) ئوبۇرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش: گەرچە ئوخشىمىغان بالىلارنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، كۆپ ساندىكى بالىلار ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئوبۇرنىنى ئىشلىتىش ئۇقۇمىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوبۇرنىنى ئىشلىتىشنى بالىلار ئۆزلىرىنىڭ سۈرئىتى بويىچە ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما بالىڭىزنى ئوبۇرنىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى كىتابلار بىلەن ئۇچراشتۇرسىڭىز، بالىڭىز بۇنداق بىر يېڭىلىقتىن گاڭگىراپ قالمايدىغان بولىدۇ.
      
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

0

تېما

0

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izdangqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 12:10
گەپنى قىسقارتسام .ھەرقايسىڭلا ر ،نىمە ئۈچۈن ئايال كىشى ...

يارايسىز

10

تېما

12

دوست

7304

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   46.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2164
توردىكى ۋاقتى: 549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaltis يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 00:45
دىنغا  ئىشىندىغان  ئاممىنى  ھەرقانداق  ئاتالمىش مۇناز ...

‹ئۇچۇر  ئارقىلىق بىرى  بىلەن  مۇنازىرە  قىلىمەن  دىيىش   ›بۇ  ئۇششاق  باللارنىڭ  ئويۇنى  ئەپەندىم  .    بۇنداق  ئويۇننى  ھازىر  مىنىڭ  باللىرىم  ئوينايدۇ ،   مىنىڭ  ئۈچ  بالام بار  ، بۇنداق  كىچىك  باللارنىڭ  ئويۇنى  بىلەن  خۇشۇم  يوق .
  مىنىڭ  سىز  بىلەن  يۈز  تۇرانە  مۇنازىرە  قىلىشقا  بولۇپمۇ  دىن  توغرىسىدا مۇنازىرە  قىلىشقا  يىتەرلىك  بىلىمىم  بار  ،  خوش  ، ئەمدى  سىزنىڭ  بۇنۇڭغا جۈرئىتىڭىز  بارمىكىن .؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan32 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 20:10  
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 15:23
‹ئۇچۇر  ئارقىلىق بىرى  بىلەن  مۇنازىرە  قىلىمەن  دىيىش  ...


كۆك بۆرە بۇرادەر،ئۇ بىر نەچچىسى چاشقانلار جەمەتىدىن ئوخشايدۇ،(بىردەم ئۇ سالاھىيەتتە بىردەم  بۇ  سالاھىيەتتە ئوغرى چاشقاندەك بىر خىل ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىگە قاراپ شۇنداق دىدىم    )ئۇلارنىڭ سورىغانلىرىغا ئىزدەنگۈچى نۇرغۇن تەپسىلى جاۋاپلارنى بىرىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى،ئىزدەنگۇچى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان  سۇئاللارنى سورىغان بولسىمۇ ئۇلار ئەينى سۇئالغا جاۋاپ بەرمەي ئۈزىنى قاچۇردى،(يۇقاردىكى ئىنكاسلاردا ھەقىچان ئىزدەنگۈچىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىنى كۆردىڭىز بەلكىم    )مانا ھازىر سىز مەردنى مەيداندا سىنا دىگەندەك مەيدانغا چىق!مۇنازىرىگە مەن تەييار دىسىڭىز يەنىلا كونا قائىدىسى بويىچە ئىش تۇتىۋاتىدۇ،مۇنداق خاتا تۇغۇلۇپ قالغان ئىنسانلارغا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،بىركۈنلەر كەلگەندە بۇ چاشقانلارمۇ گۆردىن ئىبارەت بىر قىسماققا چۈشىدۇ،شۇ  چاغلاردا بۇ دۇنياغا كەپ قالغىنىغا پۇشايمان قىپمۇ قالىدۇ،لىكىن بۇ ۋاقىت مەسىلىسى خالاس!

