- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14260
- نادىر
- 0
- يازما
- 131
ئۆسۈش
  10.65%
|
ھەي نادانلىق ، ئېچىنىۋاتىمەن قېرىنداشلىرىم . زىيالىيلارنى ئىنكار قىلىۋاتقانلا پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ باقتىڭلامۇ؟ توردا بىلجىرلاشتىن باشقا نىمىنى بىلىسىلەر ؟ يالقۇن روزىنىڭ سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز ، بارلىقىمىز ئەمەس دېگەن تېتىملىق سۆزى بولغاچقا ئۇنى سەنئەتنىڭ دۈشمىنى دەيسىلە شۇنداققۇ ھە ، ناۋانىڭ سەھنىسىدە تۇغۇلغانلا . ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىمۇ ئائىلىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان قارا قورساق ، تەربىيە كۆرمىگەن ، ئاي يىل ئۆتۈپ بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇپ قويمايدىغان نادانلا تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىۋاتسا ، بۇ نىمە ئىش بوپ كەتتى ؟ بىز يەنە ئەقىللىق ، ئۇيۇشقاق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادىمۇ ؟ ما ئىچكىرىدە ئوقىغان ناداننىڭ سۆزلىرى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ . مەنمۇ ئوقىۋاتىمە شۇ ئىچكىرىدە ، يەتتە يىل ئوقۇپ ، ئاق - قارىنى پەرق ئىتەلمىگەن ، كىملىكىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن ئادەم ئەڭ شەرەپسىز ئادەمدۇر . قېنى شۇ زىيالىيلىرىمىز بىزنى شۇنداقلا تاشلىۋىتىپ باقسۇن ، نىمە كۈنگە قالىمىز ئۇنى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ . بىزدە ئۆلگەندىن كىيىن ماختايمىز دەيدىغان بىر مەشھۇر سۆزىمىز بارغۇ ؟ ئەسئەت سۇلايمانمۇ چەتئەلگە چىقىپ كىتىۋىدى ، ھازىر ماختايمىز . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگىمۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى بەردۇق . قېنى قاچانغىچە نادانلىق قىلامىز ؟ زىيالىيلىرىمىز پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرسە بوپتىكەن ، شۇ چاغدا كۆرەتتۇق ھالىمىزنى . ئېسىمىزدە بولسۇن ، ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز ئوڭشىمىساق ، زىيالىيلارنىڭ قەدرىنى قىلمىساق ، ھېچكىم بىزنى ئوڭشاپ قويمايدۇ . توردا تۇرىۋېلىپ زىيالىيلار توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىدىغانلار ئەقلىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار . ئاۋۋال مەن كاسسامغا ئۇرۇپ گەپ تېپىشتىن باشقا يەنە نىمىنى بىلىمەن دېگەننى ئويلاپ قويىشالا |
|