قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1566|ئىنكاس: 28

بىلىمخۇمار: يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 خىل ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4115
توردىكى ۋاقتى: 1546
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 03:33  

يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 خىل ئۇسۇلى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر يازمىسىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىمنىڭ 1986-يىلى ياپونىيەدە ساياھەت قىلىش ۋە ياپونلۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە تاماق يېيىش جەريانىدىمۇ قولىدىن بىر خاتىرە دەپتىرى بىلەن بىر دانە قەلەمنى چۈشۈرمەي، تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قالغان نەرسىلەرنى خاتىرىسىگە يېزىۋېلىپ، ھەمدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدىم [1]. ئۇنىڭدىن كېيىنكى گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى ھەققىدىكى ماقالەمدە، گېرمانلارنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك خاراكتېرىنىڭ بىرى يېڭىلىق يارىتىشقا قادىر بولۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدىم [2]، شۇنداقلا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى ھەپتە ئالدىدا تورلارغا قايتا چىقارغان «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن ماقالىسىدە ئىنسان مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدىكى بىر قىسىم ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم [3]. ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تورلارغا چىقارغان «ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دېگەن ماقالىسىدە بولسا «تەسەۋۋۇر ئىنژېنېرلىقى» دېگەن بىر يېڭى پەن ئۈستىدە ئازراق توختالدىم [4]. ئاشۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئۆز مېڭىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى ئالىملار ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار ھازىرمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

مەن يېقىندا تورلاردىن ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئىزدەۋاتقاندا، «يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلى» دېگەن بىر پارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم [5]. بۇ ماقالە غەربتىكى تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىللىك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ناھايىتىمۇ ياخشى كۆردۈم. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇللار ناھايىتى ئەمەلىي بولۇپ، ئۇنى كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئاسانلا قوللىنالايدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئۇسۇللار مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۆزۈمنىڭ 4 پارچە ماقالىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەن ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بەزى ئىش قىلىش ئۇسۇلۇمغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئالدى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاشۇ 9 ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئازراق سۆزلەپ بېرىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەمۇنىلىرىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تورداشلار ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىغان ياكى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيدىغان بىر قانچە قېرىندىشىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.


1. يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلى

ئىنگلىزچىدا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «Think outside the box» دىن ئىبارەت. بۇ سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ساندۇقنىڭ تېشىغا چىقىپ ئويلاش» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ «يېڭىچە ئويلاش»، «ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئويلاش»، «بىر يېڭى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلاش»، ۋە «يېڭىلىق يارىتىش تەرىقىسىدە ئويلاش» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەن مۇشۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە «Think outside the box» دېگەن سۆزگە ماس كېلىدىغان بىر ياخشى ئۇيغۇرچە سۆز تېپىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ھازىرچە ئۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە «ساندۇقنىڭ سىرتىدا ئويلاش» دەپ ئېلىپ تۇرىمەن.

يۇقىرىدىكى سۆزنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ كاللىسىغا ئەڭ دەسلىپىدە «ساندۇقنىڭ سىرتىدا ئويلاش دېگىنىمىز، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىش ئوخشايدۇ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ۋاقتىم بولمىسا قانداق قىلارمەن؟» دېگەن خىيال كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا مەخسۇس «ئويلاش ۋاقتى» تېپىشنىڭ ياكى «ئويلاش ۋاقتى» ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېقىنقى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئىسپاتلىغان: كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل تۇلپارى ئۇ ياق بۇ ياقلارغا ناھايىتى ئەركىن ھالدا چېپىپ يۈرەلەيدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا جارى قىلدۇرالايدۇ. مۇشۇنىڭدىن سىز نېمە ئۈچۈن سىز مۇنچىدا يۇيۇنۇۋاتقاندا كاللىڭىزدا ناھايىتى ياخشى يېڭى ئىدىيىلەر ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

j01_shower.jpg

1-رەسىم

تۆۋەندىكىسى سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلىدۇر.

(1) تەنەپپۇس قىلىش
تەنەپپۇس قىلغاندا قىلىدىغان ئىشلار سىز ئۆزىڭىز قاتنىشىدىغان، ئەمما ئادەمنى ناھايىتى قاتتىق جەلپ قىلىۋالمايدىغان ئىشلار بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، يول مېڭىش، ۋە ھويلىدا باغۋەنچىلىك ياكى كۆكتاتچىلىق قىلىش دېگەندەك.

j02_walk.jpg

2-رەسىم: ئۆيىمىزنىڭ قېشىدىكى تاغنىڭ ئىچىدە.

(2) كىچىككىنە كۆز يۇمۇۋېلىش
سىز ئازراق ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىش ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. سىز چۈش كۆرگەندە تەپەككۇر تۇلپىرىڭىز ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرۈيدۇ. شۇنداق بولغاچقا سىز كىچىككىنە كۆز يۇمۇۋېلىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئويغاق تۇرغاندا ھەل قىلالمايدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايسىز.

j03_sleep.jpg

3-رەسىم

(3) چوڭقۇر ئويلىنىش
قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى توختىتىپ، دىققىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ نەپىسىڭىزگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرەر نەرسىگە يۆلەنمەي جىمجىت ئولتۇرۇڭ. شۇ ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنى تىنچلاندۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىكى يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇرلارنى قوزغىتالايسىز.

j04_mediate.jpg

4-رەسىم

(4) ئازراق ۋاراڭ-چۇرۇڭ پەيدا قىلىش
ئازراق ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنىڭ ئىچىدە ئىشلىسىڭىز قىلغان ئىشىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشىڭىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. مەسىلەن، بۇ جەھەتتە چايخانا ياكى قەھۋەخانا بىر ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سىزگە بىرەر چايخانىدا ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئىشخانىڭىزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇپ، سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئىشخانىڭىزغا ئازراق كىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل شارائىتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

j05_coffe.jpg

5-رەسىم

ئىلاۋە: ئەگەر ئامېرىكىدىكى قەھۋەخانىلارغا كىرسىڭىز، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىر تەرەپتىن قەھۋە ئىچىپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە كومپيۇتېرلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ياكى كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىمۇ ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ كارىدورلىرىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يەردە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. كارىدوردا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىشلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئازراقمۇ تەسىر قىلمايدۇ. مەن يېقىندا مىسرانىم تورىدا «ئۈرۈمچىدە بىر چايخانىغا لىققىدە كىتابلار تىزىلدى» دېگەن بىر پارچە يازمىنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم [6]. مېنىڭ خۇشال بولۇشۇمدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: (1) بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا ئېتىبار بېرىش روھىنىڭ بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. (2) چايخانىدا كىتاب ئوقۇغاندا، خۇددى مەزكۇر ماقالىدا دېيىلگىنىدەك، باشقا ۋاقىتلاردا ئېرىشكىلى بولمايدىغان يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(5) يېشىللىققا يۈزلىنىش
ئادەم يېشىل رەڭلىك نەرسىلەرگە قارىسا، ئۇنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى كۈچلىنىدۇ. بىزنىڭ مېڭىمىز رەڭنى تەبىئەت ۋە ئۆسۈش بىلەن باغلايدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇرلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەزىدە مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر يېشىل ئۆسۈملۈككە ئىككى سېكۇنت قارىسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا پات-پات يېشىل ئۆسۈملۈككە قاراپ بېرىڭ.

j06_green.jpg

6-رەسىم: ئارقا ھويلىمىزدا.