0

تېما

0

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaltis يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 16:03
كۆرەرۋەرمەڭ ناخشا ئۇسلدىن گونانى
خوراپاتلىق ئېلىپ كە ...


تەرمىلەر



ئىمان ئۈچۈن...         
تەرجىمە قىلغۇچى: ئاۋار
ماتېماتىكا دوكتۇرى : جېفري لاڭ

       
ئامىرىكا كېنساس ئۈنىۋېرسىتىنىڭ ماتېماتىكا ئۇستازى جېفرى لانڭ  1954 . يىلى تۇغۇلغان، يىتىلىشىدە
خىرىستىئان بولۇپ، 18 ياشقا قەدەم قويغاندا دەھرىلىككە ئۆتكەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدىكى
بەزى سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىغان. ئۈنىۋېرستىت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ماتېماتىكا
پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئالغان بولسىمۇ يەنىلا دەھرىلىك ھالىتىدە قالغان . 80 . يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، سان
فرانسىسكو ئۈنىۋېرسىتىدە دەرس بېرىۋاتقان مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر مۇسۇلمان يىگىت بىلەن
ئۇچراشقان ۋە ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، قويۇق باردى -كەلدىدە بولغان ۋە ئۇلاردىن
بىر قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىگە ئېرىشكەن .

ئۇ بۇ چاغلاردا مەلۇم دىنغا مەيلى بولمىسىمۇ، قۇرئان كەرىمگە قارشى تۇرۇش روھى بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا
باشلىغان .بۇ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ :" سەن قۇرئاننى مۇنداقلا، يۈزەكى  ئوقۇپ كىتەلمەيسەن، چوقۇم
سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇشۇڭ كېرەك. سەن ياكى ئۇنىڭغا قارشى ياكى ئۇنىڭغا بۇيسۇنغان ھالەتتە بولۇشۇڭ
كېرەك . قۇرئان كۈچلۈك شەكىلدە رەددىيە بېرىدۇ. بىۋاستە جاۋاپ ئوتتۇرغا قويىدۇ . خۇددى ساڭىلا خىتاپ
قىلىۋاتقاندەك. تەنقىد قىلىدۇ ، مۇنازىرە قىلىدۇ ، ساڭا جەڭ ئېلان قىلىدۇ . مەن قۇرئاننى ئوقۇغاندا ئۆزەمنى
ئاجىز تەرەپتە ھىس قىلدىم، چۈنكى قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى مېنى مەندىن ياخشى چۈشىنىدىكەن .

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇرئان كەرىمگە قايىل بولدى، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ :" ئۇستا رەسسام بىرەر
كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا، كۆزىنى سەن قايسى تەرەپتىن قارىساڭ، ساڭىلا قارىغاندەك قىلىپ سىزالايدۇ .
ئەمما كىممۇ سەن كىم بولىشىڭدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق سۇئالىڭغا جاۋاپ بولالايدىغان
كىتاب تۈزۈپ چىقالايدۇ ؟؟"

"ھەر كۈنى ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا خىلمۇ - خىل ئىشلارغا دائىر سۇئاللار كاللامدا پەيدا بولاتتى  ۋە
كېيىنكى كۈنى قۇرئان ئايەتلىرى ئارىسىدىن جاۋاب ئالاتتىم . خۇددى بۇ كىتاپنىڭ تۈزگۈچىسى كاللامدىكى
پىكىرلىرىمنى ئوقۇپ تۇرىدىغاندەك ۋە شۇنىڭغا ئاتاپ تەييار جاۋاپ يازغاندەك . ئۆزەمنى پۈتۈنلەي بۇ
كىتابنىڭ قۇرلىرى ئارىسىدا بايقىدىم ."

