بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-28 10:31
ziya يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 17:18 
يەنە ئوخشاش نۇقتىغا چۈشەمدۇ؟
تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلمىنى ...
يەنە ئوخشاش نۇقتىغا چۈشەمدۇ؟
تۆۋەندىكىدەك قۇرۇلمىنى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ياكى ۋاگۇننىڭ تۇرۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاپتۇمۇبىل ياكى ۋاگۇن قوزغالمىغان ۋاقىتتا تەجىربە ئېلىپ بېرىپ شارلارنىڭ چۈشكەن ئورنىنى خاتىرىلىۋالىمىز.ئاندىن كىيىن ئاپتۇموبىل ياكى ۋاگۇن قوزغالغان،ئوخشىمىغان تەكشى تېزلىكلەردە كىتىۋاتقان ۋاقىتتا تەجىربىنى تەكرارلايمىز.ئاپتوموبىل ياكى ۋاگۇن تەكشى تېزلىكتە مېڭىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ شارچىلار قوزغالمىغان ۋاقىتتا چۈشكەن ئورنىغا چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ؟.سەۋەپلىرى قايسى؟.
ئەسكەرتىش: 1.ئاپتوموبىل ياكى ۋاگۇننىڭ تورۇسى بىلەن پولىنىڭ ئارىلىغىنى 2مىتىر،قوزغالغان ۋاقىتتىكى تېزلىكنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100كىلومىتىر سائەت ۋە 70كىلومىتىر سائەت دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى. 2.قورۇلمىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا شارچىلارنى ئاپتوموبىل ياكى ۋاگۇننىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە قارشى تەرەپكە تاشلايدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ.
ئالاقىدار فىلىم ئۇلىنىشى:
قېنى،خالىغانلار مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
_____________________________
بۇ مۇھاكىمىدە ئەركىن چۈشكەن شارچىلارنىڭ ھەركەت شەكلى زادى قانداق،ئۇلار تۆز سىزىق بويىچە چۈشەمدۇ ياكى ئەگرى سىزىق بويىچە چۈشەمدۇ؟،ئاپتۇمۇبىل ياكى ۋاگۇننىڭ ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن چۈشىۋاتقان شارچىنىڭ يۆنلىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەر ۋە ۋاقىت قاتارلىقلار ئويلۇنۇش دائىرىمىزدە بولىشى كېرەك.
|