- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3896
- نادىر
- 0
- يازما
- 156
ئۆسۈش
  63.2%
|
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق قەلەمكەشلەرنى تەبرىكلەيمەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويلىغانلىرىمنى مۇنبەردە دەپ بېقىشنى لايىق كۆردۇم.
1.مەن باغداش مۇنبىرىنىڭ ئاساسى يۇزلىنىشى مىللەت روھىيتىگە تەسىر كۆرسىتىش دەپ قاراپ كەلگەنىدىم.كۆرگىنىم شۇ بولدىكى،باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان موھتىرەملىرىمىز ئاتاقلىق لېرىك شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىكەن.مېنىڭچە بولغاندا نوپۇزلۇق ئەدەبىي ئوبزورچى ۋە ئىجدىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرەرسى بولسا تېخىمۇ ئادىل بولغان بولاتتى.
2.بەدىئىي ئەدەبىياتقا مۇكاپات جەھەتتە بەكلا ئېتۋار بىرىلىپ كەتكەنمۇ قانداق؟مېنىڭچە ئۇيغۇرغا كۆڭۇل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەرگە قارىغاندا،يۇرىگىنى تىترىتىپ ئىزتىراپلىق نەزەردە ئەتراپقا قاراشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئەسەرلەر تېخىمۇ بەك زۆرۇر ئىدى.
3.نوپۇزغا قاراش،تونۇشلۇق خاھىشى ئاز-تولا ئارلىشىپ قالدىمۇ-قانداق؟باھالىغۇچىلار ئاساسەن نوپۇزلۇق يازغۇچىلار، مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلەرمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە پائالىيەتچان شەخسلەر.
4.مەڭگۇ تاش قاتارلىق ئىمانى ئەركەك،ئەدەبىي بىلىمى مول قەلەمكەشلەرنىڭ يۇرەكنى تىترەتكۇدەك يازمىلىرىنىڭ باھالىنالماسلىقىدا قانداق سەۋەپ بولغىيتى.
5.نامى چىقمىغان بەزى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ كىشىنى ئاجايىپ زوقلاندۇرىدىغان ئىسىل يازمىلىرىنى كۆرگەنىدۇق.ئەسلى بۇ كىشلەرگە ئىلھام بىرىلىشى زۆرۇر ئىدى. |
|