ئەنە شۇنداق، قۇرئان كەرىم دائىم ئۇنىڭ ئوي  - پىكرىدىن ئالدىدا، يىللار بويى كاللىسىدا چىگىلگەن
تۈگۈنلەرنى يېشىپ باراتتى .ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :" ئىسلامغا كىرگەنلەرگە، ھەممىگە قادىر،
ھەممىدىن بىھاجەت ئۇلۇغ زات ئاللاھ تائالا  ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ھىدايەتنامە
قىلىپ نازىل قىلدى . ئۇ شۇنداق كەڭ بىر ئوكيان كەبىكى سېنى ئۇنىڭ سۈيىگە چۈشۈشكە، چۇڭقۇر
دولقۇنلىرىدا شۇڭغۇشقا قىزىقتۇرىدۇ . ئۇنىڭغا كىرگىنىڭدە، ئۇنىڭ قاپ- قاراڭغۇ دولقۇنلىرىدا غەرق
بولماستىن، ۋەھيى ۋە ئىلاھى رەھمەتتە ئۆزەڭنى كۆرىسەن ...
قۇرئاننى ھەر ئوقۇغىنىمدا ياكى نامازغا تۇرغىنىمدا قەلبىمدىكى قۇلۇپلۇق ئىشىكلەر ئېچىلىپ ئۆزەمنى ناھايىتى
نازۇك ھىسياتتا غەرق بولغاندەك ھېس قىلىمەن ، مۇھەببىتىم ئاستىمدىكى زېمىندەك مۇستەھكەم ئىدى، بىر
نەرسە مىنى ئازغۇنلۇقۇمدىن ئۆزەمگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن،ماڭا يىتىپ ئاشقۇچە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان
ئىدى . ئۇ بولسىمۇ ئۆزەم ئەقلىم بىلەن تونۇغان ۋە قايىل بولغان دىننى تاپقانلىقىم ئىدى . ھەر قانداق بىر
دىننىڭ يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا قەدەر بۇنداق سىڭىپ كىرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ".

ئۇنىڭ ئەرەپچىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، قۇرئانغا قانداق ئىچەكىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سورالغىنىدا ئۇ: "
بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن ئانىلىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنى ئاڭلىغاندا پەسكويغا چۈشىدۇ؟ خاتىرجەملىك
ھىس قىلىدۇ ؟ قۇرئان كەرىم ماڭا ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا راھەت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى."

كېيىن ئۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن بىر قانچە كىتاب تۈزۈپ چىقتى، بۇلاردىن "ئىمان ئۈچۈن كۆرەش"،
پەرىشتىلەرمۇ سورايدۇ" قاتارلىقلار بار .
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ "ئىمان ئۈچۈن كۆرەش " دىگەن كىتابىدىن بىر پارچىسىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن يۈز
كۆرۈشىمىز .

ئىسلامغا كىرگەن كۈنۈم مەسجىد ئىمامى ماڭا ناماز ئۈگۈتىدىغان بىر كىتاپ بەردى، ئۇ چاغدا بەزى مۇسۇلمان
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا "ئالدىرىمىغىن"، " ئۆزەڭگە بېسىم قىلىۋالما"، "بىر بىرلەپ كەلگىن"
دىگەندەك ئەنسىرىتىدىغان گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم ، ئۆز - ئۆزەمگە ناماز شۇ دەرىجىدە تەسمىدۇ دەپ
سورىغان ئىدىم .

ئەمما مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي بىرلا بەش ۋاقىت نامازنى تەڭ باشلاشنى قارار قىلدى.
شۇ كۈنى كېچىسى سۇس چىراق يورۇقىدا ئولتۇرۇپ، نامازنىڭ ھەركەتلىرى، ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە دۇئالارنى
ئۈگۈنۈشكە باشلىدىم. ئوقۇيدىغانلىرىم ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەرەپچىسىنى ۋە ئېنگىلىزچە
مەنىلىرىنى يادلىشىم كېرەك ئىدى، ئۆزەمدە ناماز ئوقۇشقا ئىشەنچ بولغىچە، ھېلىقى كىتاپنى بىر قانچە سائەت
كۆرۈپ چىقتىم . بۇ چاغدا تۈن يېرىملاشقان ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشنى قارار قىلدىم
...

