- تىزىملاتقان
- 2012-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5265
- نادىر
- 0
- يازما
- 481
ئۆسۈش
  5.3%
|
otnaalam يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 21:22 
‹‹خالىدە ئىسرائىل ››نىڭ ‹‹كەچمىش ››دىگەن كىتابى بەك ...
ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ يىغلىۋەتمىدىم،لىكىن ئۇنىڭ بىرسى بولدۇم !
خالىدە خانىمنى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر تولۇق تونىمايدۇ ،تونىسىمۇ بەكلا يۈزەكى.مەنمۇ بەك كىچىكىپ تونۇغان ،بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتىمىزدا دۇنياۋى يازغۇچىدىن بىرسى چىقىپتۇ دەپ شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم .ھازىرغىچە تورردا ،مەتبۇئاتلاردا بارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم ،ھەتتا ئادەتتىكى يازغان بىر پارچە ئىنكاسىنىمۇ(خالىدە خانىمغا مۇناسىۋەتلىك) نەچچە قىتىم ئوقۇيمەن .ئاللاھ تىنىنى ئامان قىلسۇن ...دۇئالىرىمدا ھەر ۋاقىت ئەسلەگلىك....
خالىدە خانىمدىن بىر كىچىككىنە ئۈمۈدۈم بار .ئورخان پامۇك ئۆزىنىڭ «ئىستامبۇل» دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلدەك تارىخى مەدەنىيەتلىك شەھەرنى دۇنياغا تونۇتقان بولسا ،دۇنيادىكى باشقا ئالىم-يازغۇچى،شائىرلار ئۆز ۋەتىنىنى ،تۇغۇلغان يۇرتنى قەلەمگە ئىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان .قەشقەر ئۇيغۇرغىلا ئەمەس ،پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر شەھەر ،بۇنى ئىسپاتلاش بىھاجەت.مۇشۇنداق تارىخى ئۇزۇن بىر مەدەنىيەتلىك شەھەرنى ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ رىۋايەت كەبى ئۇزۇن-ئۇزۇن كوچىلىرىنى يازغۇچىلىرىمىز رومان دەرىجىسگە كۆتۈرۈپ باقمىدى (تۆشۈك مۇنچاقتىن باشقا).شۇڭا كەچمىشنى ئوقۇغاندىن كىيىن خالىدە ھەدەمگە مۇشۇ بىر تىلىكم ،ئۈمۈدۈم تۇغۇلدى .ئاللاھ خالىسا مۇشۇ تىلىگىم ئەمەلگە ئاشسا دەپ تىلايمەن .
بىرسىنى ماختاش ،بولۇپمۇ زىيادا كۆپتۈرىۋىتىش ياخشى ئەمەس .بىراق خالىدە خانىم ھەقىقەتەن ماختالغۇدەك ،باشقا ئىلىپ كۆتۈرگىدەك ئىسىل يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى.قەدىرىگە يەتسەك بولاتتى..... |
|