- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4291
- نادىر
- 6
- يازما
- 125
ئۆسۈش
  76.37%
|
ھۆرمەتلىك ئەسقەرجان، تېمىڭىزدا ھازىر ئانچە دىققەتنى قوزغىمايۋاتقان، ئەمما مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، دادىللىقىڭىزغا تەشەككۈر، ئەمما تەۋسىيەم شۇكى، مەيلى قانداقلا تېما بولسۇن، بولۇپمۇ مۇشۇنداق كۆپ تەرەپكە چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي تۈس ئالغان تېمىلاردا مەيلى يالغۇز يېزىڭ ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يېزىڭ ، خۇددى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ ماقالە قۇبۇل قىلىش تەلىپى ۋە تەھرىرلەش ، ئېلان قىلىش تەلىپى قانداق بولسا، بۇنىڭغا شۇنداق ۋە بەلكى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق تەلەپنى قۇيۇپ قەلەم تەۋرەتكەيسىز ، چۈنكى ھازىر تورنىڭ قاپلاش دائىرىسى ، تور ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ سانى ھەرقانداق بىر ئاخبارات-مەتبۇئات ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇرمەن ، كۆرۈرمەنلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. مانا مۇشۇ باغداش تورىنىڭلا ھازىر 32 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار، دېمەك بۇ ھەركىم يازغان ھەرقانداق بىر يازما ۋە ئىنكاسنى مۇشۇ 32 مىڭ ئەزا ۋە بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇرمەننىڭ كۆرۈش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ، ھەرقانداق بىر يازما ۋە ئىنكاس يازغان چېغىمىزدا ئامال بار ناھايىتى پۇختا، ئىلمىي، دەلىل-پاكىتلىق يېزىشىمىز كېرەككى، خۇددى بۇ تور ئەسىرىگىمۇ ئەينى بىر ئاخبارات-مەتبۇئات ئەسىرىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز ، تور يۈزىدىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئاشكارا سورۇندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىمىزغا ئىگە بولالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. سىز ئۇزۇندىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتىسىز، بەزىبىر پىكىرلەر بىلەن قەلىمىڭىز توختاپ قالمىغاي، مۇشۇنداق پىكىرلەرنىڭمۇ ھەممىمىزگە نىسبەتەن پايدىسى بار. داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ، ئەمەلىي ھەرىكەتلىنىش ھەممىدىن ئەۋزەل. |
|