سۇخانىغا كىرىپ، كىتاپنىڭ تاھارەت ئېلىشنى چۈشەندۈرىدىغان قىسىمىنى ئېچىپ بىر يانغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇ
بويىچە بىرمۇ بىر ئەگىشىپ ، ئالدىرماي تەمكىنلىك بىلەن تاھارەت ئالدىم. خۇددى تۇنجى قېتىم تاماق
ئېتىۋاتقان كىشىدەك . تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سۇنى توختۇتۇپ، يۇز - قوللىرىمنى سۈرتمەيلا يېنىپ
چىقتىم، چۈنكى كىتابتا تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ ئەۋزەللىكى سۆزلەنگەن ئىدى.

ھوجرامنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا كىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، ئۆزەم قىبلە دەپ پەرەز قىلغان تەرەپكە يۈزلەندىم ، ئىشىكنى
ئەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارقامغا بىر قارىۋەتتىم . ئاندىن ئالدىغا ئازراق چىقىپ. قامىتىمنى رۇسلاپ
تۇرۇپ تازا چۇڭقۇر نەپەس ئالدىم . ئاندىن ئىككى قولۇمنى ئالقىنىم ئوچۇق ھالدا مۈرەمگىچە كۆتۈرۈپ ،بوش
ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا تەكبىر ئېيتتىم . بۇ چاغدائاۋازىمنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى
خالىمايتتىم، ھەم بەك ھاياجانلانغان ئىدىم ، چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ يۇشۇرۇن كۈزىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم .
تۇيۇقسىزلا پەردىلەرنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ئېسمىگە چۈشتى، ئۆز - ئۆزەمدىن سورايتتىم : قوشنىلارنىڭ بىرەسى
كۆرۈپ قالسا قانداق بولار؟ دەرھال دەرىزە يېنىغا بېرىپ سىرتقا نەزەر تاشلىدىم ، بىركىم يوق ئىدى.  سەل
راھەت ھىس قىلدىم ، پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ، ناماز ئوقۇيدىغان يېرىمگە قايتا كەلدىم ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ،
قەددىمنى رۇسلاپ، قايتا ناھايىتى بوش ئاۋازدا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتتىم . پاتىھە سۈرىسىنى تىلىم
گاچىلشىپ ئوقۇدۇم، ئاندىن قىسقىغىنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇدۇم .  ئەرەبچىنى بىلىدىغان
ھەر قانداق ئادەم ئوقۇغانلىرىمدىن بىر نەرسە چۈشەنمىكى تەس ئىدى . ئاندىن قايتا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ
رۇكۇغا باردىم ، ئىككى قولۇمنى تىزىمغا قويۇپ، دۈمبەمنى تۈپ - تۈز ئىگىپ  تۇرۇشۇك كېرەك ئىدى، سەل
تەسكە چۈشتى. چۈنكى ھاياتىمدا بىرىگە ئىگىلىپ باقمىغان ئىدىم . شۇنداقتىمۇ ئۆزەم يالغۇز بولغانلىقىم ئۈچۈن
خۇشاللىق ھېس قىلدىم . رۇكۇدا تۇرۇپ " سۇبھەناللاھۇلئەزىم" نى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدىم . ئاندىن
"سەمىئاللاھۇ لىمەن ھەمىدە"، " رەببەنە لەكەلھەمد " دېگەچ قايتا تۈزلەندىم .... بۇ چاغدا قەلبىمنىڭ
سوقۇشى تىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، قايتا سەجدىگە تەكبىر ئېيتقىنىمدا ھىس - تۇيغۇلۇرۇم باشقىچە ئىدى .
ئورنۇمدا قېتىپلا قالغاندەك ئىدىم ، ئالدىمدىكى سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇراتتىم ...

ئەمما سەجدە قىلالمىدىم ، بېشىمنى، يۈزۈمنى يەرگە قويالمىدىم . خۇددى قۇل ئىگىسىنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە
باش قويغاندەك ... پۇتلىرىم ئىگىلمەيدىغان قىلىپ باغلانغاندەك ئىدى ... خارلىق، نۇمۇس ھىس قىلدىم،
دوستلىرىمىنىڭ ئالدىدا كالۋادەك مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشلىرىنى ئويلۇدۇم.
خۇددى ئۇلار ماڭا قارىتىپ : بىچارە جېفرى، ئەرەبلەر ئۇنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپتۇ . دەۋاتقاندەك ئىدى. ..T
"ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنىڭغا ياردەم قىل" دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم ، ئاندىن چۇڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ،
ئۆزەمنى سەجدىگە، ئېگىلىشكە باشلىدىم ، يېرىم ئېگىلگەندە سەل توختىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي پۈكۈلۈپ
سەجدە قىلدىم ،يۈزۈم يەرگە تەگكەن ئىدى . كاللامدىن بارچە خىيالنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۈچ
قېتىم "سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا" دىدىم ،ئاندىن "ئاللاھۇ ئەكبەر " بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرۈپ ئولتۇردۇم،
دىققىتىمنى ھەر قانداق نەرسىنىڭ چېچىۋىتىشىگە يول قويمايتتىم  . "ئاللاھۇ ئەكبەر"  ۋە بېشىمنى يەنە
سەجدىگە ئاپاردىم ، يۈزۈم، پىشانەم بۇرنۇم يەرگە تەگكەن ئىدى . ئاپتۇماتىك ھالدا " سۇبھەنە رەببىيەلئەئلا"
نى تەكرارلىدىم ، قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر باشلىغان بۇ نامازنى تولۇق ئوقۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم .
"ئاللاھۇ ئەكبەر" ئورنۇمدىن تۇرۇپ، قىيامغا باردىم ... ئىچىمدە دەيتتىم يەنە ئۈچ مەيدان قالدى، نامازنىڭ
قالغىنىدا "غورۇرۇم" "ھېسياتلىرىم" بىلەن كۆرەش قىلىشىم كېرەك ئىدى. .. ئەمما بارغانسېرى ئىش ئاسانلىشىپ
بارماقتا ئىدى ... ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى سەجدەمدە ئاجايىپ بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا بولدۇم...
ئاندىن ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا، تەشەھھۇتتا ئولتۇردۇم، ئاندىن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە سالام بەردىم ...: بۇ چاغدا
خۇددى قاتتىق بىر مەيدان جەڭدىن قايتقان ئادەمدەك ، چارچىغان ھېس قىلدىم ، يەردە ئولتۇرغان پېتىم
ئىدى، ھازىرلا قاتناشقان بۇ "جەڭ"نى
ئەسلەشكە باشلىدىم.. ئوڭايسىزلىق، خىجىللىق ھىس قىلدىم ، چۈنكى مەن بۇ نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن
ئاشۇنداق "جەڭ" قىلغان ئىدىم .. بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ " مېنىڭ تەكەببۇرلۇقۇم، دۆتلىكىمنى مەغپىرەت
قىل، مەن ناھايىتى ئۇزاق جايدىن كەلدىم، ئالدىمدا تېخى يول يىراق" دىيەلىدىم ...

