- تىزىملاتقان
- 2013-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 678
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  35.6%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم باغداشتىكى ئەزىزلەر .
بىز مەكتىپىمىزدە «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلفون تۇتسا بولامدۇ-بولمامدۇ»تېمىسدا مۇنازىرە مۇسابقىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلرايى تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق.شۇڭا ئەزىزلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇنىڭغا بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سورايمىز.ئەلۋەتتە، باغداشتا ئوچۇق پىكىرلىك زاتلار كۆپ، لېكىن، بۇنىڭغا بېلەت تاشلىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفوندىن مۇۋاپىق پايدىلنىش ۋە پايدىلىنالماسلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا بۇ ھەقتە مۇنازىرىگە قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز.
ئەلۋەتتە يېقىندىن بېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفون تۇتۇشى بەكلا ئاۋۇپ قېلۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ پۈتۈنلەي چەكلىمەكچى ئەمەس. لېكىن بىز سىتاستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بىزنى چۆچتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇنىڭغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئويلاشتۇق.
تەكشۈرۈپ چىقىلغان نەتىجە ؛
ئائىلە بىلەن ئالاقىلىشىش %20.552، ئۇچۇر يوللاش %12.17، ئويۇن ئويناش %19.13، تورغا چىقىش %8.99، (مۇڭدىشىش) %39.158 نى ئىگىلەيدىكەن.
تېلفوننىڭ كېلىش مەنبەسى : %71 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بېرىكەن، %9ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ئىشلەپ تاپقان پۇلغا ئالىدىكەن.%12ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى يىغقان پۇلغا ئالدىكەن.%8 ئوقۇغۇچى باشقىلار سوۋغا قىلغان تېلفوننى تۇتىدىكەن.
دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفوندىن پايدىلىنىشتىن كۆرە، پاراڭلىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان.شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ، ئۆزلىرى ياخشى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىمەكچى بولدۇق.
بىراق مەسىلە شۇكى : ئوقۇغۇچى مۇۋاپىق پايدىلىنالامدۇ ؟ ئۇنى كونترول قىلالايدىغان ھالەتتىمۇ ؟
|
|