- تىزىملاتقان
- 2011-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 45
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  15%
|
بۇ قېتىملىق باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتگە جەمئىي 34 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلۇپتۇ. بەزى ئەسەرلەر كىشىنىڭ قەلىب ئالىمىنى چەكسىز
سۆيۈندۇرۇپ،شادلىق بۆشۈكىدە ئەللەيلەتسە، يەنە بەزىلىرى كىشىنىڭ نازۇك ھېس -تۇيغۇلىرىنى تولىمۇ چەكىسز ئىزتىراپلىق ئويلارغا سالىدىكەن.
شۇڭا مېنىڭ ئاز - تولا پىكىر-تەكلىپىم بار: مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي قالغان ئاپتورلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش يۈزىسدىن قەلەم ھەققى
بېرىلسە دېگەن ئۈمىدىم بار، چۈنكى نۇرغۇن ئەسەرلەر ئۆز ئاپتورلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن ئەجر ، قان -تەرلەر بىلەن بىلەن يېزىلغان . بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېزىلغان بولسا بەزىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارنى
ئەتراپلىق كۆزىتىپ،نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ،ئىزدىنىپ ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە ئوت يۈرەك ئاپتورلىرىنىڭ ئىچ -ئىچىدىن قايناپ تۇرۇپ .خەلىقىنىڭ روھىي ئالىمىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك، ئەتراپىمىزغا ئەپسۇسلىنارلىق ئىلكىدە قارىغۇدەك ئەسەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىپ چىققان.ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ،ھەقىقەت ئېگىلىدۇكى سۇنمايدۇ دېگەن نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بەكرەك ئويلاپ باقساق مىكىن دەيمەن.
مېنىڭ بۇ تەكلىپىمنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلمەن. |
|