دەل شۇچاغدا ، باشقىچە بىر سېزىم چىرمىۋالدى، سۆز بىلەن ئىپادىلىمەك تەس ئىدى، كۆكسۈمنىڭ بىر
يېرىدىن بىر خىل دولقۇن، سوغۇق بىر خىل دولقۇن تارقالماقتا ئىدى ... بارغانسېرى كۈچىيىپ تىترەتكۈدەك
ئىدى ، ھېسىياتىمدا بۆلەكچە بىر ئۆزگىرىش پەيدا بولماقتا، خۇددى ئاللاھنىڭ رەھمىتى
بىر نەرسىگە ئايلىنىپ مىنى ئورىۋالغاندەك ئىدى... ئۆزەممۇ سەزمەستىن يىغلاشقا باشلىدىم  ، ياشلىرىم
مەڭزىمگە سىيرىلماقتا، ئېسەدەپ كەتتىم ، گۇناھ ياكى خىجىللىق تۇيغۇسىدىن يىغلىمىغان ئىدىم، گەرچە
شۇنداق قىلىشىم كېرەك بولسىمۇ.ئەمما خۇددى ئىچىمدىكى قورقۇنچ ۋە غەزەپ
قورغانلىرى تېمى بۇزۇپ تاشلانغاندەك ...
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئۆز ئۆزەمدىن سورايتتىم : ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى گۇناھتىن كېچىشلا ئەمەس
بەلكى شىپالىق تېپىش، خاتىرجەملىك ھېس قىلىشكەن... بىردەم شۇ ھالەتتە، تىزلانغان، بېشىمنى ئىككى
قولۇم ئارىسىغا ئېلىپ يىغلىغىنىمچە يەردە ئولتۇردۇم .

ئاخىرى يىغىدىن توختىدىم ، بۇ چاغدا چارچاپ كەتكەن ئىدىم ، سەل ئىلگىرىكى ئاۋۇ ناماز تەجرىبەم ماڭا
بۇرۇن تونۇش بولمىغان بىر ئىش بولغاچقا مەندە يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار جىسمانىي ۋە ھېسسىي ئۆزگىرىشلەرنى
ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز ئىدىم ... بۇ تەجرىبە مەن باشقىلارنى خەۋەردار قىلىپ
، چۈشەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە ئىدى.

بۇ جەرياندا  مەن ھېس قىلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە مېنىڭ ھەر دائىم ئاللاھقا ۋە نامازغا ھاجەتمەن ئىكەنلىكىم
ئىدى، ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ئاخىرقى دۇئانى قىلدىم " ئەي پەرۋەردىگارىم ، ئەگەر مەن ساڭا
كۇپۇرلۇق قىلىشقا قايتا جۈرئەت قىلىدىغان بولسام، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مىنىڭ جېنىمنى ئال، مېنى بۇ دۇنيادىن
خالاس قىل ... مەن ئۆزەمدە بار بولغان بارلىق كەمچىلىكلىرىم ۋە ئەيىپلىرىم بىلەن بىرگە ياشاپ كېتەلىشىم
تەسرەك، ئەمما سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىنكار قىلغان ھالدا بىركۈنمۇ ياشىشىم مۇمكىن ئەمەس ".

0

تېما

0

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaltis يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 16:03
كۆرەرۋەرمەڭ ناخشا ئۇسلدىن گونانى
خوراپاتلىق ئېلىپ كە ...

تولا گۇپپاڭچىلىق قىلماڭ!ھۆكۈمىتىمىزنىڭ-پارتىيىمىزنىڭ ياخشى يىتەكلىشى بىلەن بىز ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇبدان ياشاۋاتىمىز،بىز ھەرجەھەتتىن رازى.ئەمما سىز رازى ئەمەس،سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بولسا پەرەڭلەرنىڭ دىنىنى ئەكىرىش،شۇ ئارقىلىق ئامرىكا باشچىلىغىدىكى دۆلىتىمىز دۆشمەنلىرىنىڭ گېپىنى جان دەپ ئاڭلايدىغان تېشى ھاي-ھاي ئىچى قۇتۇر توڭگۇزلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش،ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدە-رايۇنىمىزدا تۈگىمەس جىدەل-غەۋغا،مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش،،،،شۇڭا بىز سىز  خىرىستىيان -ئۇلۇغ-نى قەتئى قارشى ئالمايمىز،ھەم سىزگەگېپىمىزمۇ يوق،قانچە يىراققا يوقالسىڭىز شۇنچە خوش بىز،،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )