«قاسىم سىدىق ئەپەندى» ھادىسەسىدىن ھېس قىلغانلارىم جىمسارى
بايان ئاۋۋال
مەن، باغداش، مىسرانىم، كائىنات ناملىق ۋېبسىتلاردىن (تور بېكىتى دەۋاتىمىز) قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئانچە مۇنچە بىلدىم. بۇ كىشى تەبىئي پەندە بولۇپمۇ فىزىكا ساھەسىدە كەڭ بىلىم ئاساسىغا ئىگە ھەم تەپەككۇرغا باي بولۇپ، يوقۇرىدا نامى ئاتالغان ۋېبسىتلاردا، ئۇيغۇر تىلىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىپتۇ. دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ يازىقىدىكى ۋېبسىتلاردا نەشىر قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ھەم تەرجىمە قىلىپ ياكى ئۇلاپ كۆچۈرۈپ بىزنىڭ كۆرۈپ باقىشىمىزغا سۇنۇپتۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، «شەكىل نەزەرىيەسى»دىگەن بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ نەزەرىيە، دۇنياۋى فىزىكا مۇنبىرىدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئالغان «ئۇلۇقلىرىمىز» نىڭ نەزەرىيەسىگە خىرىس ئالىپ كەپتۇ. مۇشۇسەۋەپتىن، قاسىم سىدىق بىلەن بولغان مۇنازىرەلەر ئەۋج ئاپتۇ. بەزىلەر قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قوللاپتۇ، بەزىلەر، ئۇنىڭغا قارىشى چىقىپتۇ. بۇلارنى مەن، «قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسى» دەپ يىغىنچاقلادىم. مەزگۇر ئەسەردە، مەن «قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىدىن ھېس قىلغانلارىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.
1. قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىنىڭ سەۋەبى
مىنىڭ يۈزەكى بىلىشىمچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى، پەيغەمبەرىمىز ياشىدىن ھالقىغان مويسىپىت كىشى بولۇپ،60 ياشىدىن بۇرۇن، بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپتىكەن. ئۇ، فىزىكا ئىلمىيدە مەخسۇس ئوقۇمىغان بولسامۇ، ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ فىزىكىدىكى شەكىل نەزەرىيەسى بىلەن ھەپىلەشكىلى 30 يىلدىن ئاشىپتۇ. نەتىجەدە، بۇ كىشى، «شەكىل نەزەرىيەسى» دىگەن بىر يۈرۈش نەزەرىيە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەمما، بۇ كۆزقاراش، دۇنياۋى نوپوزغا ئىگە بولغان ئىلمىي ژورناللاردا نەشىر قىلىنماي، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ژورناللاردا ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋېبسىتلاردا نەشىر قىلىنىپتۇ. بۇئەسەرلەرنى دۇنيادىكى ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان، ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلەرى كۆرگەندىن كىيىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ چۈشەنچەسى بويىچە قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگە قارىتا پىكىر يۈرگۈزگەن. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنى قوللايدىغان پىكىرلەرمۇ، قوللىمايدىغان پىكىرلەرمۇ مەيدانغاچىققان. ئەمما، بۇ ئىككى قاراشتىكىلەر بىرى بىرىنى قايىل قىلالمىغان ھەتتا، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەپەككۈرىدىن ھالقىپ كىتەلمىگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، قاسىم سىدىق ئەپەندى، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىلدىن بېرى، ئاخىرى چىقمىغان بۇ مۇنازىرە، قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىگە ئايلىنىپ قالغان[1،2،3،].
2. شەكىل نەزەرىيەسىدە، قاسىم سىدىق ئەپەندىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئۇيغۇر يوق
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى بىلەن ئەڭ بالدۇر ھەم ئەڭ كۆپ تۇنۇشقانلار ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان. بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇر. ئەمما، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە بېسىقمىدى، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىمۇ ھېچكىم قايىل قىلىپ بۇئەپەندىنى رايىدىن ياندۇرۇپ جىم قىلالمىدى. دىمەك، بۇنىڭغا قارىغاندا، شەكىل نەزەرىيەسىنى مەيلى قوللاسۇن ياكى قارىشى تۇرسۇن، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى تەپەككۇرىدىن ھالقىغان بىلىمگە ئىگە بىرەر ئۇيغۇر يوقتەك قىلىدۇ.
3. قاسىم سىدىق بىر تەبىئى پەن ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ھەپىلەشكىنى تەبىئىي پەن. تەبىئىي پەن دىگەن نىمە؟ تەبىئەتتىكى ئورگانىك ۋە ئىنورگانىك شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىملەر، تەبىئىي پەن دەپ ئاتالغان. تەبىئىي پەن، ئالەم ۋە دۇنيادىكى مەۋجۇد ماددا، جىسىم، ئىنشائات، ھەرىكەت، ئېنىرگىيە قاتارلىقلارنى ئۆگىنەدى ھەم ئۆگىتەدى. تەبىئىي پەننىڭ مەقسەدى، تەبىئەتتىكى ئورگانىك ۋە ئىنورگانىك شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتىگە يۇشۇرۇنغان قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ تاپىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، تەبىئىي پەندىكى يەكۈن ياكى نەزەرىيەلەر مۇنداق 3 ئۇسول بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئوبسېرۋالاش (كۈزۈتۈش، ئۆلچەش، تەجىرىبە قىلىشلارنىڭ ئومۇمى نامى)، ئىككىنچىسى، ھېپوتېزلەش (مەلۇم بايقالغان ئىلىم ئاساسىدا پەرەز ياكى قىياس قىلىشنىڭ ئومۇمىنامى)، ئۈچىنچەسى، مۇئاينەلەش (دەلىللىك ئىسپاتلاش) ئارقالىق روياپقا چىقىدۇ[4]. دىمەك، مۇشۇ 3 ئىشنىڭ بىرىنى قىلغان كىشىنى مەن ئالىم دەپ قارايمەن. مىنىڭچە، قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھېپوتېزلەش ئاساسىدا مەنتىقىلىق مۇھاكىمە قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلەرىگە قاراغاندا، بۇ ھەقتە كەڭ دائىرەدە مەلۇماتلارنى يىققان، ئۆگەنگەن شۇ ئاساستا تەپەككۇر قىلىپ ئاخىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان شەكىل نەزەرىيەسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. مىنىڭچە، ئوقۇغان ئالىم بولماس، قىزىققان ئالىم بولۇر[5]. قاسىم سىدىق شەكىل نەزەرىيەسىگە ئائىت ئىلىمگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. شۇڭا 30نەچچە يىلدىن بېرى شارائىت يار بەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇ ھەقتە زېرىكمەي، تېرىكمەي ئىزدەنگەن. بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يوقۇرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغان كىشى، مەلۇم سەۋىيەدە ئىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ روھىنى ئۆگۈنەشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا، فىزىكا ئىلمىي بىلەن ھەپىلەشكەن كىشى ئاز بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسامۇ، مۇنازىرەگە قاتناشقانلارغا قاراغاندا، 100نەپەرگە يېتىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇلاردىن، قاسىم سىدىق ئەپەندىدەك كۆپ ئەسەر يازغان ھەم شەكىل نەزەرىيەسىدەك دۇنياۋى يىڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويغانلار قانچىلىك بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. خۇلاسەم شۇكى، مەيلى قانداق بولسۇن، قاسىم سىدىق ھېچ بولماغاندا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تەبىئىي پەن ئالىمى بولۇشقا مۇناسىپ.
4. مۇنازىرەسىز ئىلىم، راۋاج تاپماس
فىزىكا ئىلمىي راۋاج تاپىشى كېرەك. بۇ زامانىمىزنىڭ تەقەززاسى. شۇڭا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە بۇ ساھەگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنىپ نۇرغۇن كىشى ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئىزدىنىش بولۇدىكەن، يېڭى پىكىر مەيدانغا كىلىدۇ. يېڭى پىكر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن، مۇنازىرەگە سەۋەپ بولۇدۇ. تالاش-تارتىشتا توغرا-خاتاسى ياكى خىسلەتى ۋە ئىللەتى ئېنىقلىنادى. شۇڭا، مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، ئوتتۇرىغا قويۇلمىغاندىن قويۇلغانى مىڭ ئەۋزەل. كۈندۈز بولماسا، ئۆلمەمدۇ كىشى، كىچە بولماسا، ھارمامدۇ كىشى. ئىللەت ۋە خىسلەت تەڭشەپ تۇرماسا، توختاپ قالمامدۇ جاھاننىڭ ئىشى[5]. دۇنيادا بەزى توغرابولغان پىكىرلەر، زامانداشلارى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ھەتتا، يۇز يىللاردىن كىيىن توغرالىقى ئىسپاتلانىپ ئېتىراپقا ئېرىشكەن مىساللارئاز ئەمەس. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى، مۇنازىرەگە مۇھتاج. مەلۇم ئىلىمنىڭ بىر ئەھلى بولماي تۇرۇپ، قۇلاق موللىسى ياكى سۆزمەن بولغانلار، ھېسياتقا تايانغانلار، مۇنازىرە ئەخلاقىغا شەرتى توشماغانلار، ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرەنى كۆرۈپ ئاڭلاپلا قويۇشى، مۇنازىرەگە چۈشمەسلىكى ئاقىلانىلىك بولۇدۇ. قاسىم سىدىق ئەپەندىمۇ، ھەممە مۇنازىرچىگە ئېتىبار بېرىپ كەتمەسلىكى، زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى مۇھىم مەسەلىلەرگە قاراتقانى جۆن. مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تىمادىن چەتنىمەسلىكى، مەرگەزى ئىدىيەدىن ھالقىماسلىقى، نوپوزلۇق مەلۇم كىشىنى دەستۇر قىلىۋالماسلىقى، پەقەتلا ئۆزىنىڭ مەنتىقىلىق مۇھاكىمەسىنى ئاساس قىلىشى، قاپىيە قوغلاشماسلىقى ھەم شەخسىگە ھۇجۇم قىلماسلىقى شەرت. شۇنداق بولغاندىلا مۇنازىرە بولۇدۇ، شۇندىلا مەنتىقىلىق مۇھاكىمەگە يول ئېچىلىدۇ.
بايان ئاخىر
مىنىڭ فىزىكا ئىلمىدىن خەۋەرىم يوق. شەكىل نەزەرىيەسىدىن سۆز قىلىشنى ئۆزەمگە راۋا كۆرمەدىم. پەقەتلا، بۇرادەرلەربىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ۋېبسىتلاردىن كۆرگەن قاسىم سىدىق ئەپەندى ھادىسەسىگە قاراتا، ھېس قىلغانلارىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم. مۇمكىن بولسا، ئېنگلىزچە ياكى روسچە بىلىدىغانلار، قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھىم دەپ قارىغان ئەسەرلەرىنى شۇ تىلدىكى نوپوزلۇق ژورناللارغا ئوبدان تەرجىمە قىلىپ ياكى شۇ ژورنال تەلەبى بويىچە يازىپ يوللاپ باققان بولسا دىگەن ئۈمۈددەمەن.
مەنبە ئەسەرلەر
[1] kayinat.com دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر. [2] BBS. Bagdax.cn دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر. [3] misranim.biz دىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر [4] academiye.com «تەبىئى پەن ۋې ئۇنىڭ خاراكتېرى». academiye.com[5]«ئىللەت ۋە خىسلەت».
./thread-27567-1-1.html
|