(6) ماشىنا ھەيدەش
كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەتكە ماشىنا ھەيدەپ بېرىش بىر جاپالىق ئىش. ئەمما ئاشۇ «يامان ئىش» نىڭ ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ماشىنا ھەيدەۋاتقان ۋاقتىڭىز كاللىڭىزدا يېڭى ئىدىيىلەر شەكىللىنىشنىڭ بىر ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ ئەگەر سىز ئىشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنا ھەيدەپ بارسىڭىز، ئۇنداق يوللاردا سىزگە چۈشىدىغان بېسىم يېنىكرەك بولغاچقا، كاللىڭىزغا يېڭى ئىدىيىلەر ئاسانراق كېلىدۇ.

j07_drive.jpg

7-رەسىم

(7) بەزىدە كومپيۇتېردىن يىراق تۇرۇش
سىز ئىنتېرنېتتا يۈرگەن ياكى كومپيۇتېردا ئېلېكترونلۇق ئويۇن مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېڭىلىق يارىتىشقا زۆرۈر بولغان دەرىجىدە ئارام تاپالمايدۇ. شۇڭا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، بەزىدە كومپيۇتېرغا يېقىن كەلمەي، رەسىم سىزىش ياكى «قەغەزگە جىجىلاش» قا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ.

j08_painting.jpg

8-رەسىم

(8) بىر ئاز خىيال سۈرۈش
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ ئىشنى داۋاملىق قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىڭىزغا زور پايدىسى بار. سىز ئۆزىڭىز يىراق كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان ئەھۋاللارغا نەزەر تاشلايدىكەنسىز، بۇ ئىش سىزنى بىر دۇنياۋى دائىرە ئىچىدە تەپەككۇر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ سىزگە باشقىچە ياردىمى تېگىدۇ. ئەگەر سىز ئەتە چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن نېمە يەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلانسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە ھېچ بىر ياردىمى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا، 5 يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىسىز.

j09_think.JPG

9-رەسىم

ئىلاۋە: مەن 2008-يىلى تەييارلىغان «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنغان 2-ئادەت «ئۆز كۆڭلىدە ئىشنى ئۇنىڭ ئاخىرسىدىن باشلاش» بولۇپ، ئاشۇ ئادەت بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 8-ئۇسۇل ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

(9) ئازراق ئىچىپ قويۇش
ئازراق ھاراق ئىچىۋالغاندا ئادەم پۈتۈن دىققىتىنى پەقەت بىرلا ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈۋېلىشتىن خالىي بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشىراق ھەل قىلالايدۇ.

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى 9-ئۇسۇل ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەگەر مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىغا كىرگۈزمىسەم، ئىلىمگە ۋە ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغان بولىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىگە ئەينەن كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بەشىنچى مەنبەدە بايان قىلىنغان، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


2. ئۆزۈم ھەققىدىكى بىر قانچە ئىشلار

يېقىندىن بۇيان خېلى كۆپ ئۇكىلار مەندىن ھازىر ئۆزەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھاياتى قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ بولدى.  شۇڭلاشقا  تۆۋەندە مەن يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمەن.  

كۆپىنچە قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن 1985-يىلى ياپونىيىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەندىن باشلاپ، ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىدىم. 1996-يىلى دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملاپ، يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەشنى باشلىغاندىن كېيىن، يالغۇز ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، تېخنىكىلىق ئىقتىدارى جەھەتتىن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، لازېر نۇرى ۋە ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىكىلىق زاپچاسلارنى ياساپ چىقىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندىم. بىر تەرەپتىن ئۆزۈم بىر ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر گۇرۇپپا ئىنژېنېرلارنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدىم. 1995-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان بىر قانچە خىل ئىلمىي ماقالە ژۇرناللىرىغا «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس» (reviewer) بولۇپ ئىشلەپ بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ ژۇرناللار ئوپتىكا ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ژۇرناللارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بازىسى بولغان «كرىمنىي جىلغىسى» (Silicon Valley) دىكى بىر شىركەتتە تېخنىكىلىق لايىھىلىگۈچى (technical architect) بولۇپ ئىشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ئاشۇ شىركەتتىكى تېخنىكىلىق خادىملار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن پاتېنتلارنى باھالاپ تەستىقلاپ بېرىش خىزمىتىنىمۇ قوشۇمچە قىلدىم. 2004-يىلىدىن باشلاپ NASA مەركىزى JPL غا ئىشقا چۈشۈپ، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق يېڭى نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. قىسقىسى، مەن يېڭىلىق يارىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 29 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. ئاشۇ نەتىجىلەرنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەن ئالغان مۇكاپاتلار ۋە ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، مەن 1995-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەيۋىس (Davis) شۆبىسىنىڭ ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى ۋە كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندە، شۇ يىلى مەن بىلەن تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن 15 نەپەر ئەتىراپىدىكى  دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەقەت بىر كىشىگىلا بېرىلىدىغان «ئەڭ ياخشى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى مۇكاپاتى» (The Best PhD Dissertation Award) غا ئېرىشتىم. NASA دا بولسا بىر قانچە قېتىم «يېڭى كەشپىيات ۋە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتىم. ئوپتىكا ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر، يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن ئىلمىي ماقالىلەر (book chapter)، ۋە ھەر خىل خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 82 پارچە ئىلمىي ماقالىگە  يالغۇز ئاپتور، 1-ئاپتور ياكى قوشۇمچە ئاپتور بولدۇم.  جەمئى 3 دانە ئامېرىكا پاتېنتى بىلەن 12 دانە ناسا پاتېنتىغا ئېرىشتىم.  مەن قىلغان يېڭىلىقلار 6 قېتىم «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى»   ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى.   ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەندىن بەلگىلىك دەرىجىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مەن بۇ قېتىم يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا ناھايىتىمۇ تونۇش بىلىندى.

مەسىلەن، ھازىرقى ئىدارەمدە ھەر قېتىم بىر تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلگە چارە تېپىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، مەن بىرەر ھەپتىدەك ۋاقىت ئىچىدە كېچىسى ئانچە ياخشى ئۇخلىيالمايمەن. مەن ئاخشىمى سائەت 11:30 لەردە كۆزۈمنى يۇمۇپ، ئەتىگىنى 5:25 تە ئورنۇمدىن تۇرىدىغان بولۇپ، بەزىدە يېرىم ئۇخلاپ، يېرىم ئويغاق تۇرغاندا كاللامدا بىرەر مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىمەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا يېرىم كېچە سائەت 1:00 لەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كومپيۇتېرنى ئىدارەمگە ئۇلاپ ئىشلەپ، سائەت 3:00 بولغاندا قايتا يېتىپ، يەنە ئەتىگەن سائەت 5:25 بولغاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشقا بارىدىغان ئىشلار ماڭا يىلدا بىر قانچە قېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئىدارەمدە بىرەر قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي، بىر تامغا ئۈسۈپ توختاپ قالغاندا، قىلىۋاتقان ئىشىمنى توختىتىپ، ئورۇندۇقۇمنىڭ يۆلەنچىسىگە بېشىمنى قويۇپ (يۇقىرىدىكى 3-رەسىمگە ئوخشاش)، كۆزۈمنى يۇمۇپ، بىر دەم ئويلىنىمەن. بەزىدە بىر قانچە مىنۇت ئۇخلىۋالىمەن (بىزنىڭ ئىدارە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئەڭ ئېسىل ئورۇندۇقلاردىن 20 دەك ئورۇندۇقنى ئەكېلىپ، بىزنىڭ قايسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزگە تاللىغۇزۇپ، ئاندىن شۇنى بۇيرۇتۇپ ئەكېلىپ بېرىدىغان بولۇپ، مېنىڭ ئورۇندۇقۇم 650 دوللارغا سېتىۋېلىنغان ئورۇندۇق). يەنە بەزىدە بولسا تالاغا چىقىپ، ئىدارىمىزنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان، ئېگىزلىكى بىر قانچە يۈز مېتىرغىچە كېلىدىغان ئورمانلىق تاغلارغا قاراپ 5-10 مىنۇت يول مېڭىپ، خىيال سۈرۈپ كىرىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن كاللامدا يېڭى ئىدىيىلەر پەيدا بولۇپ، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتىمەن. مەن ئىدارىمىزنىڭ 14 كىشىلىك بىر كىچىك ئاپتوبۇسىدا ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئىشقا بېرىشقا بىر سائەت، ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىشكە يەنە بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپلا كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەن، ھەمدە بەزىدە يانفون ئارقىلىق ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئاڭلاپ ماڭىمەن. بەزىدە بولسا چالا ئۇيقۇ ئىچىدە شۇ كۈنى يولۇققان بىر قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىمەن. ئاشۇ تەرىقىدە يول ئۈستىدە ئىدارەمدە يولۇققان بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىدىغان، ياكى بولمىسا يېزىۋاتقان ماقالەم ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلارنى ئويلاپ چىقىدىغان ۋاقىتلىرىم خېلى كۆپ. ئىدارىنىڭ ئاپتوبۇسىدا داۋاملىق تۈردە بىر قانچە ئادەم پاراڭلىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ، ئۇ پاراڭلار مېنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «ۋاراڭ-چۇرۇڭ» بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مېنىڭ ئىشخانامنىڭ بىر تېمى پۈتۈنلەي دېرىزە بولۇپ، مەن كومپيۇتېردىن بېشىمنى كۆتۈرسەملا سىرتنى كۆرىمەن. شۇڭلاشقا دېرىزەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى يېشىل دەرەخلەرگە پات-پات قاراپ قويىمەن. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندا، دېرىزىدىن سىرتتىكى يېشىلچىلىققا قاراپ تۇرۇپ ئويلىنىمەن.

مەن ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن چېنىقىش ئۈچۈن يېرىم سائەتتىن كۆپرەك مەھەللىمىزنىڭ كوچىلىرىدا يول ماڭىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىنمۇ خۇددى ئىدارىنىڭ ئاپتوبۇسىدىكىگە ئوخشاشلا پايدىلىنىمەن. مەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن مۇنچىدا يۇيۇنىدىغان بولۇپ، شۇ چاغدا كاللامدا يېڭى ئىدىيە پەيدا بولىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ. ئۆيىمىزگە مېھمانلار كېلىدىغان شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيدە تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، بەزىدە كاللامدا ئىنتايىن ياخشى ماقالە مەزمۇنلىرى پەيدا بولىدۇ، بەزىدە بولسا ئىدارەمدىكى ئىشىمدا دۇچ كەلگەن بىر قىيىن مەسىلىگە ئامال تېپىلىدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ئايالىم ئامانگۈلگە يالۋۇرۇپ، 5-10 مىنۇت كومپيۇتېرنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئىشلىۋېتىپ، ئاندىن يەنە بۇرۇنقى مېھمانلارغا تەييارلىق قىلىش ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.

بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ بىر كىچىك ئالدى ھويلىسى بىلەن بىر كىچىك ئارقا ھويلىسى بار بولۇپ، مەن ئۇ يەردە ھەم باغۋەنچىلىك، ھەم كۆكتاتچىلىق، ھەم گۈل بېقىش ئىشلىرىنى قىلىمەن. ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتمەيدىغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گۈل ۋە كۆكتاتلارغا سۇ قۇيىمەن، ياكى ياۋا ئوتلارنى ئوتايمەن. بەزىدە باشقا ئىش قىلمىساممۇ «كۆكتاتلار قانچىلىك چوڭ بولغاندۇ، كۆكتاتلار قانچىلىك چوڭايغاندۇ، گۈللەر قانداقراق ئېچىلغاندۇ»، دەپ، ھويلامدىكى ھەممە ئۆسۈملۈكلەرگە بىر قېتىم ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسېلىپ چىقىمەن. ئارقا ھويلامدا 5 تۈپ ئانار، بىر تۈپ ئەنجۈر، بىر تۈپ لىمون، بىر تۈپ ئاپېلسىن، ۋە ئازراق ئۈزۈم قاتارلىق يېمىش دەرەخلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا ھوسۇل ئېلىپ تۇرىمىز. ھەر يىلنىڭ ياز كۈنلىرى پەمىدۇر، ئاچچىق مۇچ (لازا)، بېدە (ئاش كۆكى)، رەيھان، ۋە كەرەپشە (چىڭسەي) قاتارلىق كۆكتاتلاردا ئۆز-ئۆزىمىزنى تەمىنلەيمىز. مەن كىچىكىمدىلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، مېنىڭ مېۋە دەرەخلىرى، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۆي ھايۋانلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر مېھرىم بار. ھازىر ئىدارەمدە بىر كۈن كومپيۇتېرغا تىكىلىپ قاراپ قاتتىق ئىشلەپ كەلگەندىن كېيىن، ھويلامدا يۇقىرىقىدەك ئىشلار بىلەن بىر قانچە 10 مىنۇت شۇغۇللىنىش مەن ئۈچۈن بىر ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلىنىش بولىدۇ. شۇنداقلا ئاشۇ ۋاقىتلاردىمۇ كاللامدا بەزى يېڭى ئىدىيىلەر پەيدا بولىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

j10_hoyla.JPG

10-رەسىم: ئارقا ھويلىمىزنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. بۇ رەسىمنى بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا تارتقان. بۇ ئۆينى ئالغاندا ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسى قۇرۇق توپىلاڭ بولۇپ، بۇ ھويلىدىكى ھەممە نەرسىنى مەن ئۆزۈم لايىھىلىگەن. سېمونت سۇپا ۋە ئوتلۇقلارنىمۇ مەن بىر مېخانىكىلىق نەرسىلەرنى لايىھىلەيدىغان يۇمشاق دېتال بىلەن كومپيۇتېردا ئۆزۈم لايىھىلىگەن.

j11_anar.JPG

11-رەسىم: ئارقا ھويلىمىزدىكى بىر تۈپ ئانار. بۇ رەسىمنىمۇ بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا تارتقان.

مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەمەلىيىتىدە، ئادەمنىڭ كۆڭلى غەم-قايغۇ، ئەندىشە، ئاغرىنىش، ۋە بېسىم قاتارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ خالىي بولغان ۋاقىت، ئادەمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغان ۋاقىت بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

بۇنىڭدىن بىرەر يىل ئىلگىرى بىر ئۇكىمىز ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن «ئەركىن ئاكا، ياراتقۇچىمىزنىڭ بارلىقىنى قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، مەن ئۇنىڭغا «بۇ ئىشنى ئىسپاتلاشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق، پەقەت ئەتراپىڭىزغا قاتتىق سەپسېلىپ قاراپ باقسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرسىغا بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-ھويلىسى بىلەن ئارقا-ھويلىسىدا رەسىمگە ئېلىۋالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇ رەسىملەر ئەسلىدە مەن فېيىسبۇك (Facebook) قا چىقارغان رەسىملەر بولۇپ، بۇ يەردىكى رەسىمنى ئاشۇ فېيىسبۇك ئېكرانىدىن كېسىپ ئالدىم. خۇددى ئاشۇ رەسىملەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولغىنىدەك، مەن ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆز ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-ئارقا ھويلىسىنىڭ ئىچىدىلا ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىمەن.


3. يېڭىلىق ياراتقۇچىلار نەمۇنىلىرىنىڭ بىر مىسالى ـــ تۆمۈر پالتاش

مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان كىشىلەردىن خېلى كۆپ بار. مەن بۇ يەردە ئاشۇنداق كىشىلەردىن پەقەت بىرىنىلا، يەنى مېنىڭ بىر دوستۇمنىلا بىر مىسال سۈپىتىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇ دوستۇمنىڭ ئىسمى تۆمۈر پالتاش (ئىنگلىزچە «Timour Paltashev» دەپ يېزىلىدىكەن) بولۇپ، ياش جەھەتتىن مەن بىلەن تەڭتۇش. ئۇنىڭ دادا تەرەپتىكى ئەجدادلىرى ئەسلىدە غۇلجىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئانىسى غۇلجىدىن قازاقىستانغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئىكەن. تۆمۈرنىڭ  چوڭ دادىسى بىر قېتىم ئائىلىسى بىلەن قازاقىستاندىن غۇلجىغا پىيادە بېرىپ، ئۇ يەردە نەچچە يىل تۇرۇپ، ئاندىن يەنە پىيادە قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن.  تۆمۈرنىڭ ئاپىسى تاتار مىللىتىدىن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ يېشى 90 دىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچىنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەيدۇ. تۆمۈر قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئاسپىرانتلىقنى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغۇچە رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان. ئۇ ئامېرىكىغا 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا كەلگەن بولۇپ، مەن كالىفورنىيە شتاتىنىڭ كرىمنىي جىلغىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇمۇ شۇ رايوندا ئىشلەيدىكەندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى تونۇشۇپ دوست بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتىمىز. تۆمۈرنىڭ ئايالى زەمىرە قازاقىستاندىكى بىر چوڭ ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىنتايىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى بار. شۇڭلاشقا ئۇلار داۋاملىق يۇرتىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ تۇرۇپ ياشايدۇ. ھەممە ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئايالى زەمىرەنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ قىزنى ئەڭ دەسلىپىدە ئامېرىكىغا تۆمۈر-زەمىرەلەر چاقىرتىپ ئەكەلگەن ئىكەن. مەن شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەنمۇ 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ ئۆيدە تونۇشقان. يەنى شۇ چاغدا تۆمۈر-زەمىرەلەر شۆھرەت ئەر-ئايال ئىككىيلەننى بىزنىڭ شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۆيىمىزگە باشلاپ كەلگەن بولۇپ، بىز شۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆيىمىزدە بىر قېتىم مېھمان قىلغان ئىدۇق. بىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئىنىمىز بىلەنمۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تونۇشىمىز.

j12_timour.JPG

12-رەسىم: ئالدىنقى كۈنى، يەنى 2014-يىلى 7-دېكابىر كۈنى تۆمۈر بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن بولۇپ، بۇ رەسىمنى شۇ چاغدا مېھمانلىق ئۆيىمىزدە چۈشكەن.

كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم زاپچاس ئىنگلىزچە «central processing unit» دەپ ئاتىلىپ، ئۇ قىسقارتىلىپ «CPU» دەپ يېزىلىدۇ. كومپيۇتېرلاردا CPU دىن سەل كېيىنرەك تۇرىدىغان «مەركىزىي گرافىك زاپچىسى» (graphics core) دەپ ئاتىلىدىغان بىر زاپچاسمۇ بار بولۇپ، مۇشۇ ئىككى خىل زاپچاس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مۇھىم كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئامېرىكىدىكى «ئىنتىل» (Intel) دېگەن شىركەت دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىنگلىزچە «Advanced Micro Devices» ياكى «AMD» دەپ ئاتىلىدىغان شىركەت بولسا يۇقىرىقىدەك كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھەر ئىككىسى كالىفورنىيەدىكى كرىمنىي جىلغىسىغا جايلاشقان. دوكتور تۆمۈر پالتاش ھازىر AMD شىركىتىنىڭ «مەركىزىي گرافىك زاپچىسى» نى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار تەتقىقاتچى خادىملاردىن 15 تىن ئارتۇق كىشى ئىشلەيدۇ. مەن ئۇنى تونۇغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئۆز كەسپىگە جان كۆيدۈرۈپ، كۈنىگە 10-12 سائەتتىن قاتتىق ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە 22 دانە ئامېرىكا پاتېنتىغا ئېرىشىپ بولدى. مانا بۇ مېنىڭ تۆمۈرنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان «يېڭىلىق يارىتىش نەمۇنىلىرىنىڭ بىر مىسالى» قىلىپ تاللىشىمدىكى ئاساسىي سەۋەبتۇر.

رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ ھازىر يولغا قويغان يۇقىرى تېخنولوگىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىلىرى بار بولۇپ، تۆمۈر بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى خىزمىتىنىڭ سىرتىدا شۇلار ئۈچۈن مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ھەر يىلى بىر-ئىككى قېتىم قازاقىستانغا بېرىپ، شۇ يەردىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئىككى ھەپتە كۈنىگە 8 سائەتتىن دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى ئۇ ئاشۇ ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە بىر مەۋسۇملۇق دەرستىن بىرنى ئۆتۈپ تاماملاپ كېلىۋاتىدۇ. تۆمۈر قازاقىستاننىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسىغا مېنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈم NASA غا خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى شىركەتلەردە قىلغان ئىشلىرىم ئاساسىدا قوشۇمچە ئىشلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدۇم. ھازىرچە بۇ ئىش تېخى رەسمىي ئەمەلىيلىشىپ بولالمىدى. ئەگەر مېنىڭ يولۇم ئوچۇق بولغان بولسا، مۇشۇنداق ئىشنى مەن ئالدى بىلەن ئۆز يۇرتۇم بىلەن ئۆز خەلقىمگە قىلىپ بەرگەن بولاتتىم.

خۇددى يۇقىرىدىكى بايانلاردىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، تۆمۈرنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىپ بېرىش كۆڭلى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. ئۇ شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ.

مېنى ھازىر ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان بىر ئەھۋال شۇكى، ھازىر ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە دۇنيادا بار بولغان مۇھىم كەسىپلەرنىڭ خېلى كۆپىدە بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقتى. يەنە بىر قىسمى بولسا ھازىر تەربىيىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشكەن كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس بولۇپ، مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان تۆمۈر پالتاش شۇلارنىڭ بىر مىسالى. ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىنىمىز قەيسەر مىجىت يېقىندا «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىسىدا ئامېرىكا قاتارلىق چەت ئەللەردە كىنىشكىلىق تېببىي دوختۇر بولغان ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى [7]. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانداق جاپالىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ دوختۇر بولالىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ يازمىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قەيسەر مىجىتنىڭ بۇ يازمىسى كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ تېببىي دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشنى نىشان قىلغان ئىنى-سىڭىللارنىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەن بۇ يەردە تۆمۈر پالتاش، شۇنداقلا قەيسەر مىجىت ئۆز يازمىسىدا تىلغا ئالغان ئىلغار كىشىلىرىمىزگە قوشۇمچە قىلىپ، يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۇكىلىرىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. سىڭلىمىزنىڭ ئىسمى ئاينۇر ئابدۇرازاق. ئۇ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئىنگلىزچە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇڭا بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئاينۇر سىڭلىمىزنى تونۇيدۇ. بۇ تەقۋادار سىڭلىمىز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختىدىكى جورجتاۋۇن (Georgetown) ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر ئىلمى (computer science) كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ئۇ NASA نىڭ «گوددارد ئالەم مەركىزى» (Goddard Space Flight Center) گە خىزمەتكە كىرىپتۇ (مەن بۇ ئىشتىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپتىم. گوددارد ئامېرىكىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان.  بىزنىڭ ئىدارىمىز  ج پ ل بولسا ئامېرىكىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ئايروپلان بىلەن ماڭسا 5.5 سائەتلىك يول). ھەمدە ھازىر دېڭىز بىئولوگىيىسى ساھەسىدە سۈنئىي-ھەمراھلار ئارقىلىق توپلىغان ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر خىل ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلاپ بېرىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. مەن بۇ سىڭلىمىزنى ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىدىلا تونۇيتتىم (ئاينۇر مېنىڭ ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۇغقان كېلىدۇ). بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ھازىر NASA دا يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككى بولدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاينۇر سىڭلىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن-مۇبارەك بولسۇن، ئاينۇر سىڭلىم! ئاينۇر سىڭلىمىزمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ھەممە ئوقۇشنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان. ئاينۇرنىڭ ئېرى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىمۇ خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلەر تونۇيدۇ. ئۇمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كومپيۇتېر ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ مەرىلەند (Maryand) شتاتىدىكى بىر شىركەتتە ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ ئىنىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەردى. مەسىلەن، 9 يۆنىلىشلىك ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يۇلغۇن تور لۇغىتىنى مۇشۇ ئىنىمىز ياساپ چىققان. يۇلغۇن ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقى يۇمشاق دېتالىنىمۇ مۇشۇ ئۇكىمىز ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ھازىر چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئىككى يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئاشۇ يۇمشاق دېتاللاردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، يۇقىرىقى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىقىشتىن بۇرۇن مۇھەممەتجان ئۇكىمىز يەنە «LaTex» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئىشلەپ چىققان ئىدى. ئۇ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەزى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

j13_aynur_19981231.jpg

13-رەسىم: سىڭلىمىز ئاينۇر 1998-يىلى بىزنىڭ شىمالىي كالىفورنىيەدىكى ئۆيىمىزگە كەلگەندە خاتىرە ئۈچۈن چۈشكەن بىر پارچە رەسىم. بۇ رەسىم 1998-يىلى 31-دېكابىر كۈنى تارتىلغان.

مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن، ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، بىزنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلىرىمىزدەك ھەقىقىي ئىلغار كىشىلىرىمىز بار. ھەقىقىي يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ باشلامچىلىرى بار. مىسلىسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز كەسپىدە ھەقىقىي تۈردە تۆھپە يارىتىۋاتقان، ئەمما نام-ئاتاقنى ئازراقمۇ مۇھىم بىلمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئازراقمۇ قىزىقمايدىغان كىشىلىرىمىز بار. خەلقىمىزگە ئاشۇنداق كىشىلەرنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى بەك زور بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئاشۇنداق ياخشى ئۈلگىلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ۋە تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە پايدىسى كۆپ بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۈلگىنىڭ رولى ھەققىدە بىر بولغان ئىشنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا قېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۈمىدسىزلىنىشكە ۋە چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ ماڭغاندا، گېرمان ئەسكەرلىرىنى يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئېتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىر قەھرىماننى تىكلەپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى قانچە گېرمان ئەسكەرلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئەلنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ئىشلىگەن «ئىشىكلەردىكى دۈشمەنلەر» (Enemy at the Gates) دېگەن كىنودا تەسۋىرلىنىدۇ. ئۈلگىنى خاتا تاللاپ قويۇشنىڭ، ھەمدە ئۈلگىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئەمەس، سەلبىي تەرەپلىرىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ زىيىنىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. تەشۋىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كۆڭۈلنى پروگراممىلاش. مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ھەقىقەتنى تولۇق تونۇپ يېتىشنى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


4. ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە

مەن بىر ھەپتە بۇرۇن تورلارغا ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالىسىنى قايتا چىقىرىپ قويدۇم [3]. مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان 9 خىل ئۇسۇل بىلەن يۇقىرىقى ماقالىدىكى مەزمۇنلار ئۆز-ئارا زىچ باغلانغان بولۇپ، مەن ئۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


5. كۆڭۈلنى پروگراممىلاش

بۇ مەزمۇن مەن 2008-يىلى 1-نويابىر كۈنى يېزىپ پۈتتۈرگەن «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىنىڭ بىر بۆلۈمى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلايدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.

تارىختا ھىندىستاننىڭ ئۇدىپۇر دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان. دۈشمەنلەر بۇ جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھنىڭ «پاننادھاي» ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ بالا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئاشۇ جايغا پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ نېمىشقا پادىشاھ بولالىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىزچە ئاشۇ بالىنىڭ قېنىدا پادىشاھلىق بارمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر پادىشاھ بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ھېلىقى خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىغا: «سەن دېگەن بىر شاھزادە. سەن چوقۇم پادىشاھ بولۇشۇڭ كېرەك. دۈشمەنلەر بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزنى تارتىۋالدى. سەن چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنى يېڭىشىڭ كېرەك» دەپ تۇرغان.

ئىنگلىزچىدا «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا «mind programming» دەپ ئاتايدۇ. «mind» نىڭ مەنىسى كۆڭۈل، ئاڭ، نىيەت، ھوش، ئەقىل ۋە خىيال دېگەن سۆزلەرگە يېقىن بولۇپ، «program» دېگەن سۆز پېئىل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، «بىر ئادەمدە بىر خىل خىيالنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ خىيالىنى تۈزلەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرىدىغان ياكى بىر خىل ئالاھىدە ئىش تۇتىدىغان قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايىدىكى بالا «سەن پادىشاھ بولىسەن» دېگەن گەپنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ تەرىقىدە پروگراممىلانغان. نەتىجىدە، ئۇ بالا بىر باشلىق ياكى ھەربىي قوماندان بولۇشنى خالىماي، پەقەتلا بىر پادىشاھ بولۇشنى ئىستىگەن. ھەمدە ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ تەييار تۇرغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق مىساللارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇشنىڭ ئوغلى كىچىك بۇشنىڭمۇ پرېزىدېنت بولۇشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «باشلىقنىڭ بالىسى باشلىق بولىدۇ»، دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرسىمۇ ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر (ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئارقا ئىشىك» 1-ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش»مۇ؟ بۇ سوئالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.)

ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاساسلىق ھوش ۋە قوشۇمچە ھوش. ئىنگلىزچىدا بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ھوشىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئەس-ھوشى بىر «ئىسكىلات باققۇچى» ياكى «ئىسكىلاتچى» غا، قوشۇمچە ئەس-ھوشى بولسا بىر ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئىسكىلاتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەقلى بولمايدۇ. ئۇ ئىسكىلاتقا قاچىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەنلىك، ئىسكىلاتچىغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى ياخشى» دېدىڭىز، ئەمما ئىسكىلاتتا باشقا ئادەملەرنىڭ «سەن دۆت، سەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.» دېگەن سۆزلىرى ساقلانغان، دەپ پەرەز قىلايلى. ئىسكىلاتچى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسكىلاتتا ساقلانغان يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ ئۇچۇر خاتا ئىكەن»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يېڭى، ئىجابىي ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويماي، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ تۈپ قىيىنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ھېكايىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىشىلەر ۋە بىر جەمئىيەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پروگراممىلىيالايدۇ. يۇقىرىقى شاھزادە بىلەن قارمۇ-قارشى ھالدا، بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان «ئۇنداق قىلما، تەۋەككۈلچىلىك قىلما، ساراڭلىق قىلما… سەن دۆت، سېنىڭ قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ …» دېگەندەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن پروگراممىلىنىپ كەلدۇق. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

ھازىر ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئۆز كۆڭلىڭىزنى توغرا يۆنىلىشتە پروگراممىلىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۈچلۈك تېخنىكىلار ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاساسلىق ئەس-ھوشقا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۇچۇر قاچىلايدۇ. سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىڭىزدىن ئىبارەت بۇ «ئىسكىلاتىڭىز» غا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇچۇرلار؟ ئۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قايسى يۆنىلىشتە پروگراممىلايدۇ؟ بىر دەم كۆزىڭىزنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ، مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ.


6. ئاخىرقى سۆز

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تورلارغا چىقارغان «ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دېگەن ماقالىسىدە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇزىمۇھەممەد مۇئەللىم تورلارغا «2015-يىلى بىز ئۈچۈن نېمە يىلى بولۇشى كېرەك» دېگەن يەنە بىر ماقالىنى يوللاپ [8]، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى تەشەببۇسنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تور ئىسمى «86» بولغان يەنە بىر قېرىندىشىمىز تورلارغا «(مۇراجىئەت) 2015-يىلى بىزنىڭ ‹كىتاب ئوقۇش يىلى› مىز بولسۇن» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يوللاپ، 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشنىڭ بىر قىسىم كونكرېت تەدبىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى [9]. شۇنداقلا تور ئىسمى «مائارىپ» بولغان يەنە بىر قېرىندىشىمىز تورلارغا «2015-يىلىدا مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ» دېگەن تېمىنى يوللاپ، ئوقۇرمەنلەرگە بىر قىسىم ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلدى [10]. مۇشۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا تورلارغا مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ئۈرۈمچىدە بىر چايخانىغا لىققىدە كىتابلار تىزىلدى» دېگەن يەنە بىر خەۋەر چىقىپ [6]، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تورداشلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. بۇ چاقىرىق، تەشەببۇس ۋە تەكلىپلەردىن، ھەمدە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان ئىجابىي ئىنكاسلىرىدىن مەن ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن. مېنىڭچە بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى يۈزلىنىش بولۇپ، خەلقىمىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىنى 5 يىل، 10 يىل، 20 يىل، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق بولغان ۋاقىتلاردا چوقۇم كۆرىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ئىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى تەتىللەردە داۋاملىق يېزىغا بېرىپ، تۇغقانلارنىڭ ئورنىغا ئىشقا چىقىپ، ياكى ئۆزۈم بىر ئايرىم ئەمگەكچى بولۇپ ئىشلەپ، تۇغقانلىرىمغا ياردەم قىلغان ئىدىم. مەن قىش كۈنلىرى قىلغان ئەمگەكلەرنىڭ بىرى كالا ھارۋىسى (يەنى ھەممە يېرى ياغاچتىن ياسالغان يارىيا ھارۋا) بىلەن ئېتىزلىقلارغا ئوغۇت ياكى توپا توشۇش بولغان ئىدى. گەرچە مەن شەھەردىكى بالىلار ئىچىدە قولىدىن ئەڭ ئىش كېلىدىغان بالىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بولساممۇ، يېزىدا بەزىدە مېنىڭ ھارۋام بۇزۇلۇپ قالسا مەن ئۇنى ئوڭشىيالماي، مەن بىلەن ئوخشاش ياشتىكى دېھقان بالىلار مېنىڭ ھارۋامنى ئوڭشاپ بەرگەن ئىدى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە، ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى دۆت ئىكەنلىكىمگە يۈزۈم قىزارغان ئىدى. مەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يۇرتقا بېرىشقا يول قويۇلغان ۋە يۇرتقا بارغان ۋاقىتلىرىمدا ئەنە ئاشۇ بۇرۇنقى يېزىلارغىمۇ باردىم، ھەمدە دېھقان تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۆزۈم ئۇچرىتالىغان بالىلارنى كۈچۈمنىڭ بارىچە گەپكە سالدىم. شۇ چاغدىمۇ ئۇ بالىلارنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇلاردىمۇ شەھەرلىك بالىلاردا بار بولغان شارائىتلار بار بولغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ چوڭ بولغاندا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ چىقالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

يېقىنقى بىرەر ئاينىڭ مابەينىدە مېنىڭ ماقالىلىرىمنىڭ ئاستىغا بەزى ئۇكىلار ھازىر يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا زادىلا قىزىقمايدىغانلىقى، ئاشۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە مېنىڭ مەسلىھەت بېرىشىمگە موھتاج ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنكاس يازدى. يېزىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا قىزىقماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار بولۇپ، مېنىڭچە ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مۇنداق ئىككى سەۋەبمۇ بار: (1) ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەسلىك. (2) بىلىمنىڭ نەدە ۋە قانداق تەرىقىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك. بۇ يەردىكى 1-مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما 2-مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇيغۇرلاردا ھازىر بىر قىسىم ئىمكانىيەتلەر بار. ئۇ بولسىمۇ يېزىلاردىكى بالىلارنى شەھەرلەردىكى زامانىۋى شىركەت-كارخانىلارغا ئاپىرىپ، ئۇلارنى مۇددەتلىك ھالدا ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ تۇرۇش. يېزىلاردىكى بالىلارغا قارىغاندا شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۈستۈنرەك بولىدۇ، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىمۇ كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، شەھەردىكى بالىلارنىڭ كۆپنى كۆرۈش پۇرسىتى يېزىلاردىكى بالىلارنىڭكىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. يەنى، كۆپنى كۆرگەن كىشىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆپنى كۆرمىگەن كىشىگە قارىغاندا جىق ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېزىلاردىكى بالىلارنى بىلىمنىڭ قانداق يەرلەردە قانداق شەكىلدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يېزىلاردىكى مائارىپچىلارنىڭ بۇ تەكلىپ ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قەشقەرنىڭ يېزىلىرىدىكى بالىلارنى ئۈرۈمچىدىكى شىركەت-كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھازىرقى شارائىتتا ئاساسەن مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنى قەشقەر شەھىرىدىكى ۋە قەشقەرنىڭ ناھىيە بازارلىرى ئەتراپىدىكى شىركەت-كارخانىلارغا ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەن نەچچە توپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى داۋاملىق ئۇچرىتىمەن. ھەر قېتىم ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بالىلارنى ئويلاپ، ھەسرەتلىنىمەن. ھازىر ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر يېنىك مەسىلىلەر ئەمەس، ئاز مەسىلىلەرمۇ ئەمەس. ئەمما ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغاندا، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنىڭ زىيىنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا قارىغاندا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ياشىغان ياخشى. مېنىڭچە يېزىدىكى بالىلارنى كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن قالسىلا يۇقىرىدا تەكلىپ قىلىنغان ئىش، يەنى ئۇلارنى شەھەردىكى زامانىۋى شىركەت-كارخانىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ تۇرۇش ئىشى ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ ئاشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم بىلەن ياپوندا بىللە بولغان ۋاقىتلار»
http://bbs.izdinix.com/thread-60825-1-1.html

[2] بىلىمخۇمار: «گېرمانلارنىڭ 7 خىل كىشىلىك خاراكتېرى»
http://bbs.izdinix.com/thread-60947-1-1.html

[3] بىلىمخۇمار: «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە»
http://bbs.izdinix.com/thread-60965-1-1.html

[4] بىلىمخۇمار: «ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»
http://bbs.izdinix.com/thread-61063-1-1.html

[5] Nine Ways To Be More Creative
<http://www.prevention.com/mind-b ... e-more-creative>

[6] «ئۈرۈمچىدە بىر چايخانىغا لىققىدە كىتابلار تىزىلدى»
http://bbs.misranim.com/thread-132251-1-1.html

[7] قەيسەر مىجىت: «ئامېرىكىدىكى دوختۇر ئۇيغۇرلار»
http://bbs.izdinix.com/thread-60964-1-1.html

[8] 2015-يىلى بىز ئۈچۈن نېمە يىلى بولۇشى كېرەك
./thread-27206-1-1.html

[9] (مۇراجىئەت) 2015-يىلى بىزنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» مىز بولسۇن
http://bbs.izdinix.com/thread-61090-1-1.html

[10] «2015-يىلىدا مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ»
./thread-27272-1-1.html


تۆۋەندىكىسى مەن بۇ يىل (يەنى 2014-يىلى) نىڭ ئىچىدە ئۆيىمىزنىڭ ئالدى-ھويلىسى بىلەن ئارقا-ھويلىسىدا رەسىمگە ئېلىۋالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى. بۇ رەسىملەر مەن ئەسلىدە فېيىسبۇك (Facebook) قا چىقارغان رەسىملەر بولۇپ، بۇ يەردىكى رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئاشۇ فېيىسبۇك ئېكرانىدىن كېسىپ ئالدىم.

j14_hoyla.JPG


j15_hoyla0.JPG

j16_hoyla1.jpg

j17_hoyla2.jpg

j18_hoyla3.jpg

j19_hoyla4.jpg

j20_hoyla5.jpg



148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4115
توردىكى ۋاقتى: 1546
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:52:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە:
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن تورلاردا 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققىدىكى بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش كېرەكلىكى مەسىلىسى تورلاردىكى بىر قىزىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى.  ئاشۇنداق مۇزاكىرلەرگە ماسلاشقان ھالدا مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئۇكىمىز تۆۋەندىكى تېكىستنى كومپيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۇنى فېيىسبۇكتا دوستلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپتۇ.  فېيىسبۇكنى ئاچالمايدىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن مەمەتتۇرسۇن ئۇكىمىزدىن ئىجازىت ئېلىپ، ئاشۇ مەزمۇننى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇم.

= ============== =

كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

دەۋرىمىزدە كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى. ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن. دەرۋەقە، «كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ». ئەمما، كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش، بۇ مۇھىم ماھارەت.

كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە، ئەسلىي مەنبە، ئاساسىي نەزەرىيە مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن، بەلكى، تارقاقلاتما، يەشمە، ۋەقە بايان، ئىچ پۇشۇقى، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى. بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن، ھەقىقىي ئالىملارلا ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. بۇ بىزدە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى، ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يەنى، كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام، تۈر ۋە قىممەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئومومەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە دائىر كىتاب–ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

بىرىنچى، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى. بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ، چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت–بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب–ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.

ئىككىنچى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيتقۇچى كىتابلار. بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت–كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ، ئۇ ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار. بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات–سەنئەتكە دائىر ئەسەر ياكى ئويۇن–كۆرگەزمىلەر، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك، قوللانما، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ.

مېنىڭچە، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش، قاتلام، نۇقتا، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بولىدىغان تەسىرى، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزىم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ.

كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك. شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت. ھەرخىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ. بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان، تەپسىلىي كۆرىدىغان، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ. بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەرە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ. ئومومەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت، قەلەم–خاتىرە ھازىرلىنىدۇ. ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ، سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى. شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت، بەلگە، سىزىق قويۇپ بويۇۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش. بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ، مۇھاكىمە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋاللاردا لۇغەت–قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم. سەن ھەمىشە ئاممىباب، گېزىت سەۋىيەسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ، مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن. مېنىڭچە، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان!

مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى مۈمكىن» دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا بۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى، ھەتتا «بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن» دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۈمكىن.

(«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» كىتابىنىڭ 86–بېتىدىن ئېلىندى)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6587
توردىكى ۋاقتى: 1551
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 19:27:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭلار مىللىتىمنىڭ سەركە سەۋازلىرى...

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 19:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(9) ئازراق ئىچىپ قويۇش

ما ئېچىپپ قويۇش تازا بومايدىغان ئىشمىكىن!

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4354
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 20:37:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Umut903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 19:49
(9) ئازراق ئىچىپ قويۇش

ما ئېچىپپ قويۇش تازا بومايدىغان  ...

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى 9-ئۇسۇل ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەگەر مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىغا كىرگۈزمىسەم، ئىلىمگە ۋە ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغان بولىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى مەزكۇر ماقالىگە ئەينەن كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2

تېما

5

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 21:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ماقالىلارنى سېغىنىپلا تۇرمەن.

0

تېما

2

دوست

403

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25893
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 23:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.. مىنىڭ ئەڭ دىققىتىمنى تارتقان نوقتا يېزىلىق بالىلار ھەققىدىكى بايانلار بولدى.. يېزىلىق بالىلار بەلكى ناھايىتى ئەقىللىق. ئەمما ئەقىل كانى ياخشى ئېچىلمىغان.. بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىدىيۇ ئېيتىلغىنىدەك بىلىمنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلمىگەن.. ھەتتا بالىسى يەسلىگە كىرگەن مەنمۇ تازا بىلمەيمەن.. كونىلاردا كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلار كۆرمىگەن نىمىنى قىلار.. دىگەن گەپ بار.. بالىلېرىمىز بىلىمدىن ئاۋۋال بىلىمنىڭ قىممەتكە ئايلىنىش يۇسۇنىنى بىلىشى مۇھىمراق مىنىڭچە..
بىر ۋاقىتتا ئا جالالىدىن ياپۇندىكى باشلانغۇچ ئۇقۇغۇچىلېرىنىڭ سائەت ياسىيالايدىغانلىقىنى يېزىپتىكەن.. بالىمىز تۈگۈل بىزمۇ سائەت ياساش ئەمەس سائەتنىڭ ئىشلەش تېخنىكىلېرىنىمۇ چۈشەنمەيمىز...
دىمەكچى, ھەر بىر سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۈرۈپ, چۈشىنىپ چوڭىغان بالىلار چۇقۇمكى ئۆگىنىش ۋە كەلگۈسىگە چوڭقۇرراق تۇنۇشتا بولىدۇ... ئويلاپ قالىمەن.. ساياھەت شىركەتلېرى مەنزىرىلىك جايلارغا ئۇيۇشتۇرغاندەك شىركەت -زاۋۇتلارغا تەپسىلىيرەك بولىدىغان ساياھەت -زىيارەت ئورۇنلاشتۇرسا قاتنىشىدىغانلار قانچىلىك چىقار ؟مەنغۇ ئەلۋەتتە دەسلىپىدە قاتنىشاتتىم..
تېلفۇندا خەتلېرىم تاققا تۇققۇ بوپقالدى.. تورداشلېرىم كەچۈرگەي..

0

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 23:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە  دىگەن  ياخشى  يىزىلغان  ماقالە ھە؛سىزمۇ   ئارام  ئالامسىز   ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )