- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7251
- نادىر
- 0
- يازما
- 631
ئۆسۈش
  45.02%
|
ھازىر جەمىيەت مۇرەككەپ، 80- يىللار ۋە 90-يىللاردىكىگە ئوخشىمايدۇ. جەمىيەتتە ئالدامچىلار ۋە ئادەم سودىسى قىلىدىغانلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئەتراپىمدا مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچى ئادەم سودىگەرلىرى تەرىپىدىن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىلا ماشىنىغا مەجبۇرى چىقىرىلىپ نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقلىققا بارغاندا، ئادەم بىدىكلىرى تاماق يەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ بېرىپ ئاممىۋى تېلىفۇندا ئۆيىگە تېلفۇن قىلغان، ئاتا ئانىسى قىزغا تاكسى ماشىنا تۇسۇپ يەرلىك ساقچىخانىغا بېرىشنى تاپىلىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بۇ قاباھەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان، ئاتا ئانىلار بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا بالىلارغا تېلىفۇن ئىشلىتىشكە يول قويسا بۇلىدۇ. لىكىن ئادەتتىكى رەڭسىز ئىكرانلىق تېلىفۇن بۇلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بالىنىڭ تېلىفۇندا سۆزلىشىش خاتىرسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. |
|