بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 21:36
كىتاپ ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ
ئىنساننىڭ گۆھىرى تىللاسى كىتاپ، ئەجىرنىڭ گۈلتاجى جەۋھىرى كىتاپ. سەن بىلەن گۈللىنەر ئۇلۇغ ۋەتىنىم، ئەجداتتىن –ئەۋلاتقا تۇتىيا كىتاپ. ھەر بېتىڭ ھەسەلدۇر تاتلىقىم كىتاپ، ھەرە بوپ سېنىڭدىن بال ئالاي كىتاپ. سېنىڭدىن ئىلىگ ئەپ ھەر كۈنى- تۈنى، قابىل بوپ يېتىلەي قۇدرىتىم كىتاپ. بوۋامنىڭ سۆزلىرى سېنىڭدا كىتاپ، يۇرتۇمنىڭ گۈل بېغى سېنىڭدا كىتاپ. ئوت يۈرەك ئوغلانلار سەندە مۇجەسسەم، غالىپلار شەجەرى بىر ئۆزۈڭ كىتاپ. قەدىرلەي مەن سېنى ئۇلۇغۇم كىتاپ، قەلبىمنىڭ تۆرىدە نۇر زىيا كىتاپ. يولۇمنىڭ ،ئەقلىمنىڭ ماياكى كىتاپ سەن بىلەن ھاياتىم نۇر چاچسۇن كىتاپ!
2014 -يىل 1-دېكابىر قومۇل |